رابىيە خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە نوبېل مۇكاپاتىدىنمۇ بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ بولدى

10 ‏ - ئۆكتەبىر كۈنى نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا 2008 - يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ئىلان قىلدى. گەرچە ئۇيغۇرلار بۇ يىلمۇ نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئىلان قىلىنىشنى ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن كۈتكەن بولسىمۇ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۇيغۇرلارنىڭ تونۇلغان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمغا مەنسۇپ ئېتىلمىدى.
مۇخبىرىمىز ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2008-10-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ 2007 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻥ ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ 2007 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻴﯘﻥ ﭘﺮﺍﮔﺪﺍ.
Courtesy of UAA / Rushan Abbas / File Photo

بۇنىڭغا قارىتا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، "رابىيە قادىر ئانىمىزنىڭ چەتئەلگە چىققىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بىرقانچە يىل ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن نوبېل مۇكاپاتىغا نامزات بولۇپ كۆرسىتىلىشنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ شەرەپ، رابىيە قادىر ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە نوبېل مۇكاپاتىدىنمۇ بۈيۈك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ بولدى"، دەيدۇ.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىملىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىنلاندىيىنىڭ بۇرۇنقى پرېزىدېنتى مارتتى ئاختىسارى بىلەن تەڭ ئورۇندا ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلار قاتاردىن ئورۇن ئېلىشى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىر قانچە يىلدىن بىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر يازغۇچىسى، فرانكفورت شەرقى تۇركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتىخان سۆزىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ چەتئەلگە چىققاندىن بۇيانقى خىزمەتلىرى ۋە نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ھەر يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچىلەرنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل مۇكاپاتى ئېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان كىشىلەرنى، بولۇپمۇ كۈچلۈك نامزاتلار قاتاردىن ئورۇن ئالغان رابىيە قادىر خانىمنى ھەر خىل بۆھتانلار بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتىدۇ. كۈرەش ئاتىخان بۇ ھەقتىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

ئالدىنقى ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ئاننېلىيە ئېناكسون خانىم " ئەگەر رابىيە قادىر بۇ يىل نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىسە، كېلەر يىلى يەنە نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن ئىدى.




پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت