رافتو فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى

2005-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
sidiq-haji-eqide.jpg

خەلقئارا رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارنىي لىنگارد، نۇرۋىگىيىلىك ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پروفېسسور سورولف رافتو ئەپەندىنىڭ رەپىقىسى خەلگا باستىيانسىن خانىم قاتارلىق ئالتە كىشى، رابىيە قادىر خانىمغا ئامېرىكىدا مەخسۇس مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ۋاشىنگتونغا يىتىپ كەلدى.

ئارنىي لىنگارد باشچىلىقىدىكى رافتو خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى كەچتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزىلىدىغان رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئالدىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئويىمىزنى زىيارەت قىلىپ، رادىئويىمىز مەسئوللىرى ۋە ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ مۇخبىرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

بۇ بىر باشلىنىش

خەلقئارا رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارنىي لىنگارد سۆھبەتتە مۇنداق دىدى:

"بىز رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمىزغا ئىنتايىن خوشال بولدۇق. بىز ئۆتكەن يىلى نويابىردا نورۋىگىيىگە بېرىپ، رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا ئۇنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزىنى تەكلىپ قىلغانتۇق. بىراق، شارائىت يار بەرمىگەنلىكتىن، بۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. شۇڭا بىز ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكى ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، رابىيە خانىمغا رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى قايتا ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق. جەمئىيىتىمىز مۇكاپات بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بۇ بىر باشلىنىش، بىز داۋاملىق تۈردە ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز".

يەنىمۇ تېرىشىمىز

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

لىنگارد ئەپەندى يەنە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىيلەپ، ئۇنىڭغا رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى بېرىش سەۋەبلىرىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى:

"رابىيە قادىر خانىم، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش چىمپىيونى. ئىنتايىن قەھرىمان بىر ئايال. شۇڭا بىز رابىيە قادىر خانىمغا رافتو مۇكاپاتىنى بېرىشنى توغرا كۆردۇق. يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەت غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن تولۇق تونۇلمىغان. ياۋرۇپادىكى نۇرغۇن كىشىلەر رابىيە قادىر خانىم ئارقىلىق ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇدى. ئۇ ئۇيغۇر دەۋاسىنى تونۇتۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىدى. شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ دىققەت قىلىشىغا، شۇنداقلا بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تېگىشلىك بىر مەسىلە".

لىنگارد ئەپەندى، رافتو جەمئىيىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى، شۇنداقلا خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىۋاتقان ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس كىتاب چىقىرىپ، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش

rfa.jpg

نورۋىگىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سورولف رافتو ئەپەندىنىڭ خانىمى خەلگا باستىيانسىن خانىممۇ رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالايىتەن نورۋىگىيىدىن كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دىدى:

"رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىزمۇ ئىلگىرى گېرمانلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. بىزنىڭ ھېچقانداق ئەركىنلىكىمىز يوقتى. شۇڭا بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى چۈشىنەلەيمىز".

چارشەنبە كۈنى كەچتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، رابىيە قادىر خانىمغا رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. مۇراسىمنى، رافتو فوندى جەمئىيىتى، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلىكى، ئامېرىكا دۆلەتلىك دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. مۇراسىمغا، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىلىرى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىۋاتقان پائالىيەتچىلەر ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار قاتنىشىدۇ.

ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش

شەرقىي تۈركسىتاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ دىققەت قىلىشىغا، شۇنداقلا بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇشىغا تېگىشلىك بىر مەسىلە.

رافتو مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىنى ئويۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى، مەزكۇر مۇراسىمنىڭ ئەھىمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ، مۇنداق دىدى:

"رابىيە خانىمنىڭ رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكىنى بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ بىر شەرەپ، تەسۋىرلىگۈسىز روھىي مەدەت. بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك ئارزۇلىرىنى نامايان قىلىدىغا سىمۋول خاراكتېرلىك مۇكاپات دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئۆتكەن يىل نويابىردا سىدىق ھاجى ئاكىمىز نورۋىگىيىگە بارالمىغانلىقى ئۈچۈن، رافتو فوندى ئامېرىكىغا ۋەكىل ئەۋەتىپ سىدىق ھاجىغا بۇ مۇكاپاتنى بېرىش پىلانىنى قىلغان. قايتا – قايتا ئويلىشىش ۋە پىلانلاش ئارقىلىق، بۇ پائالىيەتنى چوڭراق، داغ – داغدۇغىلىق قىلايلى دېگەن مەقسەتتە چارشەنبە، يەنى 26-چىسلا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا بۇ مۇراسىمنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى، نورۋىگىيىنىڭ بەرگەن شەھىرىدە ئۆتكەن يىل نويابىردا ئوكۈزۈلگەن پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى بۇ يەردە ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بۇنىڭ ئىككى چوڭ سەۋەبى بار. بىرى، رابىيە خانىمنىڭ ئائىلىسىگە بىساۋتە روھىي مەدەت بېرىش، ئىككىنچىدىن، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە خانىمنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر دائىم دەۋاسىنى قىلىۋاتقان، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىقلارغا تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرۈش شۇنداقلا ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىستېمىلاشقان، قائىدە- يۇسۇنلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر دەۋاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرۈش. دېمەك، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولىۋاتقان دىققەت – نەزەر تېخىمۇ مەركەزلىشىۋاتقان، قىززىقىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتقان، بىزگە كېلىۋاتقان يارىدەملەرنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ".

رافتو فوندى جەمىيىتى

نورۋىگىيىدىكى خەلقئارا رافتو فوندى 1986 - يىلى ، نورۋىگىيىلىك ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پروفېسسور سورولف رافتونىڭ ۋاپاتىدىن كىيىن، ئۇنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قۇرۇلغان. رافتو ئەپەندى پۈتۈن ھاياتىنى دۇنيادىكى نامراتچىلىق ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى يوقۇتۇش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان بىر كىشى. شۇندىن بويان، رافتو فوندى جەمئىيىتى ئاساسىي ئىنسان ھوقۇقلىرى بولغان مەنىۋىي ئەركىنلىك، سىياسىي ئەركىنلىك ۋە سودا ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۈپ نىشان قىلىپ، چېگرىدىن ھالقىغان ئاساستا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللاندى. شۇنداقلا دۇنيادىكى، سورولف رافتونىڭ ئۆچمەس روھى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدا ئۈچۈن كۆرەش قىلغان ھەمدە ئۆزىنى بۇ ساھەگە ئاتىغان شەخىسلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش ئۈچۈن رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغان. ئادەتتە رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئارقىدىنلا نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت