ئانالىزچىلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كېلەچىكى قاراڭغۇ ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001‏- يىلى خىتاي، رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قۇرۇلغان رايون خاراكتېرلىك تەشكىلات ئىدى. كېلەر يىلى مەزكۇر تەشكىلات قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلىنىدۇ. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 10 يىللىقى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا بۇ ئورگاننىڭ كېلەچەك ئىستىقبالى قانداق بولىدىغانلىقى تالاش-تارتىش قىلىنماقتا. بەزى ئانالىزچىلار بۇ ئورگان خەلقئارا ئۆلچەملەرنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلمىسا، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2010-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرى. 2010-يىلى 25-نويابىر.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت باشلىقلىرى. 2010-يىلى 25-نويابىر.
AFP

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئەڭ تونۇش بولغان رايون خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئورگاننىڭ ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن تونۇش خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن بىرى بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ خىتاي ئوتتۇرىغا قويغان بەزى پرىنسىپلارنى قوبۇل قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىغا ھەمنەپەس بولۇپ كەلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كېلەر يىلى 2001‏- يىلى شاڭخەيدە قۇرۇلغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 10 يىللىقى توشىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەزا دۆلەتلەر كېلەر يىلى 6‏- ئايدا قازاقىستان پايتەختى ئاستاناغا يىغىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەشكە تەييارلىق كۆرمەكتە.

ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن 10 يىل كېيىنكى بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن. بۇ ھەقتە كېلەر يىلى 6‏- ئايدا چاقىرىلىدىغان ئاستانادىكى باشلىقلار يىغىنىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ كېلەچەك نىشانى ۋە ۋەزىپىسىگە دائىر مەسىلىلەر جىددىي مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى مۇمكىن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، مەخسۇس بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغان. يىغىندا بەزى مۇتەخەسسىسلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانادىكى يىغىندا ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىيات نىشانىنى بەلگىلەپ چىقىشى كېرەكلىكىنى، بۇ، مەزكۇر ئورگاننىڭ داۋاملىق پۇت تىرەپ تۇرۇشى ۋە ياكى مەۋجۇتلۇقتىن قېلىشىدىن ئىبارەت مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلار، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنى، رۇسىيىنىڭ يېقىندىن بېرى مەزكۇر ئورگاننىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى باشقىچە ئىدى. لېكىن، ھازىر باشقىچە بىر ۋەزىيەت بار. بۇ تەشكىلات قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغدا كۆپرەك رۇسىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدا قالغان. لېكىن، كېيىنرەك خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسى كۈچىيىشكە باشلىدى. خىتاي بۇ تەشكىلاتنى قوللىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىشكە كىرىشتى. شۇ سەۋەبتىن رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا باشلىدى. شۇڭا رۇسىيە ۋە رايوندىكى دۆلەتلەر يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن شاڭخەي ھەمكارلىق گۇرۇھىغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلماقتا. رۇسىيە يېقىندىن بېرى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىدىكى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. خىتاي بولسا بۇ ئورگانغا ئەزا ئەمەس. شۇ سەۋەبلەردىن مەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى رايوندا كېلەچەك ئىستىقبالى بار بىر تەشكىلات، دەپ قارىمايمەن."

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 1996‏- يىلى قۇرۇلغان شاڭخەي كېلىشىمىگە ئەزا 5 دۆلەت ئاساسىدا تەشكىللەنگەن بولۇپ، خىتاي مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئاكتىپ ئەزاسى ئىدى. رۇسىيىلىك ئانالىزچىلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستىقبالى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە بۇ ئورگاننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، خىتاي ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى نىشاننى بەلگىلەپ چىقىشى كېرەك.

لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بەزى نېگىزلىك مەسىلىلەردىكى مەنپەئىتى پەرقلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋال مەزكۇر ئورگاننىڭ كېلەچەك تەرەققىياتىدىكى چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاينىڭ مەزكۇر تەشكىلات ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان مەنپەئىتى ئۆزىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك بىر ئېقىمغا ئايلىنىشىنى توسۇشتۇر. شۇ سەۋەبتىن، خىتاي يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى بىر تەرەپتىن ئاتالمىش 3" خىل كۈچلەر"گە قارشى تۇرۇشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، بۇ رايونغا سىڭىپ كىرىشنى ئىلگىرىلەپ چوڭقۇرلاشتۇرغان. تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىدىكى سىنان ئوگان ئەپەندى مەنپەئەت پەرقى ۋە خىتاينىڭ ھەرىكىتى رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ، ئۇلارنىڭ غەرب بىلەن يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ "بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە مەنپەئەت پەرقى مەۋجۇت. رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقا بىر نۇقتىسىدا، خىتاي بولسا باشقا بىر نۇقتىدا. باشقا دۆلەتلەر رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدا، بولۇپمۇ خىتاينىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدا قېلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر غەربتىكى باشقا تەشكىلاتلارغا ئەزا بولۇش ئارقىلىق خىتاي بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا تىرىشماقتا. ئەسلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى زور ئۈمىدلەر ۋە پەرقلىق ۋەزىپىلەرنى چىقىش قىلىپ قۇرۇلغان تەشكىلات ئىدى. لېكىن، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ۋەزىپە ۋە كۈچ بىلەن ئالغا مېڭىشى مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ" دەپ كۆرسەتتى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىزچىل خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى گۇمانلىق دۆلەتلەردۇر. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بۇ ئورگاننىڭ خەلقئارا ئۆلچەم ۋە قانۇن نىزاملارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۆكتىچى كۈچلەرگە زەربە بېرىدىغان مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بۇ تەشكىلاتتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن پايدىلانسا، رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان چېچەنلەر ۋە ئىسلامى ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىپ كەلگەن. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلار، شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كېلىشىم تۈزۈپ، ئاتالمىش تېررورچى، بۆلگۈنچى ۋە دىنىي ئەسەبى كۈچلەر ۋە ياكى بۇ خىل قالپاق بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۆكتىچىلەرگە پاناھلىق بەرمەسلىكنى، ئەگەر بۇ خىل كىشىلەر بايقالسا ئۇلارنى تۇتۇپ، دۆلىتىگە قايتۇرۇپ بېرىشكە كېلىشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىنان ئوگان ئەپەندى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك ئىستىقبالى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەرب ئەللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تۇيغۇنلۇقى بىلەن، خىتاي ۋە شاڭخەي گۇرۇھىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تۇيغۇنلۇقى ئوخشاش سەۋىيىدە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ مۇساپە بار. ئەگەر شاڭخەي گۇرۇھى رايوندا كۈچلۈك بىر تەشكىلات ھالىغا كەلسە، بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۇلار ئارزۇ قىلىدىغان بىر ۋەزىيەت بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەھمىيەت بېرىلمەيدىغان ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەممە بۇ تەشكىلات ئاجىزلاشسا بۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ."

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت