خەلق رايىنى سىناشقا قاتناشقان كۆپچىلىك ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى تۈپكى مەسىلە كىشىلىك ھوقۇق دەپ قارىماقتا

خىتاينىڭ بىر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىر ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 2010-يىلى ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر راي سىناشنىڭ نەتىجىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-01-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار بىناسى. 202-يىلى 29 ئاۋغۇست.
ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار بىناسى. 202-يىلى 29 ئاۋغۇست.
en.wikipedia.org

راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارىغان. راي سىناش نەتىجىسى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

2010‏-يىلى يازدا خىتاينىڭ شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ، ئامېرىكىدا راي سىناش ئېلىپ بارغان ئىدى. راي سىناش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيىسىنى ئىگىلەش بولۇپ، راي سىناش نەتىجىسى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ 80% ئى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى چەكلەۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇق ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك دەپ قارايدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ نىسبىتى 3 دەن 2 قىسىمنى، يەنى راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقانلارنىڭ 67.4 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى راي سىناش نەتىجىسى ئۈستىدىن ئانالىز ئېلىپ بېرىپ، راي سىناش نەتىجىسى "ئامېرىكا ‏-خىتاي ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيىلىك تۈپ ئىختىلاپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئىكەنلىكى"دىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ راي سىناش مەركىزى 2010‏-يىلى يازدا 900 گە يېقىن كىشىنىڭ رايىنى سىناپ، راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىقلارغا قايسى مەسىلىلەرنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 65.3 پىرسەنتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە مۇھىت ساغلاملىقىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ، مۇھىت ساغلاملىقىنى كىشىلىك ھوقۇقتىن كېيىن قالسا 2-مۇھىم مەسىلە دەپ قارىغان. راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، راي سىناشقا قاتناشقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ 12% ئى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلە ئەمەس دەپ قارىغانلىقىنى، 20.4 پىرسەنت ئادەم ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى نورمال مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىدا ياشايدىغان بەزى ئۆكتىچى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىختىلاپ دەپ قارىشى ناھايىتى نورمال ھادىسە. چۈنكى، كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش پرىنسىپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ، ئىككى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ خاراكتېرىدىكى تۈپكى پەرقتۇر. خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا نەشر قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ نەشرىيات ئەپكارى‏ "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى شۆ ۋېي ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، "ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ زىددىيىتى ئىجتىمائىي تۈزۈمىنىڭ ئوخشىماسلىقىدا" ئىكەنلىكىنى، ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى پەرق كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئالاھىدە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ "ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئىختىلاپ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمىدىكى پەرقنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنى مۇھىم دەپلا قارىماي، كىشىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت ئۇنىۋېرسال قىممەتكە ئەھمىيەت بېرىشى نورمال ھادىسە. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كىشىلىك قىممەت ئىقتىسادى تەرەققىيات ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتىن مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى، ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇنىدا كىشىلىك ھوقۇق ئىنساننىڭ تەڭرى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان تەبىئىي ھوقۇق، دەپ قەيت قىلىنغان. شۇڭا ئامېرىكا خەلقىگە نىسبەتەن جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش. بۇ، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە" دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. پرېزىدېنت ئوباما خۇ جىنتاۋنى كۈتۈۋالغاندا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغانلىقى، بەلكى مۇقىملىقنى ئالغا سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خۇ جىنتاۋ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ تەتبىقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا سەپىرىدە ئۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ سورالغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىساد ۋە سودا ئۇنىڭ ئوباما ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدىكى ئاساسلىق مەسىلە ئىدى. "بېيجىڭ باھارى" ژۇرنىلىدىكى شۆ ۋېي ئەپەندى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادى ئېھتىياجىنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكى، لېكىن چەتئەلنىڭ بېسىمى خىتاينىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق يولىغا مېڭىشىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ":چەتئەلنىڭ بېسىمى جۇڭگونىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ پىكرى ۋە كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇ جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە ئۆزىنىڭ رولىنى كۆرسىتىپ، مەلۇم ئۆزگىرىشنى مەيدانغا چىقىرىشنى ئالغا سۈرىدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇ، چەتئەلنىڭ بېسىمى جۇڭگونىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك، باشقا دۆلەتنىڭ بېسىمى جۇڭگو ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ پىكرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. بۇ كىشىلەر ھاكىمىيەت ئىگىلەشكە باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ دۇنيانى چۈشىنىشى، ئىلغار دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشى چوڭقۇرلاشقان بولىدۇ. ئۇلار بۇنداق مېڭىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. دېمەك بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ، تىنچ ئۆزگىرىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ".

شۆۋېي، خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە كۆچكەن-كۆچمىگەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدۇر، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ پەقەت دېموكراتىك جۇڭگودا ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. شۆ ۋېي "ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن دېموكراتىك تۈزۈلمە بولۇشى كېرەك. بۇ مەسىلە، شۇ چاغدا خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى، پۇقرالار ئاۋاز بېرىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ھەل بولىدۇ. بۇ مەسىلە دېموكراتىك تۈزۈلمىدە مۇناسىۋەتلىك خەلقنىڭ مەنپەئىتى نېمىنى كېرەك قىلسا، شۇ تۈردە ھەل بولىدۇ. شۇڭا مەن، بۇ مەسىلە دېموكراتىك جۇڭگودا ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولىدۇ دەپ قارايمەن" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن شۆ ۋېي، خىتاي دېموكراتىيىگە كۆچسە، خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتايدا نۆۋەتتىكى خەنزۇ مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشىنى كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتنى كونترول قىلىشى، بىر تەرەپلىك تەشۋىقاتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن، دېموكراتىك خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ سىياسىي تەلەپلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىغا سەھنە يارىتىپ بېرىدۇ.

ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن خىتاي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان مەزكۇر راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئامېرىكىلىقلار ئەڭ ئارىسالدى بولۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ، 29.3 پىرسەنت ئادەم بۇنى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوخشاش نىسبەتتىكى ئامېرىكىلىقلار سودا بىر قەدەر مۇھىم بولمىغان ئادەتتىكى مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. راي سىناش پائالىيىتىگە قاتناشقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ 59.3 پىرسەنتى خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، خىتايدىن كۆپەرەك ئامېرىكىغا زىيان سالىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت