رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندىن بۇيانقى پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ياۋروپادا ۋە ئامېرىكىدا ئېلىپ بارغان بىر قىسىم پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھەققىدە ئىشلەنگەن "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ خەلقئارادا قويۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 16 - ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻮﺳﻠﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 16 - ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻮﺳﻠﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
www.youtube.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ئالىم سېيىتوف ئەپەندى سۆزىدە، ئۆتكەن يىلىدىكى "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنىڭ خەلقئارا مىقياسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تونۇلغانلىقى ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇنىڭدا ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت