سابىق سىياسىي مەھبۇس، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ زۇلۇمىدىن دەرت تارتىۋاتقان ئادەملىرىمىز كۈرمىڭ

سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، بىرنەچچە قېتىم خىتاي تۈرمىسىدە يېتىپ چىققان بىرەيلەن، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرگە بولغان بېسىمنى بارغانچە كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010-09-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
File

"بۇ ھۆكۈمەتنىڭ زۇلۇمىدىن دەرت تارتىۋاتقان ئادەملىرىمىز كۈرمىڭ. ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى پەردازلاپ كۆرسىتىشى بىلەن، دۇنيا ئەللىرى بۇ يەردىكى نۇرغۇن پاجىئەلەردىن خەۋەرسىز قالماقتا. بىزنىڭ ئۇرۇشماي تۇرۇپ ئۆلگەن ئادەملىرىمىزنىڭ سانى يوق. نۇرغۇن ياشلىرىمىز تۈرمىلەرگە پۈتۈن كىرىپ كېتىپ، ئۆلۈكىمۇ يوق؛ تىرىكىمۇ يوق يوقاپ كەتتى. ھازىر ھەممە ۋىلايەت ناھىيىلەردە سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقى سەۋەبىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسى، 2 يىل كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسى دېگەندەك ئېغىر جازالار بېرىلىپ، تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ياشلىرىمىز نۇرغۇن. بۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش كېرەك. مانا بىز بۇ ئەھۋاللارنى دۇنياغا يەتكۈزۈشكە تەييار."

مانا بۇ، خىتاي قانۇن دائىرىلىرى تەرىپىدىن سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، كۆپ قېتىم خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك سۆزى. ئۇ، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ 1989 - يىلدىكى "بارىن ۋەقەسى"دە سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە قامالغان. 1997 - يىلدىكى "5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى"دىن كېيىن، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ ئەيىبلىنىپ، قايتا تۈرمىگە سولانغان. ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە ياتقانلىقى سەۋەبىدىن ئۇلار ئائىلە بويىچە قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنغان.

3 يىل ئىلگىرى جازا مۇددىتى توشۇپ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ، ھەر قېتىم رايوندا بىرەر قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرسىلا ساقچى دائىرىلىرى ئۇنى ئۆيىدىن ئېلىپ كېتىپ، سوراق قىلىشنى ئادەت قىلىۋالغان. بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"دىن كېيىن، يېزىلىق ساقچىخانا ۋە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ ئۆيىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئادەم تەيىنلىگەن. ئۇنىڭ باشقا شەھەرلەرگە بېرىشى چەكلىنىپلا قالماستىن، ھەتتا ۋىلايەت تەۋەسىدىكى باشقا ناھىيىلەرگە بېرىشىمۇ چەكلەنگەن ئىكەن.
 
ئۇ، ئۆز ناھىيىسىدىكى نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: "قاراڭ ھازىر دوقمۇش - دوقمۇشتا ساقچى ھەر كۈنى 20 - 30 ساقچى ماشىنىسى ئىشىكلىرىمىز ئالدىدا كۈندە - دېگۈدەك چارلاپ يۈرۈيدۇ. بۇ ھۆكۈمەت ئېغىزىدا مەتبۇئات ئەركىنلىكى بار دەيدۇ، ئەمما ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى بۇ يەردە ئاڭلىيالمايمىز، رادىئو دولقۇنلىرىغا ھەر خىل كاشىلىلارنى پەيدا قىلغاندىن باشقا، ئىنتېرنېتنىمۇ كونترول قىلىدۇ. ھازىر ھەممە يەردە ئالدامچىلىق سىياسىتى قوللىنىۋاتىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت بىر جەھەتتىن باستۇرۇش ئېلىپ بارسا يەنە بىر جەھەتتىن كىشىلەرگە ئانچە -مۇنچە پۇل بېرىپ ئالداش، تەھدىت سېلىش ھەتتا قورقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، كىشىلەرنى بىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلماسلىققا ئۈندەپ،  ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە سېلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ ھۆكۈمەت تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مىللەتنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى. جەمئىيەتتە بىزگە ئوخشاش  سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىدە يېتىپ چىقىۋاتقانلاردىن قاچىدىغان، بىزگە ئوخشاشلارنى كەمسىتىدىغان ھەتتا يامان كۆرىدىغان كەيپىياتمۇ شەكىللىنىۋاتىدۇ."

بىز ئۇنىڭدىن رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا قانداق يۈرەك سۆزى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۆز ھەق - ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا جەمئىيەتنى بولسا خىتاينىڭ ئالدامچىلىق نەيرەڭلىرىنى تونۇپ يېتىپ، ھازىر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنى ئېنىقلاشقا رايونغا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت