سەككىز دۆلەت يىغىنى ۋە رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى (1)

2006-07-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

15-ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سەككىز سانائەت دۆلىتى باشلىقلىرىنىڭ رۇسىيىنىڭ سانكىت پېتەربۇرگ شەھىرىدە ئۇچرىشىشىنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ قېتىمقى يىغىن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تالاش-تارتىشلار تېخى ھەل بولمىغان، ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچىيىشكە باشلىغان، خەلقئارا پۇل –مۇئامىلە ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېڭى جىددىيلىكلەر پەيدا بولغان بىر قاتار خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەندىن سىرت يەنە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىمۇ بىراز يىرىكلىشىپ، ئۇلار ئارىسىدا "يېڭى سوغۇق ئۇرۇش" كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقى پەيدا بولغان ئەھۋالغا توغرا كەلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىن جەرياندا پىلانلانغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئايرىم سۆھبەتلىشىشىنىڭ ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانىڭ ئارىسىنى ئىللىتىش رولىنى ئوينىيالامدۇ ياكى يوقمۇ دېگەن مەسىلە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلماقتا.

رۇسىيە سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەسمى ئەزاسى

سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلىتسىن ئۆزىنىڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،كۆپ تىرىشچانلىق ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتنىڭ كوزەتكۈچىلىق سالاھىتىگە ئەرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ۋلادىمىر پۇتىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن رۇسىيە سەككىز دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەسمى ئەزالىقىنى قولغان كەلتۈردى.

مەزكۇر سەككىز دۆلەت ئەمەلىيەتتە دۇنيا سىياسىتىنىلا ئەمەس بەلكى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى سەۋىيىسى ھەم يۈزلىنىشىنى بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە مەملىكەتلەر بولۇپ، رۇسىيە مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتنىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خەلقئارا جەمىيەتتىكى تەسىرى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. موسكۋا رەھبەرلىرى ئاخىرى 2006-يىللىق سەككىز دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن، بۇ كۈنلەردە رۇسىيىنىڭ غەرب دۇنياسى جۈملىدىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى 11-سەنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئەڭ توۋەن دەرىجىگە چۈشكەن بولۇپ، موسكۋا بىلەن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئىختىلاپلىرى كۈنسانيىن كۈچەيدى.

ۋلادىمىر پۇتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېنېرگىيە سىياسىتى غەربلىكلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. ن ئا ت ئو بىلەن بولغان ھەمكارلىقلاردىمۇ بەزىبىر ئىختىلاپلار كېلىپ چىقتى. بولۇپمۇ، ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى پىلانى مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ ئەڭ گەۋدىلىك بولۇپ، رۇسىيە باشتىن ئاخىرى خىتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قاراشلىرىغا قارشى چىقتى. موسكۋا غەربنىڭ دائىملا تۈرلۈك مەسىلىلەردە ئۆزىنى تەنقىد قىلىشىنى شۇنىڭدەك غەرب دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان سەككىز سانائەت دۆلىتىنىڭ بىرلىكتە رۇسىيىنى تەنقىد قىلىدىغان گۇرۇھ بولۇشىنى تېخىمۇ خالىمايتتى. مانا مۇشۇنداق رۇسىيە ئۈچۈن پايدىسىز ۋەزىيەت ئاستىدا رۇسىيە بىر تەرەپتىن غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان، ئۆزارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتەك تاشقى ئىستراتېگىيە بەلگىلىگەن.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇپمۇ ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە قىسمەن ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىختىلاپلار مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان تېخىمۇ كۈچەيدى. مەزكۇر ئىختىلاپلار ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بىرىنچىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىنىڭ بارلىق ھوقۇقلارنى ئۆز قولىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، دېموكراتىك سايلام ۋە دېموكراتىك پىكىر ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەشكە يۈزلىنىۋاتقانلىقى ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا رۇسىيىنى دېموكراتىيە جەھەتتە چېكىنىپ كەتكەنلىك بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە مەزگىل ئىلگىرى ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېني بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرىنى ۋە قازاقىستاننى زىيارەت قىلىش جەريانىدا رۇسىيىنىڭ دېموكراتىيە جەھەتتە ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارا تەنقىد قىلغان ئىدى. بۇ موسكۋا رەھبەرلىرىنى نارازى قىلدى.

ئىككىنچىدىن، ئېنېرگىيە جەھەتتە رۇسىيىنىڭ ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە، مولداۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېسىم قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ۋاشىڭتوننىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلدى.

ئۇچىنچىدىن، رۇسىيىنىڭ ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى دۆلەتلەردە ئۆز تەسىرىنى تىكلەشكە ھەتتا گرۇزىيە، مولداۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىد سېلىۋاتقانلىقى ۋاشىنگتوننىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

تۆتىنچىدىن، ئامېرىكا رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاقچىسى ھېسابلىنىدىغان بېلارۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكونى مۇستەبىتلىك ئەيىبلەپ، ئۇنى دېموكراتىك ئىسلاھاتقا دەۋەت قىلدى. بەشىنچىدىن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى جۈملىدىن موسكۋانىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە "ھامماس" تەشكىلاتىنى قوللىشى، ئىران مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەكلىپلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرۈشى ئىزچىل ھالدا ۋاشىنگتوننىڭ نارازىلىقى ئاستىدا بولدى.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى يۇقىرىقى بىر قاتار مەسىلىلەردە رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە تەنقىدىي مەيداندا تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن خاتالىقلىرىنى تۈزۈتۈشنى بولۇپمۇ، دېموكراتىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلسىمۇ، ئەمما موسكۋا بەرىبىر بۇ تەكلىپلەرنى ئاڭلىمىدى. ئەكسىچە، موسكۋا رەھبەرلىرى ۋاشىنگتوننى رۇسىيىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بىلەن ئەيىبلىدى ھەتتا ئامېرىكىنى، مەبلەغ ئاجرىتىپ،تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ۋە تۈرلۈك ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ، دېموكراتىيە شۇئارى بىلەن رۇسىيىگە ھۇجۇم قىلدى دەپ قارىدى. رۇسىيىلىكلەر يەنە ئامېرىكا رۇسىيىنىڭ مۇستەقىل ھالدا خىتاي، ئىران قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن دىپلوماتىك ئالاقىلار ئېلىپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى خالىمايدۇ. ۋاشىنگتون موسكۋادىن ئۆزىنىڭ "قاش-قاپىقىغا قاراپ ئىش تۇرۇشنى" خالايدۇ ھېسابلاپ، بۇ تەنقىدلەرنى رۇسىيىنىڭ دۆلەت غۇرۇرىغا قىلىنغان ھۇجۇم دەپ ئەيىبلىدى.

ئەلۋەتتە، يەنە بۇ يەردە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى بولۇپمۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق خىتاي بىلەن قويۇق ھەربىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەتتا جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا ئاشكارا ئىنتىلىشىمۇ ئامېرىكىنىڭ دىققەت قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت