'خىتاي يەنە بىر قەدىمىي مەدەنىيەتنى يوقىتىۋېتىش تەھدىتى سېلىۋاتقان پەيتلەردىكى قان ۋە قورقۇنچقا تولغان بەخت كوچىسى' (1)

يېقىندىن بېرى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. يەكشەنبە كۈنى ئەنگىلىيىدە نەشردىن چىقىدىغان كۈندىلىك پوچتا گېزىتىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بولغان، "خىتاي يەنە بىر قەدىمىي مەدەنىيەتنى يوقىتىۋېتىش تەھدىتى سېلىۋاتقان پەيتلەردىكى قان ۋە قورقۇنچقا تولغان بەخت كوچىسى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-12-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ  ﭘﯧﺘﺮ ﺧﯩﺘﭽﯧﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻫﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺑﯘ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﭘﯧﺘﺮ ﺧﯩﺘﭽﯧﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻫﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
www.dailymail.co.uk ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

بۇ ماقالە پېتر خىتچېن تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋندىكىچە.

ئەنگىلىيىدە نەشردىن چىقىدىغان كۈندىلىك پوچتا گېزىتىدىكى "خىتاي يەنە بىر قەدىمىي مەدەنىيەتنى يوقىتىۋېتىش تەھدىتى سېلىۋاتقان پەيتلەردىكى قان ۋە قورقۇنچقا بولغان بەخت كوچىسى" ناملىق ماقالىدە ئاپتورنىڭ قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىدا چۈشكەن رەسمى قويغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ قەشقەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتتا بارغانلىقىنى ۋە بۇ سەۋەبلىك كوچا - كوچىلاردا قۇربانلىق قىلىنغان قويلارنىڭ قانلىرىنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ يازىدۇ:

-- بۇ كوچىلاردىكى قانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنغان قويلارنىڭ قېىنى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن دىيەلەيمەن. ئەمما خىتايدىكى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە زورىيىۋاتقان خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسىتى سايىسىدە بۇ كوچىلاردا ئادەم قېنىمۇ ئېقىپ باققان. خۇدا ساقلىسۇن، ئەمما يەنە شۇنداق بوپ قېلىشى مۇمكىن.

-- بىز ھازىر بۇ كوچىلاردا قانچىلىك كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلمەيمىز. گەرچە خىتاي تىجارەتنى قويۇۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇچۇرنى قويۇۋەتكىنى يوق. يەرلىك خەلقلەر سىياسەتكە تاقىشىدىغان ھەرقانداق گەپنى ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن تۆۋەن ئاۋازدا قىلىدىكەن.

-- ئۆتكەن يىلى ئولىمپىكتىن بۇرۇن قەشقەردە ئىككى كىشى ھەربىيلەرنىڭ ئارىسىغا ئابتوموبىل ھايداپ كىرىپ پىچاق ۋە ئۆزلىرى ياسىۋالغان قول بومبىلىرى بىلەن 17 ئەسكەرنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. كېيىن بۇنى قىلغان ئىككى كىشى قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇلار مەنچە بېشىغا ئوق ئېتىش ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلگەن بولسا كېرەك. چۈنكى خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنى بېشىغا ئوق ئېتىش ئارقىلىق ئىجرا قىلىش ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئاساسلىق جازالاش ئۇسۇلى.

ئاپتور ماقالىسىدە يەنە، خىتايلار 30 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر دىيارىغا ئېقىپ كېلىپ بۇ يەرنى ئۆزلىرىنىڭ ماكانى قىلىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكتىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنىڭ ئۆرلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:

-- ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە بىرىنچى كۈنى غەزەپلەنگەن مۇسۇلمان ئامما خىتايلارغا ھۇجۇم قىلغان قىلغان. رەسمىي رەقەملەردىن قارىغاندا، ئۇ كۈنى ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 156، يارىلانغانلار بولسا 800 ئەتراپىدا. ئەمما كېيىن خىتايلار تۆمۈر كالتەك، پالتىلار بىلەن خۇددى خۇنخور قىساسچىلاردەك ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلدى. كىشىلەرنىڭ دېگىنىگە قارىغاندا، ئۇ كۈنكى ھەقىقىي "قاسساپ"لار ئۆلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ سانى بىرىنچى كۈندىكى ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەن. بەزىلەر ئۆلگەنلەر 2000 ئەتراپىدا دەيدۇ.

ئاپتور ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

-- ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن خىتايلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردىمۇ بىر - بىرىگە يېقىن كېلىشتىن قورقىدىكەن. بىر ئۇيغۇر قىز ماڭا ئۆزىنىڭ خىتاي دوستى بىلەن كۆرۈشكەندە، باشقا ئۇيغۇرلاردىن ئۆزىنى يوشۇرۇشقا تىرىشدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. بىر خىتاي ئاھالىسىمۇ ماڭا "شۇنچە ئۇزۇن يىل بىرگە ياشىغان كىشىلەر سىزگە تۇيۇقسىز يۈزىنى ئۆرىگىنىدە، سىز ئۆزىڭىزنى ھەرگىزمۇ بىخەتەر ھېس قىلمايسىز " دېدى.

-- قەشقەرنىڭ مەركىزىدىكى مەيداندا ماۋزېدۇڭنىڭ ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەمما قەشقەر ئىككىگە ئايرىلىپ كەتكەن. بىرىسى پۈتۈنلەي خىتايلار ئولتۇراقلاشقان رايون. يەنە بىرىسى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئولتۇراقلاشقان رايون. بىرىسىدە ماۋزېدۇڭنىڭ قول پۇلاڭشىتىپ تۇرغان ھەيكىلى. بىرىسىدە بولسا قەدىمىي ھېيتگاھ مەسچىتى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

ماقالىنىڭ ئاپتورى پېتر خىتچېن قۇربان ھېيت كۈنىدىكى سەھەردىكى ھېيتلىق نامازنىڭ مەنزىرىسىنى ماقالىسىدە تەسۋىرلەپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ ھېيت كۈنى سەھەردە ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئالدىنىڭ مىغ- مىغ ئادەمگە توشۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەسكەرلەرنىڭمۇ ئۇ يەرنى قورشاۋغا ئالغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ناماز قىلىۋاتقاندىكى كۆرۈنۈشىنى تەسۋىرلىگەندىن كېيىن ماقالىسىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلىدۇ:

-- ئۇلار يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ھېيىت نامىزىنى قىلىۋاتقاندا، بۇ كىشىلەرنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىبادەتنى، مانا مۇشۇ تۇپراقلاردا داۋام قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئويلىغىنىڭىزدا ھاياجانلانماي تۇرالمايسىز. بۇنىڭ ھەم بىر خىل نامايىش ئىكەنلىكىنىمۇ ئويلىماي تۇرالمايسىز.

-- ناماز تۈگەپ كۈن يورۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، بىر قانچە سازەندىلەر مەسچىتنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مۇزىكىسىنى چېلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن پەستىكى توپ - توپ كىشىلەر ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ مۇزىكىسى ۋە ئۇسسۇلى ئۆزگىچە ئىدى. ماڭا تولىمۇ يات بىلىندى.

-- ئۇسۇل ئويناۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىرايى سوغۇق، كىيىملىرىمۇ ناچار. ئۇسسۇل ئوينىغاندا ھېچقانداق بىر ھاياجان ئىپادىسى يوق، چىرايىدا كۈلكىمۇ يوق ئىدى. بۇ قەدىمىي ۋە جەڭگىۋار بىر مەدەنىيەتنىڭ نامايەندىسى بولسا كېرەك. كېيىن مەن، بۇندىن 20 يىللار بۇرۇن مەيدانغا توپلانغان پۈتكۈل كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ساماغا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاستا - ئاستا يوقىلىۋاتقانلىقىنى ياكى مۇنداقچە ئېيىتقاندا يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم ....   
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت