تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان رۇسىيىدە زىيارەتتە

2005-01-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ 500 ئىن ئارتۇق كارخانىچى، بەش مىنىستىر، 90 مۇخبىر بىلەن بىرلىكتە رۇسىيىگە ئېلىپ بارىدىغان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى رەسمى باشلاندى. ئۇ شۇ كۈنى موسكۋاغا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچراشقان.

رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سىياسى ۋە تىجارى مەسىلىلەردىن باشقا، سېيپۇرۇس مەسىلىسىدىن ئىراق مەسىلىسىگىچە بولغان بىر يۈرۈش خەلقئارا مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي خەۋەرنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت