ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رابىيە قادىر خانىمدىن روزى ھېيتلىق سالام!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى، مۇسۇلمانلارنى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمىز! ئەل - جامائەت، ئۇرۇق - تۇغقان جەم بولىدىغان بۇ ئۇلۇغ ئايەم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋەتەن ئىچى ۋە سرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-08-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رابىيە قادىر خانىم بەرگىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلماقتا. 2011-يىلى 6-نويابىر، نورۋېگىيە.
رابىيە قادىر خانىم بەرگىن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلماقتا. 2011-يىلى 6-نويابىر، نورۋېگىيە.
RFA/Aygul Yusup


تۆۋەندە دىققىتىڭلار رابىيە قادىر خانىمنىڭ يۈرەك سۆزلىرىدە بولسۇن.

روزى ھېيت - مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس بايرىمى. دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇرلار روزى ھېيتىنى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى سۈپىتىدە قۇتلۇقلاپ كەلمەكتە. مانا بۈگۈنكىدەك روزى ھېيت مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار ھېسابسىز خورلۇقلارغا ئۇچراۋاتقان بولسا، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە روزى ھېيت خوشاللىقىغا جۆر بولدى. بۇ مۇقەددەس كۈنلەردە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوتلۇق سالام يوللىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت