ۋىكىلىكس: خىتاي دۇنياغا قورال - ياراق تارقىلىپ كېتىشتە ئاساسى رول ئوينىماقتا

ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان مەخپىي خەت - چەكلەردىكى مەزمۇنلار دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﯞﯨﻜﯩﻠﯩﻜﺲ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 30-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ
ﯞﯨﻜﯩﻠﯩﻜﺲ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﻨﯩﯔ 30-ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ
RFA

ئامېرىكا مەخپىي خەت - چەكلىرىگە دائىر

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەلچىلىرى بىلەن يېزىشقان مەخپىي خەت - چەكلىرى ۋىكىلىكس تورى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا يەر ئالغان مەزمۇنلار دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، 250 مىڭدىن ئارتۇق مەخپىي خەت - چەكتىن تەركىب تاپقان بۇ ھۈججەتلەر ئارخىپىنىڭ ھازىرغىچە ئاران مىڭدە بىرى ئاشكارىلانغان. بۇ ھۈججەتلەردە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ لېدىرلىرىغا ئالاقىدار مەزمۇنلار يەر ئالغان بولۇپ، ھۆججەتلەردە خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە ۋە ئىران مەسىلىلىرىدىكى مەيدانى ھەققىدىمۇ بەزى مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلگەن. گەرچە بۇ تور بەت مەخپىي خەت - چەكلەرنى ئاشكارىلاشنى داۋام قىلىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەتتە ۋىكىلىكس تورىنىڭ قىلمىشىغا قارىتا نارازىلىق ئىنكاسلىرى پەيدا بولماقتا. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ تور بەتكە ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش ھەققىدە قارار ئالدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەخپىي خەت - چەكلىرىگە دائىر ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان 300 دىن ئوشۇق خەت - چەكتە ئاساسەن ھەممە دۆلەتلەرگە ئائىت مەزمۇنلار بار. بۇ مەزمۇنلارنىڭ بەزىلىرى شۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى، ۋەزىيىتىگە دائىر بولسا، بىر قىسىملىرى شۇ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشىغا بېرىلگەن باھالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئاشكارىلانغاندىن كېيىن دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە خۇددى بىر بومبىدەك چۈشكەن بۇ ھۆججەتلەر دۇنيا مىقياسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا. ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردە ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان بىر قانچە نۇقتىلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى خىتايغا ئائىت. مەلۇم بولۇشىچە، خەت - چەكلەرنىڭ بىرىدە خىتاي دۇنياغا قورال - ياراق تارقىلىشىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئارقىلىق ئىرانغا شىمالىي كورىيىدە ياسالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا پارچىلىرىنى يۆتكىمەكتە. ئۇلار ھەم بۇنى توختىتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارغىمۇ قۇلاق سالمايۋاتىدۇ، دەپ تەنقىد قىلىنغان. يەنە بىر خەتتە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىرانغا يادرو بومبىسى ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان خىمىيىلىك ماددىلارنى يۆتكەۋاتقان بولۇشى ئېھتىماللىقىغىمۇ يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بۇنىڭدىكى جىددىي شۈبھىلىرى ۋە ئەندىشىلىرى تىلغا ئېلىنغان.

گۇگۇلغا قىلىنغان خاككىرلىق

ئاشكارىلانغان خەت - چەكلەردە يەنە، خىتاي بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى گۇگۇل شىركىتى ئارىسىدا يۈز بەرگەن كىرىزىسقىمۇ يەر بېرىلگەن، گۇگۇلغا ئېلىپ بېرىلغان خاككىرلىق ھۇجۇمىدا ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ بىۋاستە قولىنىڭ بارلىقى، يەنى بۇنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ئىكەنلىكى يېزىلغان.

گەرچە، بۇ مەزمۇنلار دۇنيادىكى ھەرقايسى چوڭ گېزىت - ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا ۋىكىلىكس ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئىنتايىن ئاز يەر ئالغان. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئاساسلىق خەۋەر تورى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋىكىلىكستىكى بەزى مەزمۇنلار ھەققىدە خەۋەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى خىتايغا دائىر مەزمۇنلارنى قەتئىي ئېلان قىلمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرغىچە خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ھەققىدە يېزىلغانلارغا قارشى رەسمىي بىر بايانات بەرمىدى.

ئىران توغرىسىدا

ۋىكىلىكس تورىدا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلاردا يەنە بىر دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا بولسا، ئىران توغرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭدا سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ھەرقايسى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا " ئىراننىڭ يادرو بازىلىرىغا قارشى ئىرانغا ھۇجۇم قوزغاش ھەققىدە تەكلىپ " سۇنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەتلەردە بۇ تەكلىپنى سۇنغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىران بولسا ۋىكىلىكستا ئېلان قىلىنغان بۇ خەتلەرگە قارىتا بەرگەن جاۋابىدا بۇنىڭ پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قىلىۋاتقان پىسخىكىلىق ئويۇنى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىراننىڭ ھەرقايسى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

"گاردىيان" گېزىتى

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان "گاردىيان" گېزىتى ۋىكىلىكستە ئاشكارىلانغان خەت - چەكلەرگە دائىر خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان بىر گېزىت بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىكىلىكستا ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ھۆججەتتە، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە ۋىلادىمىر پۇتىنغا بولغان كۆز قاراشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بەزى ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىنى ۋىلادىمىر پۇتىن مەزگىلىدە سىياسىي كۈچ بىر قانچە كىشىگە مەركەزلىشىپ قالغان ۋە قارا گۇرۇھلار ئىدارە قىلىدىغان بىر مافىيا دۆلىتى دەپ قارايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن سىرت رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قارا گۇرۇھلار ئارقىلىق تۈركىيىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پ ك ك تېررور تەشكىلاتىنى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ پۇتىننى " شەپەرەڭ ئادەم"گە ئوخشىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەت ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ۋىلادىمىر پۇتىن شىۋىتسارىيىدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بۇ ھۆججەتكە جاۋاپ قايتۇرغان. بۇنى زور مەسئۇلىيەتسىزلىك دەپ باھالىغان پۇتىن، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنى ئىش ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلىدى.

تۈركىيىگە دائىر مەزمۇنلار

ۋىكىلىكىستا ئېلان قىلىنغان بەلگىلەردە تۈركىيىگە دائىر مەزمۇنلارمۇ يەر ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئامېرىكىغا يوللىغان خېتى بېرىلگەن. ئۇنىڭدا تۈركىيىنىڭ ھازىرقى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئىنتايىن ئاكتىپ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، تۈركىيىنىڭ كېيىنكى يىللاردا رايوندا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغانلىقى بايان قىلىنغان. ئەمما، ئۇنىڭدا تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە بالقانلاردا ھازىرغىچە ئوسمان ئىمپېرىيىسى مەزگىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ ئامېرىكىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما، دوكلاتتا يەنە مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، تۈركىيىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىم بىر شېرىك ئىكەنلىكى، تۈركىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيىسى ئۈچۈن مۇھىم بىر دۆلەت ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇ بەلگىلەردە دېيىلگەنلەرنىڭ پەقەتلا بىر دىپلوماتنىڭ ئۆز كۆز قاراشلىرىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ھەر خىل دىپلوماتلارنىڭ ئۆزىگە خاس ھەرخىل قاراشلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنىڭغا نورمال مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھازىر ۋىكىلىكىستا ئېلان قىلىنىۋاتقان بەلگىلەرگە قارىتا ئىككى خىل كۆز قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ۋىكىلىكسنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىغۇچىلار، يەنە بىرى بولسا بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار. ۋىكىلىكسنى قوللىغۇچىلار بولسا بۇنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ توغرا بولغانلىقىنى، خەلقنىڭ بۇلاردىن خەۋەردار بولۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى ئاشۇرۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، بۇنىڭغا قارشى چىققۇچىلار بۇ خىل مەخپىي ماتېرىياللارنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ خەلققە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ۋىكىلىكسنىڭ ھەرىكىتىنىڭ جاسۇسلۇقتىن پەرقى يوقلۇقىنى ۋە ۋىكىلىكىسنى بۇ ھۆججەت بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى ۋەتەن خائىنى دەپ جازاغا تارتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن باياناتتا، باياناتچى پ ج كروۋلىي ۋىكىلىكىسنىڭ ئىگىسى جۇلىيان ئاسسەنگىنى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغۇچى، بۇزغۇنچى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، ۋىكىلىكسنىڭ بىر ئاخبارات ئورگىنى ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىممۇ ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن باياناتىدا، ۋىكىلىكسنىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەتكە قىلىنغان بىر ھۇجۇم دەپ سۈپەتلىگەن ۋە شۇنداقلا ۋىكىلىكسكە بۇ خەت - چەكلەرنى يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ قاتتىق سورىقىنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ھۆكۈمەتكە دائىر ئىچكى تور سېستىمىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ قانداق بولۇپ ۋىكىلىكسنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن تېررورغا قارشى كۈرەش مۇتەخەسسىسىدىن بىرنى بەلگىلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت