ئاڭلاش سەنئىتى يىتىلدۈرۈش مەدەنىي ئەخلاقنىڭ ئىپادىسىدۇر

بىراۋ سۆز قىلىۋاتقاندا ئۇنى قولاق سېلىپ ئاڭلاش ۋە سۆزلىگۈچىدىن دىققىتىنى باشقا ياققا بۇرىماسلىق گۈزەل ئەخلاق قاتارىدىن سانالغاندىن باشقا، مەدەنىيلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012-07-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


كۇۋېيتتا چىقىدىغان«ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلىنىڭ 2012 - يىلى 2 - ئىيۇن سانىدا، دوكتور سۇلايمان ئەلىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان«ئاڭلاش سەنئىتى»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئاڭلاش ئالاھىدە چوڭ بىر ماھارەت بولۇپلا قالماستىن، گۈزەل ئەخلاقنىڭ بىر پارچىسىدۇر. ئاڭلاش سەنئىتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

سۆزگە قولاق سېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

سىزنىڭ قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقانلىقىڭىزنى چوقۇم ئۇنىڭغا «ھەئە» ياكى «توغرا» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن ياكى باش لىڭشىتىش بىلەن ئۇنىڭغا بىلدۈرۈشىڭىز لازىم. بىلدۈرگەندە ئەقلىڭىز باشقا ياقتا تۇرسىمۇ، يالغاندىن باش لىڭشىتىپ قويۇش بىلەن ياسالمىلىق قىلسىڭىز، بۇ قىلىقىڭىز تىزلا بىلىنىپ قالىدۇ ۋە سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا تەسىر يېتىدۇ. سەمىمىي بولۇڭ ۋە باش لىڭشىتىشتا راستچىل بولۇڭ.

قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى كەسمەڭ.

سىزگە سۆزلەۋاتقان ئادەم قانچىلىك ئۇزۇن سۆزلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۆزىنى كەسمەڭ. سەۋرچان بولۇپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاخىرغىچە ئاڭلاڭ. ئۇنىڭ سۆزىگە قارىتا سوئالىڭىز ياكى پىكرىڭىز بولسا، سەۋر قىلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئېيتىڭ.

قارشى تەرەپنىڭ رايىنى سوراڭ.

قارشى تەرەپ سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ سۆزىنى ئىخچاملىغان ھالدا، ئۇنىڭغا «سىز مۇنداق، مۇنداق دېيىشنى مەقسەت قىلدىڭىزمۇ؟» دەڭ. ئەگەر «ھەئە»دېسە، سىز سۆزىڭىزنى باشلاڭ. ئەگەر ئۇنىڭ جاۋابى «ياق» بولسا، ئۇنىڭدىن چۈشەنچە بېرىشىنى سوراڭ. قارشى تەرەپنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ياخشى چارىدۇر.

قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى شەرھلىمەڭ.

سىز قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە شەرھلىمەڭ. ئەگەر ئۇنىڭ سۆزىنى شەرھلىمەكچى بولسىڭىز، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كۆز قارىشى بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ.

قارشى تەرەپكە ئۇيغۇنلىشىشقا تىرىشىڭ.

سىزگە سۆزلەۋاتقان كىشىنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىگە مۇۋاپىقلىشىشقا تىرىشىڭ. ئەگەر ئۇ قاتتىق غەزەپلەنگەن ھالەتتە بولسا، ئۇنى ئاچچىقىدىن يېنىشقا چاقىرماڭ. بەلكى سىز ئۇنىڭ سۆزىنى سۇكۇت بىلەن ياخشى تىڭشاڭ. سىزگە سۆز قىلىۋاتقان ئادەم ئەگەر قاتتىق قايغۇ ئىچىدە بولسا، ئۇنىڭ قايغۇسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى سوراڭ. چۈنكى، بەلكى ئۇ شۇ ھالەتتە سىزنىڭ تەسەللىي بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئەگەر بىز باشقىلارنى چۈشەنمەكچى بولساق، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ سۆزىگە قولاق سېلىشىمىز لازىم. سىز باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئەھمىيەت بەرمىسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزنىڭ سۆزىڭىزگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ۋە سۆزىڭىزنى ئاڭلىمايدۇ. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۆنۈملۈك چارىسى«بەلكى مەن خاتالاشقان بولۇشۇم مۇمكىن» دېگەن سۆزنى ئېيتىشتۇر.

قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى قىزىقارلىق بىلەن ئاڭلاش.

سىز بىراۋنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، كۆڭلىڭىز ئوچۇق، كۆكسىڭىز كەڭرى بولسۇن. سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشتا سەۋرچان بولۇڭ ۋە زېرىكمەستىن ئاڭلاڭ. ناۋادا ئۇنىڭ سۆزىدىن زېرىككەن بولسىڭىزمۇ، ھەرگىز ئۇنى چاندۇرماڭ ۋە بىلدۈرمەڭ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت