ئاقسۇدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىستاڭچىلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئاشكارىلاندى

ئاقسۇ شەھەرلىك 5 ‏-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قىستاڭچىلىقتىن دەسسىلىپ يارىلىنىش ۋەقەسى ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن بۇيان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تىلغا ئالماي يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن ئىگىلىشىچە، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ئاشكارىلاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر مەكتەپتە پەقەت بىرلا ھاجەتخانا بار بولۇپ، مەكتەپتىكى 1923 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى 15 يىلدىن بېرى مۇشۇ بىر ھاجەتخانىنى ئىشلىتىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىملىق دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار ھاجەتخانىدا ئۆچىرەت ئىگىلەش ئۈچۈن سىنىپتىن يۈگۈرۈپ چىقىش ۋە پەلەمپەيدە قىستىلىشىپ قېلىش ھادىسىسى كۈندىلىك ئەھۋالغا ئايلانغان. ئاخىرقى قېتىملىق قىستىلىشتا پەلەمپەينىڭ تۇتقۇچى سۇنۇپ كېتىپ 48 ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان.

ئاقسۇدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىستاڭچىلىقتىن دەسسىلىش ۋەقەسى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆسمۈر چاغلىرىدا مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇغان، نۆۋەتتە چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىز، رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ، مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش بىخەتەرلىك ئەھۋالى ھەققىدە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى يەتكۈزدى.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى دىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مۇنداق دېدى: ھازىر چوڭ چاتاق يوق، 41 نەپەر يارىدارنىڭ 12 نەپىرى دوختۇرخانىدىن چىقتى. ئېغىر يارىدارلارنىڭمۇ ئەھۋالى بارغانسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ. بۈگۈن دوختۇرلار ھۇشسىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىڭىسىنى تەكشۈردى، تەكشۈرۈشتە مىڭىگە قان چۈشۈش بولمىغانلىقى بايقالدى؛ ئۇلار پەقەت قىستاڭچىلىقتا ئوكسىگىن يېتىشمىگەنلىكتىن ھوشىدىن كەتكەن. لى نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ سۆڭىكىگە دەز كەتكەن، 4 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ تېنىدە گۆشى ئاجراش يۈز بەرگەن.

بىز ئىدارە باشلىقى لى دىن مەكتەپنىڭ ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. ئۇ مەكتەپ بىناسىنىڭ ھەر بىر قەۋىتىدە بىردىن ھاجەتخانا بارلىقىنى، ئەمما بۇلاردىن پەقەت بىرسىنىڭ نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى، قالغانلىرىنىڭ سۇ يولى نورمال بولمىغاچقا تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىكى بۇ تۈر مەسىلىلىرىدىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، مائارىپ مۇپەتتىش ئورۇنلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. لى نىڭ سۆزلىرىدىن قارىغاندا، دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مەكتەپ مۇدىرلىرىغا ئارتىدىغانلىقى بايقالماقتا.

ئەمما، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى ئالدىنى بايقىغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئاقسۇدىكى مەلۇم بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالىنى ئالدىن بايقىغان ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىگە مەكتەپنى تولۇقسىز ۋە باشلانغۇچتىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىش ۋە ياكى رېمونت قىلىپ بېرىش ھەققىدە تەلەپ سۇنغان. يەنە مەكتەپنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالدىنقى يىلى مەكتەپتە بىر قۇر رېمونت ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئىقتىساد يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن پەلەمپەي رېمونتسىز قالغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: " ئۆتكەن يىلى 20 نەپەر ئۇيغۇرنى، كامبودژادىن قايتۇرۇپ ئەكىلىپ جازالاش ئۈچۈن كامبودژاغا بىر مىليارد دوللار ياردەم قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000 غا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغان بىر مەكتەپكە بىر ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇل ئاجرىتىشقا قارنى ئاغرىشى، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارىلايدۇ."

تولۇق بەت