ھىندىستان، رۇسىيە ئارقىلىق قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە بولماقچى

2008-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تېز تەرەققى قىلىپ، دۇنيا بازارلىرىنى ئىگىلەش بىلەن بىر قىسىم ئەللەرنىڭ سودا - ئىقتىسادىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى، ھەربىي خامچوتىنى يىلدىن - يىلغا كۆپەيتىپ، ھەربىي جەھەتتىكى زامانىۋىلىشىش ھەم ئارمىيىسىنى يېڭى ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇش سۈرىتىنى تېزلىتىش ياۋرو - ئاسىيا، ئافرىقا ھەم غەرب دۆلەتلىرىگە يېڭى رىقابەت ۋە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە، ئاسىيا قىتئەسىدە خىتايدىن باشقا ھىندىستانمۇ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى تېز تەرەققى قىلىۋاتقان مەملىكەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا كەلگۈسىدە دۇنيا سىياسىي سەھنىسىدە مۇھىم ئورۇننى ئېلىشقا ئىنتىلگەن بولغاچقا , ئۇلارنىڭ بىردەك ھالدا ئوخشاشلا ھەربىي تېخنىكىسىنى راۋاجلاندۇرۇش، يېڭى ئىلغار قوراللار بىلەن ئارمىيىلىرىنى قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىدىن كۆپلەپ قورال - ياراقلار ئىمپورت قىلماقتا.

رۇسىيە ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي - تېخنىكا خېرىدارى

ھىندىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقچىسى سۈپىتىدە خىتايغا جەنۇب تەرەپتىن تەھدىت پەيدا قىلغان بولۇپ، 1962 - يىلىدىكى خىتاي - ھىندىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن يېڭى دېھلى موسكۋانىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەربىي ساھەسىنى كۈچلەندۈرۈپ بېيجىڭغا ھەيۋە كۆرسەتكەن ئىدى. گەرچە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلسىمۇ، لېكىن يېڭى دېھلى بىلەن موسكۋانىڭ مەزكۇر ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتى بۇزۇلمىدى شۇنىڭدەك تېخىمۇ قويۇق داۋاملىشىپ، رۇسىيە - ھىندىستان ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتېتى ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى، رۇسىيە ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى مودېلدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم تېخنىكىلارنى ھىندىستانغا سېتىپ بەردى.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ھەپتىدە يېڭى دېھلى بىلەن موسكۋا ئارىسىدا بىر مىليارد دوللار قىممىتىدە ھەربىي قورال - ياراق سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن رۇسىيە ھىندىستانغا ئىلگىرى سېتىپ بەرگەن 60 دانە مگ - 29 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننى قايتىدىن ئۆزگەرتىپ ياساپ، ئۇنى نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكۈزمەكچى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇس تېخنىكا خادىملىرى 80 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن سېتىۋېلىنغان ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بۇ ئايرۇپىلانلىرىغا يېڭى تىپتىكى رادار ۋە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى، مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان راكېتالارغا تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسى ھەمدە يېڭى تىپتىكى لازىر نۇرىدىن راكېتالىق بومبىلارنى پەيدا قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. مەزكۇر 60 دانە مگ29 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان قايتا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يەنە 15 يىلغىچە ئىشلىتىشكە بولىدىكەن ھەمدە بۇلارنىڭ ھەممىسى بەش يىلغىچە بولغان مۆھلەت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرىلىدىكەن.

ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى زور دەرىجىدە قۇدرەت تاپىدۇ

رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىن تارتىپلا رۇسىيىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، ئۆز كۈچىنى ئاشۇرماقتا. بۇ قېتىم ئەگەر، مەزكۇر مگ - 29 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئۆزگەرتىلىپ، سۈپىتى ئۆلتۈرۈلسە، ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قۇدرىتى ئاسىيا قىتئەسىدە ئالدىنقى ئورۇنلارغا ئۆتۈشى مۇمكىن ئىكەن. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى يەنە ئىلگىرى رۇسىيىدىن سۇ-27 تىپلىق ئىلغار كۈرەشچى ئايرۇپىلانلارنىمۇ سېتىۋالغان. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە 10 مىليارد دوللار قىممىتىدە 120 دانە ئىلغار ھەربىي ئايروپىلان سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان

ھىندىستان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەربىي تېخنولوگىيە جەھەتتە رۇسىيىگىلا تايىنىش يولىنى ئۆزگەرتىپ، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە. ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلىرى بىلەنمۇ ھەمكارلىشىش ۋە ھەربىي - تېخنىكا سودىسى قىلىش يولىنى ئىزدىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىمۇ رۇسىيىنىڭ قورال سودىسىغا رىقابەت پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان قورال سودا قىممىتى بىر مەزگىل تۆۋەنلىگەن، ھەتتا ئالجىرىيىلىكلەر رۇسىيىدىن سېتىۋالغان 15 دانە مگ-29 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن قايتۇرۇۋەتكەن. رۇسىيە ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھىندىستانمۇ رۇسىيىدىن مەلۇم دەرىجىدە نارازى بولغان بولۇپ، چۈنكى ئەسلى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە رۇسىيە " ئادمىرال گورشاكوۋ "ناملىق ئاۋىئاماتكىنى بۇ يىل ئۆزگەرتىپ ياساپ ھىندىستانغا تاپشۇرۇشى كېرەك ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رۇسىيە بۇ ئاۋىئاماتكىنى ئۆزگەرتىپ ياساش چىقىمىنى ئاشۇرىۋالغان ئىدى.

رۇسىيە مۇمكىن قەدەر خىتايغا ئاز سېتىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن

پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ھىندىستاننى ئۆزىنىڭ خىتاي ۋە غەربكە قاراتقان ئىستراتېگىيىسىدە يەنىلا مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. شۇ سەۋەبتىن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يېقىنقى يىللار ئىچىدە يېڭى دېھلى بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەندىن سىرت يەنە ھىندىستاننى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈشنى ئىزچىل قوللىدى.

پۇتىن يەنە ئۆتكەن يىلى 1 - ئايدا ھىندىستاننى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ھىندىستانغا ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇپ بېرىشىگە ماقۇللۇق بىلدۈرگەندىن سىرت يەنە 11 - ئايدا رۇسىيىنىڭ قورال سودىسىنى كۈچەيتىپ، قوراللىرىنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش ھەمدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە قارىماي، يېڭى بازار ئېچىشنى قارار قىلغان ئىدى. ئەلۋەتتە، ھىندىستان مۇھىم خېرىدار دەپ قارالغان. پۇتىننىڭ تەشەببۇسى بويىچە رۇسىيە ئۆتكەن يىلى قورال سودىسىنى يەتتە يېرىم مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، سودا دائىرىسىنى 50 دۆلەتكە كېڭەيتىپ، ئىلگىرىكىدەك خىتاينى ئاساسىي خېرىدار قىلىشقا خاتىمە بېرىپ، خىتايغا ساتىدىغان قوراللارنى ئازلاتقان.

بۇرۇن رۇسىيە خىتايغا ھەر يىلى دېگۈدەك ئىككى مىليارد دوللار قىممىتىدە ئىلغار ھەربىي ئايروپىلان، سۇ ئاستى ۋە ئۈستى پاراخوتلىرى ۋە باشقىلارنى سېتىپ بېرەتتى.خىتاي ئۇنىڭ قورال سودىسىنىڭ %40 نى ئىگىلىگەن ئىدى. ئەمما، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، بۇ سان زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن.

رۇسىيىدىكى بىر قىسىم ئەرباپلارنىڭ خىتاينى قوراللاندۇرۇۋېتىشتىن ئەندىشە قىلىشى

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى جاننەتنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار. ئۇنىڭ بىرى، رۇسىيىنىڭ خىتاي تەلەپ قىلغان قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىدىن بولسا، يەنە بىرى رۇسىيىدىكى بىر قىسىم ئەرباپلارنىڭ خىتاينى قوراللاندۇرۇۋېتىشتىن ئەندىشە قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۇزۇن چېگرا بار بولۇپ، ھىندىستان بولسا، رۇسىيىدىن يىراق، ئۇنىڭدىن رۇسىيىگە تەھدىت كەلمەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قىسىم رۇسىيە ئىستراتېگىيىچىلىرى ئارىسىدا خىتاي تەھدىتى كۆز قارىشى مەۋجۇت بولۇپ، ئاھالىسى شالاڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدىكى كوپ ساندىكى رۇسىيە پۇقرالىرى خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن كەلگۈسىدە تەھدىت پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا رۇسىيىنىڭ ئوخشاشلا خىتايدىن ئەنسىرەپ ئۆزىنى تېز سۈرەتتە قوراللاندۇرۇۋاتقان ھىندىستاننى قوراللاندۇرۇپ، كەلگۈسىدە رۇسىيىنىڭ شەرق تەرىپىگە كېلىشى مۇمكىن بولغان تەھدىتلەرنى ئازايتىشنى ئويلىشىشى تەبىئىي ئىدى. نۆۋەتتە، ھىندىستاننىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى بېيجىڭغا يېتىپ بارالايدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى دېھلى دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچەيتىپ، رۇسىيىدىن ئاۋىئاماتكىلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ھىندى ئوكيان رايونىدىكى بىردىن - بىر ئاۋىئاماتكا ئەترىتىگە ئىگە دۆلەت بولۇش بىلەن ھىندى ئوكيان رايونىغا چىقىشقا ھەمدە بۇ رايوندا كۈچ سىنىشىشقا ئىنتىلىۋاتقان خىتاي ھەم باشقا دۆلەتلەرگە ھاكىملارچە مۇئامىلە قىلماقچى بولسا كېرەك. شۇڭا، بۇ قېتىم ھىندىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا رۇسىيە تەرەپ "ئادمىرال گورشاكوۋ" ناملىق 45 مىڭ توننىلىق ئاۋىئاماتكىنى ئۆزگەرتىپ ياساش ئىشىنى تېزلىتىپ، ئۇنى 2011 - يىلى ھىندىستانغا سېتىپ بېرىش ھەققىدە ئاخىرقى پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت