قەشقەردە ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرۇت قويۇشى چەكلەندى

قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى 2007 ‏ - يىلى 25 ‏ - نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرۇت قويۇشىنى چەكلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009-02-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎﻝ - ﺑﯘﺭﯗﺗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﺎﻝ - ﺑﯘﺭﯗﺗﻠﯘﻕ ﯞﻩ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

مەزكۇر ھۆججەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قىياپەت ئۆلچىمى بەلگىلىمىسى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ھۆججەتتىكى ماددىلاردىن بىرىدە بۇرۇت قويۇش ئېنىق ھالدا چەكلەنگەن بولغاچقا، مەزكۇر قائىدە ئامما ئارىسىدا "بۇرۇت چەكلەش تۈزۈمى" دەپ ئاتالغان.

بىز بۇرۇت چەكلەش تۈزۈمى ھەققىدە ئالدى بىلەن قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىدۇق. مەسئۇل خادىم بۇرۇت چەكلەش تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، بۇ تۈزۈمنىڭ مىللىي كىملىككە قارىتا چەكلىمە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.
 
قەشقەر ۋىلايەتلىك تەشكىلات ئىدارىسىكى بىر خادىم، بۇرۇت چەكلەش تۈزۈمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇرۇت چۈشۈرۈۇش جەريانىدىكى تەسىراتىنىبايان قىلدى.

بۇرۇت قويماسلىق قەشقەردە بىر قانچە يىلدىن بېرى تەشەببۇس قىلىنىپ كەلگەن. ئەمما بۇ تەشەببۇسقا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولمىغان. نەتىجىدە قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، مەخسۇس 25 - نومۇرلۇق ھۆججەت چۈشۈرۈپ بۇرۇت قويۇشنى چەكلىگەن.

بۇ ھۆججەتكە ئاساسەن ئىدارە - جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. بۇ تۈزۈم بويىچە بۇرۇت قويغۇچىلارغا 100 يۈەندىن 300 يۈەنگە قەدەر جىرىمانە قويغان. بۇنىڭلىق بىلەنمۇ ئىدارە ‏ - جەمئىيەتلەر بۇرۇتلۇقلاردىن خالىي بولۇپ بولالمىغان، نەتىجىدە مەكتەپلەردە، مۇشۇ ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن باشلاپ بۇرۇت قويغانلارنى خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى قوللىنىلغان.

قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ مەسئۇلى بۇرۇت چەكلەش تۈزۈمى ھەققىدە قاراشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بىلەن بۇرۇت چەكلەش تۈزۈمىنىڭ غايىسىنىڭ ئوخشاشلىقى، ھەر ئىككىسىدىكى مەقسەتنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ دېگىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ "جۇڭخۇا" كىملىكىنى كۈچەيتىش يەنى "ئۇيغۇر" كىملىكىنى ئاجىزلىتىش ئىكەنلىكى بايان قىلىنماقتا.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت