رۇسىيە ھۆكۈمىتى سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى رۇسلارنى يۆتكەپ كەتمەكچى

2006-07-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيىنىڭ "ئىتارتاس" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋىچىسلاۋ پوستاۋنىن رۇسىيىنىڭ دۆلەتلىك پروگراممىسى بويىچە 20- 25 مىليون ئەتراپىدا ، باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى مەملىكەتلىرىدە ياشايدىغان سابىق رۇسىيە ۋەتەنداشلىرىنى ئۆز ئىختىيارلىرى بىلەن رۇسىيىگە كۆچۈرۈپ كېلىپ ماكانلاشتۇرۇش پىلانلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن رۇس ئاھالىلىرى كۆپلەپ كۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بۇ كۆچۈش نىسبىتى تۆۋەنلەپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى موسكۋا ھۆكۈمىتى ئۆزى رۇسلارنى كۆچۈرۈپ كېلىش پروگراممىسى تۈزگەن.

موسكۋانىڭ كەلگۈسى ئىستراتېگىيىلىك پىلانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەمدە رۇسىيىگە ئاھالە كۆچۈرۈش پىلانى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ موسكۋانىڭ يېقىن كەلگۈسىدە رۇسىيەدە مەيدانغا كېلىش ئېھتىماللىقى بار بولغان نوپۇس كرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر پروگراممىسى بويىچە رۇسىيىگە كۆچۈرۈپ كېلىنمەكچى بولغان ئاھالىلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىكى ، شۇنىڭدەك يەنە مولداۋىيە ۋە ئۇكرائىنىيىدىكى كۆچۈپ كېلىشنى خالايدىغان رۇسلار ۋە باشقا سابىق رۇسىيە پۇقرالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

موسكۋانىڭ رۇسىيىنىڭ سىرتىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى رۇسلارنى ۋە باشقا سىلاۋىيانلارنى رۇسىيىگە كۆچۈرۈپ كېتىش پروگراممىسى رۇسىيە ئانالىزچىلىرىنىڭ جۈملىدىن ھەر قايسى مەملىكەتلەردىكى رۇس جامائەتىنىڭ ئىنكاسلىرىنى قوزغىدى.

موسكۋانىڭ ئاساسىي كۆچۈرۈش ئوبيېكتىغا ئايلانغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىكى رۇس جامائەتىنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رۇس ئانالىزچىسى ۋىكتورىيا پانفىلوۋا ئۆزىنىڭ " ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسلار قانداق ياشاۋاتىدۇ ؟" ناملىق ماقالىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىش ئالدىدا 10 مىليوندىن ئارتۇق دەپ قارالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رۇسلىرىنىڭ ھازىر بەش مىليون 500 مىڭ ئەتراپىغا چۈشكەنلىكى، بۇ كۆچۈرۈلۈشتە بەلكى بۇ ساننىڭ تېخىمۇ ئازلاپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ.

رۇسلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېتىشكە باشلىغان

ۋىكتورىيا پانفىلوۋا ماقالىسىدە" سوۋېت ئىتتىپاق يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئىلگىرى ئۇزۇن يىللار ئۆزلىرىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى ھېسابلاپ كەلگەن رۇسلار ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە بىردىنلا ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالدى. رۇسلار ئاساسلىقى بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ناچار ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالتىق جۇمھۇرىيەتلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىشى ھاكىمىيەت خاراكتېرىنى ئالغان بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن سىقىپ چىقىرىلىشىدىكى سەۋەب ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلقلەر بىلەن بىلەن تەڭ باراۋەر بولالماسلىقىدۇر" دېگەندەك كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

رۇس ئانالىزچىسى ۋىكتورىيا پانفىلوۋا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى رۇسلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر-بىرلەپ توختىلىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاقىستانغا رۇسلار 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن تارتىپ كېلىشكە باشلىغان بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئۇلارنىڭ سانى ئالتە مىليوندىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار 90-يىللاردا كۆپلەپ كۆچۈپ كەتكەن. قازاقىستان ھۆكۈمىتى قازاق تىلىنى دۆلەت تىلى ، رۇس تىلىنى مىللەتلەر ئارا تىل قىلىپ بېكىتكەن بولسىمۇ، ئەمما بەرىبىر رۇس تىلى بۇ جۇمھۇرىيەتتە يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكتە. قازاقىستاننىڭ شىمالىدىكى جايلاردا رۇسلار يەنىلا نوپۇس جەھەتتە كۆپسانلىقنى تەشكىل قىلغان.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندا رۇسلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە كۆپلۈكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زېمىن جەھەتتە رۇسىيە بىلەن ئۇزۇن چېگرىغا ئىگە بولۇشى تۈپەيلىدىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى رۇس ئامىلىغا نىسبەتەن ئاشكارا بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزمىگەن. بۇ جايدىكى رۇسلارغا نىسبەتەن چەتكە قېقىش پەقەت ئاستىرتتىن ئېلىپ بېرىلغان . 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى قازاق مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن رۇسلار تۈركۈملەپ رۇسىيىگە كۆچۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇ كۆچۈش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن.

ۋىكتورىئا پانفىلوۋانىڭ بايان قىلىشىچە، 2005-يىلى قازاقىستاندىن كۆچۈپ كەتكەن رۇسلارنىڭ سانى 34 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولسا، ئەمما ئەكسىچە،2006-يىلى 20 مىڭ ئادەم قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەن. ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، قازاقىستاندا رۇسلارنىڭ نەچچىلىگەن جەمىيەتلىرى پائالىيەت قىلغاندىن سىرت يەنە كۆپلىگەن مەكتەپلەر، تىياتىرلار، مەتبۇئاتلار، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى رۇس تىلىدا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. رۇس تىلىنىڭ ئورنى ھامان يۇقىرى بولماقتا.

رۇسلارنىڭ موسكۋانىڭ پروگراممىسى بويىچە كۆچۈشى قىيىن

مەزكۇر رۇس ئاپتورى قازاقىستاندا ئېشىپ قالغان رۇسلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن كۈنسايىن قولايلىق بولۇۋاتقان سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىكى مۇمكىنچىلىكلەر تۈپەيلىدىن ئۇلارنىڭ قازاقىستاننى تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يىللار ئايرىلىپ كەتكەن ئانا ۋەتىنى- رۇسىيىگە كەڭ كۆلەمدە كۆچۈشى ھەققىدە سۆز ئېچىشنىڭ قىيىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇنىڭ پىكرى بويىچە ئالغاندا، موسكۋانىڭ ئاھالە كۆچۈرۈش پىلانىغا قازاقىستاندىكى رۇسلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاۋاز قوشۇشى مۇمكىن ئەمەس.

بۇ رۇس ئاپتورى يەنە قىرغىزىستاندىكى رۇسلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ جايدىن ئىلگىرى كۆپلىگەن رۇسلار كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئازلاپ قالغانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ رۇس تىلىغا ئورۇن بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، بۇ يەردە ئېشىپ قالغان رۇس ئاھالىلىرىنىڭ رۇسىيىگە تۈركۈملەپ كۆچۈشىنىڭ ئېھتىماللىقىنىڭ يوقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئاپتور تاجىكىستاندىكى رۇسلار ھەققىدە توختىلىپ، 1990-يىللاردا بۇ جۇمھۇرىيەتتە 450 مىڭ ئەتراپىدا رۇسلار ، ئۇكرائىنلار ياشىغان بولسا، ھازىر ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئاران 50 مىڭغا چۈشۈپ قالغانلىقى، تاجىكىستان رۇسلارنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەت بولۇش بىلەن بۇ يەردە پەقەت بىر قانچىلا رۇس مەكتەپلىرىنىڭ ئېشىپ قالغانلىقى، رۇس تىلىنى بىلىش ۋە قوللىنىش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى تۆۋەن ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك، رۇس ئاھالىلىرىغا بەزىدە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ قىسمەن ياردەملەرنى بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، تاجىكىستاندىكى رۇسلارنىڭ رۇسىيىگە كېتىش ئېھتىماللىقى نىسبەتەن چوڭراق بولۇپ، بۇلار ئاساسلىق زىيالىيلار ۋە مائاشى تۆۋەن بولغان ئىشچىلار ھەم باشقىلار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئاپتور يەنە تۈركمەنىستاندىكى رۇسلار ھەققىدە توختىلىدۇ، ئۇنىڭ قارىشىچە، تۈركمەنىستان رۇسلارغا قاتتىق مۇئامىلە قوللىنىۋاتقان مەملىكەت بولۇپ، بۇ جۇمھۇرىيەتتە رۇسىيە دىپلوملىرى ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. رۇس قاتارلىق يەرلىك ئەمەس مىللەتلەرنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن، بۇ يەردە پەقەت بىرلا دۆلەتنىڭ تەۋەلىكىنى قوبۇل قىلىش بېكىتىلگەن.

ئاپتورنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، رۇسلارنىڭ ئۆزبېكىستانغا كېلىپ ماكانلىشىش تارىخى 150 يىلدىن ئاشقان. رۇسلارنىڭ سانى 1990-يىلاردا بىر مىليوندىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن كېيىن ئازىيىشقا باشلىغان ، كۆچۈش ئۇنچىۋالا كۈچلۈك بولمىغان.

رۇسىيە يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە قاتارلىق جايلارغا ئاھالە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشماقتا

رۇس ئاپتورى ۋىكتورىيا پانفىلوۋانىڭ يەكۈنلىرىگە تايانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاجىكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردىكى بىر قىسىم رۇسلارنىڭ موسكۋانىڭ پروگراممىسى بويىچە رۇسىيىگە كۆچۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب ئىقتىسادىي ئامىل بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ يەنە موسكۋانىڭ مەلۇم دەرىجىدە مەبلەغ ئاجرىتىپ، رۇس ئاھالىلىرىنىڭ كۆچۈشىگە ياردەم كۆرسىتىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ رۇسىيىدە ماكانلىشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پۇرسەتلەر يارىتىپ بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىر رۇسىيىدە نوپۇس كۆپەيمەسلىك بولۇپمۇ، رۇسلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئازلاپ كەلگۈسىدە رۇسىيىدىكى ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە يىراق شەرق ۋە سىبىرىيىدىكى ئاھالىلارنىڭ رۇسىيىنىڭ ياۋروپا قىسىمىغا كۆچۈپ كېتىش ئەھۋالى پەيدا بولغان. موسكۋا خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئەشۇ جايدىكى نوپۇس كەملىكىنى يېڭى كۆچمەنلەر بىلەن تولدۇرۇشنى ئويلاشقان . يىراق شەرقتىكى نوپۇسنىڭ ئازلىشىدىكى ئامىللار ئاساسلىقى ئۇ جايلاردا مەۋجۇت بولۇۋاتقان خىتاي تەھدىتى كۆز قارىشى ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ناچار ۋەزىيەت ھەم باشقىلاردۇر.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت