ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن ئانا يۇرتقا ھېيتلىق سالام

2006-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
hej-arafat.jpg
9-يانۋار كۈنى مۇسۇلمانلار مەككىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارافات تېغىغا ياماشماقتا. AFP

قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! قۇربان ھېيت خاسىيىتى جۇدۇن كۈنلىرىگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ، قەلبلىرىڭلارنى ئىللىتقاي! قۇربان ھېيت ئەل يۇرت جەم بولۇپ ئۇرۇق‏ - تۇغقانلار ھېيتلىشىپ ئۆملۈكتە، ئىتتىپاقلىقتا ئۆتكۈزىدىغان قۇتلۇق كۈنلەردۇر.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ گەرچە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دېموكراتىك ئەللەردە مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە ھېيت بايراملارنى تەبرىكلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مۇشۇنداق بايرام كۈنلىرىدە ئۇلارنىڭ، مۇساپىرلىق ھاياتىدىكى ۋەتەن، خەلقىگە سېغىنىشى تېخىمۇ يالقۇنجاپ لاۋا ئاتىدۇ.

چەتئەللەردە ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا دىيارى ھەم قېرىنداشلىرىغا بەرگەن ھېيتلىق سالاملىرىغا ھەم ياخشى تىلەكلىرىگە ئەلچى بولۇشنى توغرا كۆردۇق. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن رادىئومىز ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەمدە بارلىق جايلاردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قۇربان ھېيتلىق تىلەكلىرىنى ئىپادىلىدى ھەمدە" بۇ قۇربان ھېيتنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە خانىم بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەچكە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ خاسىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، "گەرچە ھىجرەتتىكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن بىز ياۋرۇپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت بايراملىرىنى ۋەتەندىن ، قېرىنداشلاردىن يىراق جايدا ئۆتكۈزۈۋاتقان بولساقمۇ ئەمما بىزنىڭ قەلبىمىز ئانا ۋەتەن ھەم خەلقىمىز بىلەن بىر تۇتاش" دەپ بىلدۈردى.

ئوتتۇرا ئاسىيا شۇنداقلا قازاقىستان ئۇيغۇرلار مۇھاجىرلىرى ھەممىدىن كۆپ ئولتۇراقلاشقان جاي ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيتلىق سالىمىنى يوللاش بىلەن بىرگە، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن ئورتاق بۇ بايرامنى تەبرىكلىشىۋاتقانلىقى ھەمدە قازاقىستاندا مۇسۇلمانلارغا كەڭ ئىمكانلارنىڭ يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ھېيت‏- بايراملار ئالاھىدە تەنتەنە قىلىنىدىغان تۈرۈك ئېلى، شۇنداقلا تۈركلەر بىلەن ئۇيغۇرلار قانداش بولغاچقا ئۇلارنىڭ ئۆرۈپ ئادەتلىرىمۇ ئوخشاش، شۇنداقتىمۇ تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بايرام كۈنلىرىدە يەنىلا مۇساپىرلىق ھېس قىلىدۇ. تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن سەلەي ھاجىم كۆز ياشلىرى بىلەن ۋەتىنىنى سېغىنىپ، چەتئەللەردىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبىدە پەقەت بىر ئوتلۇق ئارزۇ، ئۇ بولسىمۇ ئۆز ئەرك ۋەتىنىدە جەم بولۇش، دېدى.

ۋەتەن سۆيگۈسى ھەمرا بولغان ئۇيغۇرلار بىردەك بىز ۋەتەندە بولمىغان بىلەن ۋەتەن بىزنىڭ قەلبىمىزدە دېيىشىدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت