دوكتور ئەركىن سىدىق: ئەڭ ئاۋۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپىدىكى نىشانى ئۆزگىرىشى كېرەك

«قوش تىل» مائارىپى دەرسلىكلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى بەزىلەرنى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئانا تىلىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئۈمىدلەندۈرسە، گاھىلاردا بۇ ئۆزگىرىشچان سىياسەتلەر، ئۇيغۇر مائارىپىغا يەنىمۇ زور يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-08-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خوتەن قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
خوتەن قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
AFP

8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «قوش تىل» مائارىپى دەرسلىكلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى باشلاندى، بۇنىڭغا ئائىت خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق قوش تىل دەرسلىكلىرىگە تۈزىتىش خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى دەرسلىك مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق پرىنسىپلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. شۇنىڭغا ئوخشاش ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ كونكرېت ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىغىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدە يەنە ئۆزگىرىش ياساۋاتقانلىقى، بەزىلەرنى ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئانا تىلىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا ئۈمىدلەندۈرسە، گاھىلاردا بۇ ئۆزگىرىشچان سىياسەتلەر، ئۇيغۇر مائارىپىغا يەنىمۇ زور يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا. قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە ئىزچىل ھالدا ئىشتىن سىرت مۇستەقىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئالەم تېخنىكىسى ئىنژېنېرى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟

مەلۇم بولغاندەك، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قوش تىل مائارىپىغا يەنە ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكتە. بۇ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپ سىياسىتىدە تۇنجى قېتىم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى ئەمەس. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىغا دائىر ماتېرىياللاردىن، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش جەريانىنى مۇنداق ئۈچ دەۋرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن.

باشلىنىش دەۋرى ‏1949-يىلى شەرقىي تۈركىستان خىتاي كوممۇنىستىك ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئۆتكەندىن باشلاپ 1976-يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاخىرلاشقۇچە، بۇ دەۋردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە تۇنجى تۈركۈمدە خىتاي تىلى قوشۇمچە تىل دەرسلىك قىلىپ كىرگۈزۈلۈپ، دەرس سائىتى ئىنتايىن چەكلىك بولغان، پەقەت ئوتتۇرا ۋە ئالىي تېخنىكوملاردا مەخسۇس كەسىپلەر ۋە تەييارلىق سىنىپلارنى ئېچىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغان ھەمدە بېيجىڭ مىللەتلەر ئىنستىتۇتى شۆبە مەكتىپى ۋە ئۈرۈمچى تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىقلاردا مەخسۇس خىتايچە سىنىپ ئېچىپ سىناق قىلىشقا باشلىغان ئىدى.

ئىككى تىل تەڭ تەرەققىيات دەۋرى-يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مىللىيچىنىمۇ بىلىش، خىتايچىنىمۇ بىلىش» تىن ئىبارەت تەلىپى بىلەن 1980-يىللىرىنىڭ بېشىدىن باشلاپ 2000-يىلىغا قەدەر ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىدىمۇ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشى يولغا قويۇلدى. يەنى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 3-يىللىقىدىن باشلاپلا خىتايدىن باشقا مىللەت بالىلىرىمۇ تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگۈچە مەخسۇس خىتاي تىلى دەرسىنى ئاساسلىق دەرسلىكى سۈپىتىدە ئوقۇيدىغان بولدى. پېداگوگىكا كەسپىدىكى ئوتتۇرا، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەخسۇس خىتاي تىلى كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش كۈچەيتىلدى. قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى كېڭەيتىپ يولغا قويۇشقا ئاساس سېلىنغان باسقۇچى بولدى.

قوش تىل مائارىپىنى كۈچەپ يولغا قويۇش باسقۇچى بۇنى 2000-يىلىدىن باشلاپ قوش تىل ئوقۇتۇشى ئەڭ كۈچەيگەن ھازىرغا قەدەر سۈرۈشكە بولىدۇ. قوش تىللىق مائارىپ تەجرىبە باسقۇچىدىن ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇش دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئۇيغۇر ئېلىدىن باشقا خىتاي ئۆلكىلىرىدە «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئېچىلىپ ئۇيغۇر بالىلىرى پۈتۈنلەي يېپىق ھالەتتىكى خىتايچە تەربىيىلەشكىچە تەرەققىي قىلدى. 2004-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى «پۈتۈن كۈچ بىلەن قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارارى» نى ئېلان قىلدى. ئارقىدىنلا يەنە 2005-يىلى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قوش تىل مائارىپى توغرىسىدىكى پىكرى» نى ئېلان قىلدى. تۇنجى قېتىم مىللىي ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا قوش تىل ئوقۇتۇشىنى كىچىكىدىن باشلاپ، تەربىيىلىگۇچىدىن باشلاپ يولغا قويۇش يېتەكچى ئىدىيە تۇرغۇزدى.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ «ئاز سانلىق مىللەت تىلى زامانىۋى تەرەققىياتقا يېتىشەلمەي قالدى» دېگەندەك سەپسەتىسى يالىڭاچ تەشۋىق قىلىندى. جەمئىيەتتە ئانا تىلنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا نىسبەتەن كۆتۈرۈلگەن كۈچلۈك ئىنكاسنى يېپىش ئۈچۈن، ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان رەئىسى نۇر بەكرى «تۇڭگانلارنىڭمۇ تىلى يوق، يوقاپ كەتمىدىغۇ، ئۇيغۇرلارمۇ خىتايچە ئۆگەنگەنگە يوقاپ كەتمەيدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىشى، تەنقىدى ھەتتا قارشىلىقلىرىغىمۇ پىسەنت قىلماي كۈچلۈك رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلدى، 2012-يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر بارلىق مىللىي مەكتەپلەر بىلەن خىتاي مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈش، بارلىق يەسلىلەرنى قوش تىللاشتۇرۇشنى، 2020-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەر قوش تىللاشتۇرۇپ بولۇشنى نىشانغا كىرگۈزگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىدا قوش تىللاشتۇرۇش يولىدا نۇرغۇن يېڭى قارار، يېڭى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. ئەمەلىيەتكە قارايدىغان بولساق، ھازىر مەكتەپلەردە قوش تىل دەپ قوبۇل قىلىنغان، ئەمما خىتاي تىلىنىلا ئاساس قىلىۋالغان بۇ ئاتالمىش قوش تىل مائارىپى ئەسلى ماھىيىتىدىكى قوش تىل دېگەن ئۇقۇمدىن يىراقلاپ كەتكەن بولۇپ، ئەسلى قوش تىل مائارىپى ئاز سانلىق مىللەت تىلىنى چەتكە قاقماسلىقى، ئانا تىل ئاساسىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەنە بىر تىلنى ئىگىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك ئىدى.

ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارايدىغان بولسا، قوش تىل مائارىپىدا شۇنداق بىر ئەندىزە مەيدانغا كەلدىكى، قوش تىللىق ئوقۇتۇپ پەقەت خىتاي تىلىنىلا ئۆگىنىش، ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىش، بۇ ئەندىزىنىڭ ئىچىدىن جايلار ئۆز ئالدىغا ئەندىزە توقۇپ چىقىپ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى بۇرمىلاش، ساختىلاشتۇرۇش، دەرسلىكلەرنى قوللىنىشتا بىرلىك بولماسلىق ھالىتىگە ئېلىپ كەلدى.

ئۇنداقتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان قوش تىل مائارىپىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى، قوش تىل مائارىپىدا ئانا تىل بىلەن خىتاي تىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئايدىڭلىشىشىغا شارائىت ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغانمۇ ؟ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆزگىرىشنى خىتاينىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىدا باسقان بىر ئىجابىي قەدىمى دېيىشكە بولسىمۇ، «ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مائارىپىغا نىسبەتەن چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ دېيىشكە بالدۇر»، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتىنىڭ نىشانى ئۆزگەرمەي تۇرۇپ، خىتاي قوللىنىۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت