رابىيە قادىر: 'ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمەن ...'

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى، 19 - ئاۋغۇست، 9 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق 17 ئاخبارات ئورنىنىڭ 25 نەپەر مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشى دىنىي ۋە مىللىي سىياسىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ پەقەت ئىچكى، تاشقى ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكىتى" دەپ قايتا تەكىتلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2010-08-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
AFP Photo

بۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۇر بەكرىنىڭ ئېيتقانلىرىغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ھەمدە نۇر بەكرىنىڭ بايانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت