ئۇيغۇر تىل- يېزىقى خىرىسقا ئۇچرىماقتا

2007-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Qosh-til-150.jpg
خىتاي ھۆكۈمىتى قۇرغان خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار ئارىلاش مەكتەپ. AFP Photo

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا قوش تىللىق مائارىپ نامىدا " خىتاي تىلى " مائارىپىنى بارغانچە سىستېمىلىق ھەم كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بارغانچە تارايماقتا. نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە قوش تىل ئوقۇتۇشى ئومۇملىشىپ بولغاندىن سىرت، ھەتتا ھازىر ئەمدىلا تىلى چىقىشقا باشلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ خىتايچە يەسلىلەردە ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش، ئانا تىلىدا سۆزلەش، پىكىر قىلىش ھوقوقلىرىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنىپ ساۋاتى خىتاي تىلىدا چىقماقتا.

بارغانچە كېڭىيىۋاتقان ھەم چوڭقۇرلاۋاتقان خىتاي تىلى مائارىپى ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىش بىلەن تەڭ ئۇيغۇر تىلىنى بىلمەيدىغان، ئىشلەتمەيدىغان ئەۋلادلارنى بارغانچە كۆپەيتمەكتە. نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى ئۇيغۇر تىل يېزىقىنى ئىشلەتمىسە، بۇ ھالەت بارغانچە ئېغىرلاشسا ئۇيغۇر تىل- يېزىقىنىڭ، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى تەسىرىدە يوقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

"قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىر تىللىق مائارىپ

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە "قوش تىل مائارىپ" سىياسىتىنى قوللىنىشنىڭ چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيىلىك پىلان دەپ ئېنىق بايان قىلدى.

"قوش تىل" نامىدىكى خىتاينىڭ مەزكۇر ئىستراتېگىيىلىك پىلانى ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا مائارىپتا خىتاي تىلىنى ئاساسلىق قىلىش تۇرۇپ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت تىلىنى بولسا پەقەتلا قوشۇمچە ئورۇنغا چۈشۈرۈپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇرمىلانغان مائارىپ سىياسىتى بولۇپ قالدى.

تەڭرىتاغ تورىدا 26 - سېنتەبىر قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە بېرىلگەن بىر ماقالىدە، 16 - قۇرۇلتايدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى تېز راۋاجلاندى، ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىمۇ، خەنزۇ تىلىنىمۇ ئىگىلىگەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش قەدىمى تېزلىدى،‏- دېيىلگەن.

دەرۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2004 - يىلىدىن باشلاپ قوش تىللىق مائارىپىنى يەنىمۇ تېز ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا قارار"، " ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋالقى قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا پىكىر" لارنى ئېلان قىلىپ شۇ پىلان ھەم قەدەملەر بۇيىچە بارلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئاساسلىق دەرسلەرنىڭ ھەممىنى خىتايچىدا ئوقۇتىدىغان پەقەتلا ئۇيغۇر تىلىنى تىل دەرسى سۈپىتىدە ئانا تىلىدا ئوقۇتىدىغان ئەندىزە بۇيىچە، 2005 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە بارلىق ئاز سانلىق مىللەت باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى خىتاي مەكتەپلەر بىلەن بىرلەشتۈردى. 2006 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ‏- بازارلىرىغىچە قوش تىللىق يەسلىلەر كەڭ تۈردە ئېچىلىپ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تىلىنى كىچىكىدىن خىتايچە چىقىرىشقا باشلىدى.

خىتاي ئۈچۈن زور نەتىجە - مىللىي مائارىپ ئۈچۈن غايەت زور ئاپەت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2006 - يىلى سېنتەبىرگىچە ئۇيغۇر ئېلىدە ئوتتۇرا ‏- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قوش تىل سىنىپلىرى 5247گە يېتىپ ئوقۇغۇچىلار سانى 164مىڭغا بارغان. شۇنىڭ بىلەن تەڭ قوش تىل مائارىپى بۇيىچە تەربىيىلەش ئوبيېكتى قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ يېشى بارغانچە تۆۋەنگە قاراپ سۈرۈلۈپ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى قوش تىل تەييارلىق سىنىپى 2982 گە يەتكۈزۈلگەن. قوش تىل يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقانلار بولسا 93مىڭ 404 نەپەرگە يەتكەن.

ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ نەقەدەر تېز ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا بىر مىسال كۆرسىتىشكە توغرا كەلسە، يەكەن ناھىيىسىنىڭ خىلۋەت يېزىسىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپنى مىسال ئېلىشقا بولىدۇ. يەنى يەكەننىڭ بەشكەنت بازارلىق مەكتەپتە 1997 - يىلى قوش تىللىق سىناق تەجرىبە سىنىپى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ سىنىپتا سەككىز ئوقۇغۇچىلا ئوقۇيتتى. ھازىر بۇ مەكتەپتە بولسا مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى پۈتۈنلەي قوش تىل مائارىپى بۇيىچە تەربىيىلەنمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپ ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى زور نەتىجە دەپ كۆرسىتىدۇ.

ئەمما كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر مائارىپى تىل ‏- يېزىقىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر بولسا بۇنى "خىتاي تىلى ئۇيغۇر تىلىغا خىرس قىلماقتا"، خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى بارلىق ئاز سانلىق مىللەت تىلى ھەم مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلماقتا، دەپ كۆرسەتمەكتە ھەم بۇ ھەقتە دۇنيا مىقياسىدا تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردىمۇ يۇقىرىقى كۆز قاراشلار بايان قىلىنغان ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خىرس قىلماقتا

ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق ھەق -ھوقۇقلىرى ھەم مەدەنىيىتىنىڭ، خىتاينىڭ باستۇرۇش، يوقىتىش سىياسىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىنى ئىزدەۋاتقان، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسىمىلاتسىيە قىلىپ يوقىتىش سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت