رابىيە خانىم ئامېرىكىدىكى تەيۋەنلىكلەرنىڭ يازلىق يىغىنىغا قاتناشتى

2010 - يىلى 3 ‏ - سېنتەبىردىن 5 ‏ - سېنتەبىرگىچە، ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا، ئامېرىكىدىكى تەيۋەنلىكلەرنىڭ يازلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ قاتناشقان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-09-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﺒﯘﺭﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ  ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﺍ، "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
2009 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ، ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﺎﯞﺳﺘﺮﺍﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯧﻠﺒﯘﺭﻥ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﻩ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻢ ﻓﯧﺴﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﺍ، "ﻣﯘﻫﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ 10 ﺷﻪﺭﺗﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

يىغىن تېكساسنىڭ ئائۇستىن شەھىرىدىكى بىر ئالىي مېھمانخانىدا ئېچىلغان. يىغىندا رابىيە خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى ناملىق فىلىم قويۇلغاندىن باشقا، رابىيە خانىم ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆز قىلغان.

يىغىن رىياسەتچىلىرىدىن لىن مالىن خانىم، رابىيە خانىمنىڭ سۆزلىرىدىن ئالغان تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: "بىز بۇرۇن ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭ دېگەن نامنىلا بىلەتتۇق؛ مۇھەببەتنىڭ 10 شەرتى ناملىق فىلىمنى، بۇلتۇرقى 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىنى ۋە بۇ قېتىمقى رابىيە خانىمنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئەتراپلىق چۈشەندۇق. ئۇيغۇرلار تەيۋەنلىكلەر بىلەن كۆپ جەھەتلەردە تەقدىرداش ئىكەن."

لىن مالىن خانىم، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئارزۇ قىلىدىغان ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەردىن بىرى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "شەرقى تۈركىستاننى خىتاي كومپارتىيىسى ئىشغال قىلدى، تەيۋەننى گومىنداڭ ئىشغال قىلدى. پەرقىمىز سىلەرنى بېسىپ كىرىپ ئىشغال قىلدى، بىزنى قېچىپ كېلىپ ئىشغال قىلدى. كومپارتىيە ئۇيغۇرلارنى جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ بىرقىسمى دېگىنىدەك، گومىنداڭمۇ، تەيۋەننى جۇڭگو جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىدى. سىلەرنىڭ مىللىي كىملىكىڭلار تەھدىتكە ئۇچرىغاندەك، بىزنىڭ تەيۋەن كىملىكىمىزمۇ ئىنكار قىلىنىۋاتىدۇ."

لىن مالىن خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەيۋەن خەلقىمۇ گومىنداڭ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، جىم ياتمىغان، توختاۋسىز كۈرەش قىلغان ۋە بەدەل تۆلىگەن؛ ئاخىرىدا دەسلەپكى نەتىجىگە يەنى دېموكراتىك ھەقلىرىگە جۈملىدىن سايلام ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئەمما بۇ تەيۋەن خەلقىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى ئەمەس.

لىن مالىن خانىم سۆزىدە، رابىيە خانىمنى يىغىنغا تەكلىپ قىلىش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈرەش روھىدىن ئۆگىنىش ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى ئورتاق ھەرىكەت شەكىللەندۈرۈش ۋە رابىيە خانىمنىڭ روھىدىن ئىلھام ئېلىش دەپ چۈشەندۈردى.

لىن مالىن خانىم يەنە، يىغىنغا 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىدىن بارلىق يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ قاتتىق ھاياجانلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رابىيە خانىمغا يەنە بىر رەت مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىدىن تەسىرلەنگەن تەيۋەنلىكلەر، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيىتى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت