ياپون مەتبۇئاتىدا رابىيە قادىر خانىم

2006-04-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيىدە تىراژى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان ژورناللاردىن بىرى بولغان Bungei Shunju نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان SYOKUN ژۇرنىلىنىڭ 4-ئايلىق سانىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسلىمىلىرى ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىنى ياپونىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون خىتاي مۇناسىۋەتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى Mizutani Naoko 3-ئايدا ۋاشىنگتونغا بېرىپ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ئاساسىدا يازغان. ماقالىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ياپونىيىدە رابىيە قادىر ھەققىدە نەشىر قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ ئىچىدە ئەتراپلىق ۋە چوڭ ھەجىملىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

بىز ماقالىنىڭ ئاپتورى Mizutani Naoko خانىم بىلەن ئۇنىڭ ئەنقەرە سەپىرى جەريانىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ياپونىيىدە تىراژى 2- ئورۇندا تۇرىدىغان ژورناللاردىن بىرى بولغان Bungei Shunju Sha نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان سيوكۇن ژۇرنىلىنىڭ 4-ئايلىق سانىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسلىمىلىرى ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنغان. بۇ ماقالىنى ياپونىيە مەركىزى ئۇنىۋېرسىتېتى، توكيو قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون خىتاي مۇناسىۋەتلىرى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى Mizutani Naoko 3-ئايدا ۋاشىنگتونغا بېرىپ، رابىيە قادىر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ئاساسىدا يازغان. ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، ھازىرغىچە ياپونىيىدە رابىيە قادىر ھەققىدە نەشىر قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ ئىچىدە ئەتراپلىقى ۋە چوڭ ھەجىملىكى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بىز ماقالىنىڭ ئاپتورى Mizutani Naoko خانىم بىلەن ئۇنىڭ ئەنقەرە سەپىرى جەريانىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

RFA : ھۆرمەتلىك Naoko خانىم، رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يازغان ماقالىڭىز يېقىندا ياپونىيىدە نەشىر قىلىنىپتۇ. بۇ ھەقتە قىسقىچە مەلۇمات بەرسىڭىز؟

Naoko خانىم: رابىيە قادىر ھەققىدە ئەسلىمە دېگەن ماقالەم ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ نەشرىياتلىردىن بىرى بولغان BunGei ShunJiu sha نەشرىياتىنىڭ سيوكۇن ژورنىلىدا 4-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشىر قىلىندى. ماقالىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن بۈگۈنگىچە بولغان ھاياتى تەسۋىرلەنگەن. ھازىرغىچە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە يېزىلغان ئەڭ تەپسىلى ۋە ئەڭ ئۇزۇن ماقالە ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇ ماقالىنى 3-ئايدا ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتىمگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ يېزىپ چىقتىم.

RFA : بۇرۇن ياپونىيىدە رابىيە خانىم ھەققىدە باشقا ماقالىلەر ئېلان قىلىنغانمۇ؟

Naoko خانىم: ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا رابىيە خانىم نۇرغۇن لېكسىيىلەرنى سۆزلىدى ۋە رابىيە خانىم ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەرمۇ ئېلان قىلىندى. لېكىن ياپونىيىدە رابىيە قادىر ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىنمىغان. شۇڭا بۇنى تۇنجىسى دىيىشكە بولىدۇ. مەن بۇ ماقالىنى يېزىپ ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرىگە ئېلىپ بارغان ۋاقتىمدا، مۇھەررىر ماقالىنى ئوقۇپ ئىنتايىن تەسىرلەندى. ئۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ بىر كىشى ئىكەنلىكىنى، خىتايدەك بىر دۆلەتتە بۇنچىۋالا ئىشلارنى قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى دەپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەڭەنلىكىنى دېدى.

RFA : ھۆرمەتلىك Naoko خانىم، بۇ ماقالىنىڭ ياپونىيىدە ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە سىزچە؟

Naoko خانىم: ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى ئۇ يەردىكى بىرەر يازغۇچى يازسا ئۇنى دەرھال قولغا ئالىدۇ. شۇڭا ھېچكىم ھەقىقەتنى يازالمايدۇ. بىزگە ئوخشاش كىشىلەر ئۇ يەردىكى ھەقىقى ئەھۋالنى يازساق، بولۇپمۇ ياپونچە يازغىنىمىزدا ياپونىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقى ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ياپونىيىدە تونۇلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايمەن.

RFA : سىز رابىيە قادىرنى زىيارەت قىلىپسىز. رابىيە خانىمنىڭ ياپونىيىگە بولغان كۆز قارىشى قانداق ئىكەن؟

Naoko خانىم: رابىيە قادىر گەرچە ئالىي مائارىپ تەربىيسى كۆرمىگەن بىر ئايال بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ئىنتايىن كەڭ ئىكەن. ئۇزاقنى كۆرەلەيدىكەن. پەقەتلا ياپونىيە ئەمەس، پۇتۇن دۇنياغا ئىنتايىن كەڭ نۇقتىئىنەزەردە قارايدىكەن. بۇ مەنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇردى ھەم تەسىرلەندۇردى.

RFA : ئۇيغۇرلار ياپونىيىدە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى، ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇتۇش ئۈچۈن نىمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟

Naoko خانىم: ئەسلىدە ياپونىيىدە ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ناھايىتى ياخشى ئىلىم ئادەملىرى بار. ياپونلار سىياسى پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىشنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ. ئىلمى تەتقىقاتلار كوپ. ئەمما شەرقىي تۇركسىتاننىڭ ھازىرقى ئەمىلى ئەھۋالىنى يېزىۋاتقان كىشىلەر ئىنتايىن ئاز. يىپەك يولىغا ئوخشاش تېلېۋىزيە پروگراملىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى تونۇتىۋاتىدۇ. ئەمما ھازىرقى ئەمەلىي ئەھۋالنى يورۇتۇپ بېرىدىغان خەۋەرلەر، پروگراممىلار ئىنتايىن ئاز. شۇڭا بىز ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ياپونىيىدە ئۇيغۇر دېسە بىلىدىغانلار ئىنتايىن كوپ. ئەمما شەرقىي تۈركىستان دېسە ياپونلارنىڭ كوپى بىلمەيدۇ. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئوبېكتىپ شەكىلدە يېزىشىمىز ۋە تەشۋىق قىلىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى يوق. شۇڭا بىز چەتئەللىك ژورنالىستلار، بىلىم ئادەملىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى يېڭى خەۋەرلەرنى، يېڭى ئەھۋاللارنى خەۋەر قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.

RFA : ھۆرمەتلىك Naoko خانىم، ئاخىرىدا رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا نىمە دىمەكچىسىز؟

Naoko خانىم: رابىيە خانىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىدىكەن. شۇڭا گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركسىتان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ئىتتىپاقلىشىپ بىرگە ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. رابىيە قادىر خانىم بۇرۇن كوپ پۇل تاپقان ئىكەن. ئۇنىڭ خەلقى ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىدىن ۋاز كېچىپ ھاياتىنى خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىگە ئاتىشى كىشىنى ئىنتايىن تەسىرلەندۇرىدۇ. بۇ بىزنىڭ ئوگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت