رابىيە قادىر خانىم خىتاينىڭ 'ئولىمپىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ' دەپ ئەيىبلىگەنلىكىگە رەددىيە بەردى

خىتاينىڭ 'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' بۈگۈن 5 ‏- ئاينىڭ 30 ‏- كۈنى "شەرقىي تۈركىستانچىلار 6 ‏- ئايدىكى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتىنى قارىغا ئالماقتا' سەرلەۋھىلىك بىر خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەردە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنى 'خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئىغۋا تارقاتتى' ۋە 'خەلقئارا تەشكىلاتلارنى ئولىمپىك مەشئىلىنى شىنجاڭدىن ئۆتكۈزۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كۈشكۈرتتى' دەپ ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008-05-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
2008 - ﻳﯩﻠﻰ 20 - ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ.
2008 - ﻳﯩﻠﻰ 20 - ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﺮﻟﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺶ ﻧﯘﺗﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ.
Photo: RFA

 ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئەيىبلىشىگە رەددىيە بەردى. رابىيە خانىم سۆزىدە كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوق دەپ كۆرسەتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسانى 'ياپونىيىگە بارغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ، دەپ ئىغۋا تارقاتتى' دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە رەددىيە بەردى.
 
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ خەۋىرىدە يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىمۇ 'خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇرلارغا قارىتا كىشىلىك ھوقۇق ئاپىتى كەلتۈرۈۋاتىدۇ، دەپ ئىغۋا تارقاتتى' دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ بۇ كونكرېت مەزمۇن بۇيىچە خىتاي ھۆكۈمىتىگە رەددىيە بەردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت