ئامېرىكىدا دۆلەت مەجلىسى سايلىمى

2006-11-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەگەر دېموكراتلار دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى پالاتاسىنىڭ يەنى يا ئاۋام پالاتاسى ياكى كېڭەش پالاتاسىنىڭ بېرىدە كۆپ سانلىقنى ئىگىلىسە، بۇ دېموكراتلارغا ئىراق قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەردە پرېزىدېنت بۇشنىڭ پىلانلىرىنىڭ ئالدىنى توساش ئىمكانىيىتىنى بېرىدىكەن. لېكىن ئاقساراي سايلامنىڭ نەتىجىسىنىڭ ھەمدە ئىراق ئۇرۇشى مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان راي سىناش نەتىجىلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئىراققا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى دەتالاش

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چىينى يەكشەنبە كۈنى ئى ب س تېلېۋىزىيىسىگە بەرگەن باياناتىدا، كۆپ سانلىق خەلق ئىراقتىكى ئۇرۇشنى قوللىماسلىقى مۇمكىن. ئەمما توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن سىياسىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋىرىمىز، دېدى. پرېزىدېنت بۇش بولسا دۈشەنبە كۈنى يەنە 2002 - يىلىدىكى دۆلەت مەجلىسى سايلىمى ۋە 2004 ‏- يىلىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئىشلەتكەن سۆزلىرىنى ئىشلىتىپ، دېموكراتلارنى خەلقئارا تېرروچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئىشەنگىلى بولمايدىغان كىشىلەر دەپ كۆرسەتتى.

سىياسىي مۇلاھىزچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراقتىكى ۋەقەلەرنىڭ سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئۈچۈن سىياسىي بىر توسالغۇ ئىكەنلىكى ئېنىق، شۇڭا پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى سايلام ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەشۋىقات پائالىيىتى جەريانىدا دېموكراتلارنى تەسلىمىيەتچى دەپ كۆرسىتىشكە ھەمدە ساددام ھۆسەيىننىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى غەلىبىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

دېموكراتلار بولسا، ئامېرىكا خەلقى ئارىسىدا ئىراق ئۇرۇشى توغرىسىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقتىن پايدىلىنىپ، جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئۈستىدىكى سىياسىي ماناپولىيىسىگە خاتىمە بېرىشكە تىرىشتى.

ئىراقتىكى ۋەزىيەت بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى تەشكىل قىلغان

ئىراقتىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىشى، ئىراقتا ئۆلۈۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىكى كرىزىستىن چىقىش ئۈچۈن ھازىرغىچە ئېنىق بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى، ئامېرىكىدا ئىراق ئۇرۇشىغا بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىگە سەۋەب بولماقتا. ئىراق ئۇرۇشى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىراقنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان پۇل مىقدارى 340 مىليارد دوللارغا يەتكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئىراقتا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئايدا 100 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 4000 ئىراق ساقچى ۋە ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، قانچىلىك ئىراق پۇقراسىنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن مۇشۇنچىلىك ئىقتىسادىي زىيان ۋە قۇربانلارغا قارىماي، ئىراقتكى ۋەزىيەتنىڭ ياخشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىر بىشارەتنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى ھەتتا ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئامېرىكا خەلقى ئىچىدە ئىراق ئۇرۇشىغا بولغان نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. شۇڭا ئىراقتىكى ۋەزىيەت بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى تەشكىل قىلغان. ھەتتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئىراق ئۇرۇشى ئۈچۈن بىر باھالاش بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئاۋاز تاشلاش ساندۇقلىرى ئەتتىگەن سائەت 6 دە ئېچىلغان بولۇپ، ئاۋاز بېرىش ئاخشام سائەت 6 گىچە داۋاملىشىدۇ. سايلام ئىشلىرى خادىملىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ئىندىيانا، ئوھايو، نىيۇجىرسى، كالورادو ۋە فىلورىدا شتاتلىرىدىكى ئېلېكترونلۇق ئاۋاز بېرىش ماشىنىلىرىدا بەزى مەسىلىلەر چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 435 ئەزاسى ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ 33 ئەزاسى ھەمدە 33 شتاتنىڭ ۋالىيلىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. ئەگەر سايلامدا دېموكراتلار غەلبە قىلسا، بۇ ئۇلارنىڭ 1994‏- يىلىدىن بېرى تۇنجى قېتىم دۆلەت مەجلىسىدە كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. دېموكراتلارنىڭ دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى ئۈچۈن 15 ئورۇن ۋە كېڭەش پالاتاسىدا كونتروللۇقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 6 قوشۇمچە ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىكەن. (قانات)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت