خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ قانۇنىي ھەق ‏- ھوقۇقىغا كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟

2007-06-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش جەريانىدا كېلىپ چىقىۋاتقان قىزلارنى مەجبۇرىي ئېلىپ مېڭىش، بارغان زاۋۇتلاردا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ، خارلاشقا ئوخشاش سەلبىي ھادىسىلەر،تۈرلۈك ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق پاش بولۇشقا باشلىغاندىن بۇيان، خىتاينىڭ مەزكۇر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش ھەرىكىتىنىڭ ئەسلى مەقسىدى ھەققىدە ئۇيغۇرلاردا سوئال ھەم كۈچلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى . نۇرغۇن ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە بۇ ھەقتە مۇلاھىزىلەر بولماقتا.

بۇنىڭ بىلەن بىر پەيتتە خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىمۇ " بۇرۇن پارتىيە ‏- ھۆكۈمەت كادىرلىرى دېھقانلارغا خىزمەت ئىشلىگەن بولسا نۆۋەتتە دېھقانلار كادىرلارنى ئىزدەپ قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلماقتا " دېگەندەك.... تەتۈر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتى يەنە توختاۋسىز داۋام قىلماقتا.

ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ھەر بىر ئائىلىدىن بىرنى يۆتكەش؟

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنى يۆتكەش ھەرىكىتىنى 2004 - يىلى2 - ئايدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز داۋام ئەتكۈزمەكتە. تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، پەقەت قەشقەرنىڭ كونا شەھەر ناھىيىسىدىنلا خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەنلەر 194مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى18 - ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئىگىلەيدۇ.

2007 - يىلىنىڭ بىرىنچى پەسلىدىلا ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا يۆتكەلگەن ئىشلەمچىلەر 100مىڭدىن ئاشقان. نۆۋەتتە قەشقەر ، خوتەن، ئاقسۇ ھەمدە قىزىلسۇدا يەرلىك دائىرىلەر" بىر ئائىلىدىن ئاز بولغاندا بىرنى ماڭغۇزۇش "دېگەن سىياسەت بۇيىچە ئىش تۇتۇۋاتقان بولۇپ ،گەرچە خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە مايىل بولۇپ ئىختىيارلىقى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا بارغانلار بولسىمۇ، ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا ، بەزى يېزىلاردا يەرلىك كادىرلار ھۆكۈمەتنىڭ چۈشۈرۈپ بەرگەن سانىنى توشقۇزۇش ئۈچۈن ، جەرىمانە قويۇش، ھاشارغا ھايداش، توي خېتى بەرمەسلىك ئارقىلىق دېھقانلارنى قىزلىرىنى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىشكە مەجبۇرلاش ۋاستىلىرىنىمۇ قوللانغان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئاساس قىلىپ يېزىلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەزىلىرى گەرچە خىتاينىڭ تەشۋىقاتىدىكىدەك بارغان جايىدا پۇل تېپىپ تېخنىكا ئۆگىنىپ ، خىتاي شەھەرلىرىدىكى ئىش ۋە تۇرمۇشىدىن رازى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نىسبىي ھالەت بولۇپ، ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك، ئىسپاتلىق مەلۇماتلىرىمىزدا ئاڭلىتىلغاندەك ،ئۇيغۇر قىزلارنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرىغا مەجبۇرىي ئاپىرىلغانلىقى، بارمىغانلارنىڭ ئاتا ‏- ئانىلىرىنىڭ ھاشارغا ، جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇر بولغانلىقى، 18 ياشقا توشمىغان قىزلارنىڭمۇ ئىشچىلىققا سېلىنغانلىقى ،خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ توختامغا ئەمەل قىلماي ۋاقتىدا مائاش بەرمەي، قىزلارنى خورلىغانلىقى ، ئەزگەنلىكى ، ئارتۇق ئىشلىتىپ ئەمگەك ھەققىنى بەرمىگەنلىكى شۇنىڭدەك ، ئەركىنلىكى پۈتۈنلەي بوغۇلۇپ، ئىنسانى ھەق ‏- ھوقوقلىرىمۇ دەخلى تەرۇزگە ئۇچرىغانلىقى ھەتتا نارازى بولۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئېغىر جەرىمانە ھەم جازاغا ئۇچرىغانلىقى ،بەزىلىرىنىڭ ھۆددىگەرلەرنىڭ تاياق دۇمبالىرىغىمۇ ئۇچرىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ھەم مەلۇماتلارمۇ خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ساختىلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نۆۋەتتە بۇ مەسىلە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ھوقۇقىنى قوغداش ئورۇنلىرىنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشمەكتە. بولۇپمۇ بۇ مەسىلىدە قورامىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر قىزلارنى ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي ئىشلىتىش، ئارتۇق ئىشلىتىش، ئەمگەك ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك ھەمدە بەزىلەرنىڭ ئىنكاس قىلغىنىدەك جىنسىي جەھەتتىن خورلۇققا ئۇچراش مەسىلىلىرى دىققەتنى تارتماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارشى تەتۈر تەشۋىقات

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىگە قارشى پىكىرلەر ھەمدە نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە . مۇشۇنداق بىر پەيتتە خىتاي دائىرىلىرى بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ، ئۇيغۇر ئېلىدىن يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن توغرىلىقى، ياخشى ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ياسالما ئاخباراتلارنى، تەشۋىقاتلارنى تارقاتماقتا ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تەڭرىتاغ تور بېتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس تەشۋىقات سەھىپىسى ئېچىلدى.

ئۇنىڭدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە يەنىلا ئىشلەمچىلىككە بارغان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ بەختلىك ھالىتى تەسۋىرلەنگەن ، ھېچقاچان ئۇلارنىڭ نارازىلىقى ياكى پىكىر ‏- تەلەپلىرى تىلغا ئېلىنمىغان. ھەتتا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا ئىشلەمچىلىككە مەجبۇرىي ھالدا يۆتكىلىۋاتقانلىقى ئىنتايىن ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما ئەكسىچە "ئىلگىرى يېزا ‏- ناھىيە كادىرلىرى دېھقانلارغا قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش توغرىلىق ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگەن بولسا ، ھازىر ئەكسىچە دېھقانلار ئۆزلىكىدىن دائىرىلەرنى ئىزدەپ پەرزەنتلىرىنى ئىشلەمچىلىككە ئېلىشنى تەلەپ قىلماقتا " دېگەندەك تەتۈر تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا.

ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا ،گەرچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە بارغان قىزلارنىڭ ئارىسىدا خورلۇققا چىدىماي مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن قېچىپ كەلگەنلەر بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقلىرى ھۆكۈمەت ياكى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمىغاندىن سىرت، ئۇلار ئائىلىسى بىلەن تەڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىگە قارشى چىققان ، توختامغا بوي سۇنمىغان دېگەندەك بەتناملار بىلەن تېخىمۇ قاتتىق جازا ھەم خورلۇققا ئۇچرىماقتا ئىكەن .

توختامغا كىم خىلاپلىق قىلماقتا؟

يەكەن كاچۇڭ يېزىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خىتاي كادىرىنىڭ سوئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابلىرىدىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتكەن ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ھەق ‏- ھوقۇقى مەسىلىسىگە قايسى دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارا بولدى.

‏-سىز كاچۇڭ يېزىسىنىڭ رەھبىرى كادىرىمۇ؟

- شۇنداق ، سىز نەدىن؟

‏- مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى، نۆۋەتتە بۇ يېزىدىنمۇ ئۇيغۇر قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋېتىپتۇ.لېكىن ئاڭلىساق بەزى قىزلار بارغان زاۋۇتلاردىن قېچىپ كەپتۇ ؟ ئەسلى ئۇلار مەجبۇرىي ئاپىرىلغان ئىكەن. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرەلەمسىز؟

‏- بۇ توغرا گەپ ئەمەس ، ھەممىسى ئىختىيارلىقى بىلەن توختاملىشىپ بارغان .

-توختاملاشقىنى راس ،ئەمما سىلەرنىڭ بەزى كەنتتىن قىزلارنى ئىشلەمچىلىككە ئالغان زاۋۇتلار، توختامغا ئەمەل قىلماي، نەچچە ئايغىچە مائاش بەرمەي قىزلارنى ھەر جەھەتتىن قىيىنچىلىق ھەم بېسىملارغا دۇچار قىلغاچقا ئۇلار قېچىپ كەپتۇ . ئەمما كەنت كادىرلىرى ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتمەي ئەكسىچە ئۇلارغا تېخىمۇ بېسىم قىلىپ قايتىپ كېتىشكە زورلاپتۇ، جەرىمانە تۆلەتكۈزىپتۇ . ھەتتا ئاتا ‏- ئانىلىرىنىمۇ ھاشارغا ئەۋەتىپتۇ . بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

‏- ئۇلار توختامغا ئەمەل قىلمىغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە توختام بۇيىچە جازالىنىش كېرەك . دېھقانلارنىڭ ھاشارغا بېرىشى مەجبۇرىيەت، توختام بۇيىچە قىزلىرىنى ئەۋەتكەنلەرنىڭ ھاشاسى بىكار قىلىنىدۇ، ئەمما ئۇلار توختامغا ئەمەل قىلمىغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە توختام بۇيىچە تۆلەم تۆلىشى ، ھاشاسىنى تۈگىتىشى كېرەك.

‏- ئۇنداقتا بۇ قىزلارنى ئىشلەتكەن زاۋۇتلار توختامغا ئەمەل قىلمىغان بولسىچۇ؟

‏- بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ، زاۋۇتلار توختام بۇيىچە ئىش قىلىۋاتىدۇ، قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئون مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى مائاشىنى كەينىدىن ئاتا ‏-ئانىسىغا ئەۋەتىپ بەرگەن. بۇ ئىشچىلار توختامغا ئەمەل قىلمىغان ، ئىش تۈزۈمىگە بوي سۇنمىغان، ۋەزىپىسىنى ئۆلچەمگە لايىق تاماملىمىغان، ئىشتىن قاچقان، سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى ئىشلىگەن ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش توختامغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ ،جازالىنىشى ھەقلىق.

- بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھەتتا 15، 16 ياشلاردىكى قىزلارمۇ ئەۋەتىلىپتۇ شۇنداقمۇ؟

‏- ياق ياق ، 18 ياشقا يەتمىگەنلەرنى ئەۋەتمىدۇق، 9 يىللىق مائارىپنى تاماملىغاندىن كېيىن 18 ياشقا كىرگەنلەرنى ئەۋەتىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ ئىچكىرىدىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى ئىشلەپ كۈندە تېلېۋىزوردا بېرىۋاتىمىز، ئۇلار ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ.

- لېكىن بەزى ئىنكاسلارغا قارىغاندا ، بۇ تەشۋىقاتلار ھەممىسى ياسالما ئىكەن، ئەمەلىي ئەھۋالى ئۇنداق ئەمەس ئىكەنغۇ؟

- بىز بۇنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن شۇڭا ئاتا ‏- ئانىلارنى ئىچكىرىگە زىيارەتكە تەشكىللىمەكچى . ئۇلار زاۋۇتلاردا بالىلىرىنىڭ قانداق تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كەلمەكچى.

-ئاڭلىساق قىزلارنى ئىشلەمچىلىككە تاللىغاندا ياش بولۇش، توي قىلمىغان بولۇش دېگەندەك شەرتلەردىن باشقا، چىراي شەكلىگىمۇ تەلەپلەر قويۇلۇپتۇ . بۇ نېمە ئۈچۈن؟

‏- يالغان گەپ ، بىز پەقەت 18 ياشتىن يۇقىرى بولۇش ، تېنى ساغلام بولۇش دېگەن شەرتنىلا قويدۇق، چىرايىغا شەرت قويمىدۇق.

بۇ كادىر ئاخىرقى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشكە تەخىر قىلماستىنلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. دېمەك ، يەرلىك كادىرلارنىڭ مۇئامىلىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئىشلەمچىلىككە بارغان ئۇيغۇر قىزلار خىتاي زاۋۇتلىرىدا مەيلى قانداقلا تەرەپتىن زىيانغا ئۇچرىسۇن ، نارازى بولسۇن يۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەن تەقدىردىمۇ ،نەتىجە بىرلا، قايتا جازالىنىش ياكى تېخىمۇ زور بېسىمغا ئۇچراش.

چۈنكى ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولغان كادىرلار يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس بەلكى توختامدىكى قارشى تەرەپ بولغان خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىماقتا . ئۇنداقتا بۇ مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ خىتايغا يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كىم كاپالەتلىك قىلىدۇ؟ (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت