قىرغىزىستان ئامېرىكا بىلەن ماناس بازىسى ھەققىدە سودىلاشماقچىمۇ؟

3 - فېۋرال كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ موسكۋادا رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى ماناس ئايرودرومىغا جايلاشقان ھەربىي بازىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە شۇنىڭغا ئۇلاپلا رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستانغا 2 مىليارد دوللار قەرز ۋە 150 مىليون دوللار ياردەم بېرىشى ھەققىدە پۈتۈشۈم ھاسىل قىلغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-02-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺭﯗﺳﻼﺭ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺭﯗﺳﻼﺭ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo
لېكىن، ھازىرغىچە پارلامېنت بازىنىڭ تاقىلىش قارارىنى چىقارمىغان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى تەھلىللەر ۋە ئىنكاسلار كۆپىيىشكە باشلىدى.

قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ قارارى كېچىكمەكتە

گەرچە، قىرغىزىستان رەھبىرى قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ 3 - فېۋرال كۈنى موسكۋادا ئېلان قىلغان بازىنى تاقاش قارارى قەتئىي بولسىمۇ، بىراق بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، قىرغىزىستان پارلامېنتى بۇ ھەقتە ھېچقانداق قارار قوبۇل قىلمىدى ھەمدە بازىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت ئۇچۇرلار ھەمدە تۈرلۈك پەرەز خاراكتېرلىق قىياسلار تېخىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.

ئەسلىدە قىرغىزىستان پارلامېنتى 5 - فېۋرال كۈنى ھەربىي بازىنى تاقاش ھەققىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ، قارار قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرغىچە ئاخىرقى قارار قوبۇل قىلىنمىدى ۋە پارلامېنتنىڭ ھەر قايسى كومىتېتلىرىنىڭ ئايرىم مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى قاراپ چىقىشى كېرەكلىكى ئېيتىلىپ، ئىلگىرى كېيىن، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل كومىتېتنىڭ ھۆججەتلەرنى كۆرۈپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، بازىنى تاقاش ھەققىدە ئاخىرقى قارار ئېلىش ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۈچلەر سۈپىتىدە ئامېرىكا باشلىق كانادا، گونلاندىيە، ئىتالىيە، تۈركىيە، يېڭى زېنلاندىيە، دانىيە، ئىسپانىيە، فرانسىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق 11 دۆلەتنىڭ قىرغىزىستان بىلەن بازا قۇرۇش ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارنىڭمۇ رازىلىقىنى ئېلىش لازىملىقى ھەققىدىكى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

دېمەك قىرغىزىستان بازىنى تاقاش ئۈچۈن 11 مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك ئىكەن. رۇسىيىنىڭ "كومېرسانت" گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، قىرغىزىستان پارلامېنتنىڭ ئەزاسى ماسالىيېۋ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى نەزەرگە ئالغاندا قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بازىنى تاقاش قارارىنى ئېلىشىنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغا قېلىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتكەن. پارلامېنت باياناتچىسى ئېمىل نىيازوپ بولسا، كەم دېگەندە مارتنىڭ بېشىغا قېلىشىنى بىلدۈرگەن.

بازىنى تاقاش رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىمسىزلىقىغا چېتىشلىق مەسىلە

بازا ھەققىدىكى خەلقئارالىق ئىنكاسلارمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، 11 - فېۋرال كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى خاۋېر سولانا رۇسىيىنىڭ " موسكۋا ساداسى" رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، "ماناس بازىسىنى تاقىۋېتىش ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغان ئامىلدۇر" دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ بازىنى تاقاش قارارى ئۆزىنىڭ ئىشى بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە بىلەن سۆزلەشمەي قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

رۇسىيىنىڭ "لېنتا. رۇ" ئاگېنتلىقى فرانسىيە ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىر روبېرت گەيتسنىڭ بازىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، "ماناس بازىسى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان مەسىلە ئەمەس، ھازىر ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى باشقا يوللارنى ئىزدەشكە باشلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بازىنىڭ تاقالماسلىق مۇمكىنچىلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدۇ" دەپ تەكىتلىگەن روبېرت گەيتس.
 
نۆۋەتتە، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ئۆز زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىشىغا رازىلىق بىلدۈرگەنلىكىم مەلۇم.

روبېرت گەيتسنىڭ بۇ سۆزلىرى رۇس ئانالىزچىلىرىنىڭ بازىنىڭ تاقالماسلىقى مۇمكىنلىكى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ رۇسىيە - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پەرەزلىرىگە ئىلھام بولغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ "لېنتا.رۇ" ئاگېنتلىقىنىڭ بازا ھەققىدىكى مەزكۇر ئانالىزىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بازىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت قارار چىقىرىشىنىڭ ئارقىغا سوزۇلۇشى بەلكى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بازا ھەققىدە يېڭى سۆھبەت باشلاشنى كۈتىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ ئاپرىلدا لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت يىغىنىدا تۇنجى قېتىم رەسمىي ئۇچرىشىدۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھلارىي كلىنتونمۇ بەلكى مارت ئېيىدا رۇسىيىنى زىيارەت قىلىدۇ.

"بەلكى ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئارىسىدىكى بۇ بىر قاتار دىئالوگلار نەتىجىسىدە ماناس بازىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئاخىرقى قارارلار چىقىشى مۇمكىن" دەپ يازىدۇ رۇسىيىدىكى "لېنتا.رۇ".

قىرغىزلار ئامېرىكا بىلەن سودىلىشىدۇ

رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى ئانالىزچىسى ئاركادىي دۇبنوۋ فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا بازىسىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختىلىپ، بازىنىڭ تاقىلىش مەسىلىسىنىڭ موسكۋانىڭ ئوباما ھۆكۈمىتىگە بەرگەن سىگنالى ئىكەنلىكى يەنى ئامېرىكىدىن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە ئافغانىستاندىكى ئورنى ھەم رولىغا ئەھمىيەت بېرىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشتىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ئۇنداق ئاسان قىرغىزىستاندىن چىقىپ كەتمەيدۇ، بەلكى قىرغىزىستان بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا بازا ھەققىدە يېڭى سودا باشلىنىدۇ.

ھەقىقەتەن، 3 - فېۋرال كۈنى پرېزىدېنت باقىيېۋ قىرغىزىستاننىڭ نېمە ئۈچۈن بازىنى تاقايدىغانلىقىنى چۈشەدۈرگەندە، بۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستان ئامېرىكىدىن بازا ھەققى ئۈچۈن 200 مىليون دوللار تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئامېرىكا يىلىغا 60 مىليون دوللاردىن ئارتۇق تۆلەم
 تۆلىمەكتە.

ئاركادىي دۇبنوۋ ئەگەردە ئامېرىكا بازا ھەققىنى ئۆستۈرسە، بەلكى بىشكەكنىڭ بۇ قارارىدىن يېنىۋېلىشى مۇمكىنلىكى، چۈنكى، رۇسىيە قىرغىزىستانغا ۋەدە قىلغان 2 مىليارد دوللارنىڭمۇ تېخى پەقەت قەغەز ئۈستىدە بولۇپ، پارلامېنتتىن ئۆتمىگەنلىكى ھەمدە رۇسىيىدە ھازىر بۇنداق پۇللارنىڭمۇ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت