قەشقەردە قايتا باش كۆتۈرگەن ساقال - بۇرۇت ماجىراسى

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ قەشقەردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ساقال - بۇرۇتسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى چۇقانلار بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ
2009-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺑﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺑﯘ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

7 - فېۋرال كۈنى قەشقەر شەھىرىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ئۇقتۇرۇشى ئوقۇپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا بۇ مەۋسۈملۈك ئوقۇتۇشتىن باشلاپ كىمدە ‏ - كىم ساقال - بۇرۇت قويسا خىزمەتتىن توختىتىلىدىغانلىقى، دەرس ئۆتۈش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدىغانلىقى، ھەتتا ئوقۇتقۇچىلار سېپىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە كەسكىن بەس - مۇنازىرىگە سەۋەبچى بولغان "قەشقەر شەھىرىدە بۇرۇت قويغان دۆلەت كادىرلىرى بىردەك خىزمەتتىن توختىتىلىدۇ" ناملىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ساقال - بۇرۇتسىزلاشتۇرۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغىلى 10 يىلدىن ئاشقان.
يىللاردىن بۇيان ساقال - بۇرۇت قويغانلارنى تەنقىدلەش، جەرىمانە قويۇش، خىزمەتتىن توختىتىش تەدبىرلىرى يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئەمەلىيلەشمىگەن.

بۇ قېتىم قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس پەرمان چۈشۈرۈپ، بۇ مەسىلىنى سىياسىي مەسىلە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ھەل قىلىشقا باشلىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بېسىمىغا قارشى تۈرلۈك شەكىلدە نارازىلىقلار بىلدۈرۈپ كەلگەن. بەزىلىرى ھەتتا ئوقۇتقۇچىلىقتىن ۋاز كەچكەن. كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە ئېلان قىلغان.

ساقال - بۇرۇت ھەققىدىكى ئىتىرازلار

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ خۇسۇستا ئېلان قىلىنغان ئىتىرازلاردا شۇنداق دېيىلگەن: "ماركىسنىڭ شۇنچە بومبۇر ساقىلى كوممۇنىزم تەلىماتىنى يارىتىشقا پۇتلاشماپتىكەن، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قويۇۋالغان ساقال - بۇرۇتنىڭ سىياسەتكە، ئىسلاھاتقا پۇتلاشقىنى نېمىسى!؟ بۇنى ئېنىقلا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەگەر ۋاڭ لېچۈەننىڭ مىللىتى ساقال - بۇرۇتلۇق مىللەت بولغان بولسا، ساقال - بۇرۇتسىز ئۇيغۇرلار ئىشتىن قوغلىنىدۇ ياكى مائاش ئالالمايدۇ، دېگەن سىياسەتنى چىقارغان بولار ئىدى. ساقال - بۇرۇتنىڭ پۇتلىشىۋاتقان يېرى باشقا ھېچ يەر ئەمەس، شۇنچە ئۇزۇن يىللار خىتايلارنىڭ قولىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنگىچە خىتايغا ئايلانمىغانلىقى ياكى ئۇلارغا ئوخشىمىغانلىقىدىن ئىبارەت!"

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە بۇ ھەقتە ئىنكاسلار ناھايىتى كۆپ. بەزىلەر: "مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ساقال - بۇرۇتى، ئۇلارنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق بۈيۈك ئالىمغا ئايلىنىشىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزەلمىگەن. بىزنىڭ بۇرۇتىمىز دەرسكە پۇتلىشامدىكەن" دېسە، بەزىلەر "مەردانە ئۇيغۇر ياشلىرى ھېلىھەم چىرايلىق بۇرۇت قويۇشتەك ئەنئەنە بىلەن جاھان گۈزەللىك سەھنىسىدە چېنىپ قالغىنى يوق، بەلكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرمەكتە. ئېھتىمال ، بەزىلەر قوياي دېسە قاملىشىدىغان بۇرۇتى بولمىغاچقا، بۇرۇت قويماي 'سىدام يۈز' بۇلۇۋېلىشقاندۇ" دەپ تەنە قىلىشقان. يەنە بەزىلەر بولسا، "بىز ساقال - بۇرۇتنى جاھانگىر دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلمىدۇق. ساقال - بۇرۇت تېررورلۇق قورالى ئەمەس. ساقال - بۇرۇت ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بايرىقىمۇ ئەمەس" دېيىشكەن.

"ۋاڭ لېچۈەن بىلەن نۇر بەكرىنىڭ ساقال - بۇرۇت توغرىلىق سۆھبىتى"

8 - فېۋرال كۈنى مەلۇم بىر تور بېتىدە "ۋاڭ لېچۈەن بىلەن نۇر بەكرىنىڭ ساقال - بۇرۇت توغرىلىق سۆھبىتى" ناملىق يازما ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن. ئۇنىڭدا شۇنداق جۈملىلەر ئورۇن ئالغان: "ساقال - بۇرۇت قويۇش ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەنئەنىسى. ساقال - بۇرۇت ‏ - ئۇيغۇر دېگەن بۇ مىللەت بىلەن بىللە تۆرەلگەن. بەدىنىمىزنىڭ بىر تەركىبى. ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۆزىمىزنىڭ ھوقۇقى. بىز ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ ساقال - بۇرۇتىغىمۇ ئىگە بولالمامدۇق؟ ئاللاھ بەرگەن بۇ ھوقۇقتىن بىزنى نېمىشقا مەھرۇم قىلىدىكەن؟ ھۆكۈمەتنىڭ نەرىگە پۇتلىشىپتۇ؟ خىزمەتنىڭ نەرىگە پۇتلىشىپتۇ؟ تەرەققىياتنىڭ نەرىگە پۇتلىشىپتۇ؟... "

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 7 - فېۋرالدىن باشلاپ قەشقەردە سىنىپلارغا چاپلانغان ماركىس بىلەن ئېنگىلىزنىڭ ساقال - بۇرۇتلۇق سۈرەتلىرىمۇ بىردەك ئېلىۋېتىلگەن. ھەيران قالارلىقى شۇكى، ھەتتا قەشقەردە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن ئادەتتىكى دەپتەرلەر بىردەك ھالدا "دىنىي تۈس ئالغان دەپتەر" دەپ مۇسادىرە قىلىنغان. "4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى" دىن كېيىن، قەشقەردە كۇسىلاشتۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن.   


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت