'دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەرنىڭ خەلقئارا شاھمات ئويۇنىدىكى ۋەتەنسىز پېچكىلار '

يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان خاففىڭتون پوچتىسى گېزىتىدە "دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەرنىڭ خەلقئارا شاھمات ئويۇنىدىكى ۋەتەنسىز پېچكىلار" ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى. ماقالىدە ئاپتورنىڭ گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش جەريانىدىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسىگە بولغان كۆز قاراشلىرى بايان قىلىنغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 18 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
Youtube ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

خاففىڭتون پوچتىسى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان "دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەرنىڭ خەلقارا شاھمات ئويۇنىدىكى ۋەتەنسىز پېچكىلار" ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى پېتر جان ھونىسبېرگ سان فىرانسېسكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ "گۈەنتانامو شاھىتلىرى" ئىش پىلانىنىڭمۇ باشلىقى. ئاپتور ماقالىسىدە گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغاندىن كېيىنمۇ بارىدىغان 3 - دۆلەت تاپالماسلىقىدەك بىر ۋەزىيەتكە بولغان كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.

ئاپتور گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى شاھمات ئۇرۇقىغا ئوخشاتقان بولۇپ ماقالىسىنى مۇنداق باشلايدۇ :

-- "گۈەنتانامو شاھىتلىرى" ئىش پىلانى بويىچە پالاۋدىكى ئۇيغۇرلارنى فىلىمگە ئالغىلى بارغان گۇرۇپپا يېقىندا پالاۋدىن قايتىپ كەلدى. پىلان بويىچە ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ 11 - سىنتەبىردىن كېيىن قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ قېلىشى ئۈچۈن ناھايىتى تەپسىلىي سۈرەتكە ئېلىندى.

-- گۈەنتاناموغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تولىمۇ ئۆزگىچە. ئۇلارنىڭ نىشانى ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا قارشى چىقىش ئەمەس. ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەت خىتاينىڭ ئۆز ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان بېىسمىدىن ئۆزىنى قوغداش. دەرۋەقە، نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن ئۇلارنىڭ دۈشمەن ئەسكىرى بولمىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئەمما زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ئۇيغۇرلار ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى شاھمات ئويۇنىنىڭ پېچكىلىرىغا ئوخشاپ قالدى.

-- ئامېرىكا ئۇلارنى ۋەتىنى شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرالمىدى. چۈنكى خىتاي ئۇلارنى تېررورچى دېگەنلىكتىن، ئەگەر ئۇلار قايتۇرۇلۇپ بېرىلگەن تەقدىردە يا قېيىن - قىستاققا ئۇچرايتتى ياكى ئۆلتۈرۈلەتتى. خىتاي ھەتتا باشقا دۆلەتلەرگە بۇ ئۇيغۇرلارنى مۇساپىر سۈپىتىدە قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە قاتتىق بېسىم ئىشلەتتى. ئالبانىيە 2006 - يىلى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۇلارغا بۇندىن كېيىن باشقا ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ زور بېسىم ئىشلەتتى. ئەنە شۇندىن بېرى بۇ ئۇيغۇرلارنى بېرمۇدا بىلەن پالاۋلا قوبۇل قىلدى. قالغان 7 نەپەر ئۇيغۇر بولسا گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلانغان تۇرۇقلۇق ھېلىھەم ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

ئاپتور پېتر جان ھونىسبېرگ ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشقا كەلگەندە ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچىنى يېتەرلىك ئىشلەتمىگەنلىكىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

-- ئامېرىكا گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر جامائىتى مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەرگە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەرگە ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچىنى يېتەرلىك ئىشلەتمىدى. مەنچە ئۇلار بۇ ئۇيغۇرلارغا مەدىنىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن مۇۋاپىق بىر دۆلەت تېپىپ بېرىش ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇپ قويۇشنى خالىمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ئىراق ئۇرۇشىدا ئامېرىكىغا ياردەم قىلغانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

-- ئامېرىكىدا ئۇيغۇر جامائىتى بار تۇرۇقلۇقمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى بۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرالمايدۇ. ئەسلىدە ئوبامانىڭ ھۆكۈمەتنى يېڭى قۇرغان ۋاقتىدا ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا ئەكىلىشكە پۇرسىتى بار ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى ۋاقىتنى سوزۇۋەتكەنلىكتىن ئۇلار قارارنى لايىھىلەپ بولغىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىنى ئامېرىكىغا كىرگۈزمەسلىك ھەققىدىكى قانۇننى ماقۇللاپ بولدى.

ئاپتور گۈەنتامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىلىش مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ بۇ يىل 6 - ئايدىكى قارارىغا باغلىق بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

-- 2008 - يىلى فېدىرال سوت بۇ ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھەققىدە قارار ماقۇللىدى. ئەمما ھۆكۈمەت بۇنىڭغا دەرھال قارشى چىقىپ قارارنى ئۆرۈپ تاشلاپ، ئامېرىكىغا كىمنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا پەقەت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە پرېزىدېنتنىڭلا قارار قىلالايدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئامېرىكا ئالىي سوتى بۇ يىل 3 - ئايدا داۋانى كۆرۈپ چىقىپ، 6 - ئايدا ئاخىرقى قارارنى ئېلان قىلىدۇ.

-- ئەمما كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئوباما سىياسىي كۈچىنى بۇ ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر جامائىتى بار دۆلەتتىن ئورۇن تېپىش ئۈچۈن ئىشلەتمەيدۇ. گۈەنتانامونى تاقاش ئوبامانىڭ نىشانى، ئەمما ئۇ بۇ گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ نورمال ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.

ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا گۈەنتامودىكى ئۇيغۇرلار جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تىراگىدىيىگىنى مۇنداق دەپ سۈرەتلەيدۇ:

-- پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر ھەپتە ئاۋال پاراڭلاشقىنىمىزدا ، ئۇلار بىزگە ئۆزلىرىنىڭ پالاۋنى پەقەت بىر ئۆتكۈنچى يەر دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. چۈنكى پالاۋ ئۇلارنى ۋەتەنداشلىققا قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارغا پاسپورت بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە21 مىڭ نوپۇسلۇق پالاۋدا ئاران 400 مۇسۇلمان بار. بىرمۇ ئۇيغۇر يوق. شۇڭا ئۇلار ئۇيغۇر جامائىتى ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرگە كۆچۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

-- بىز پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبيۇڭ بىلەن كۆرۈشكىنىمىزدە ، ئۇ بىزگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھىكايىسىنىڭ تولىمۇ تىراگىدىيىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. بۇ ئۇيغۇرلار ۋەتەنسىز. ئۇلار ئۆز ئۆيىگە، ئۆز ۋەتىنىگە قايتىشقا ئىمكانسىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ۋەتىنىدە ئۆيلىنىپ بولغان. ئەمما ئۇلار بۇندىن كېيىن ناھايىتى زور بىر تەسىر بولمىغان تەقدىردە ، ئايالى ۋە ئائىلىسى بىلەن قايتا جەم بولالمايدۇ. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئىشلەپ بەرمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىغىمۇ ئىگە ئەمەس.

-- مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكا بىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشتىن ئۆزىنى تارتماقتا. ئاقىۋەتتە بۇ ۋەتەنسىز ئۇيغۇرلار دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەرنىڭ شاھمات تاختىسدىكى پېچكا بولۇشنى داۋام قىلماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، سىلەر پېتر جان ھونىسبېرگ يازغان "دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلەرنىڭ خەلقئارا شاھمات ئويۇنىدىكى ۋەتەنسىز پېچكىلار" ناملىق ماقالىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (3)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯪﻳﻨﯩﯔ 15ﻳﻮﺭﯗﻕ 15 ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﻮﯞﺍﻡ
ﯰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﯪﺯﻗﺎﻟﺪﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻫﺎﻣﯩﻨﻰ!؟

Jan 19, 2010 09:57 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺩﯨﻤﻪﻙ ﯬﻣﺪﻯ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﻤﯩﺴﻪﻙ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﻰ ﯸﻠﯩﺶ ﺗﯜﮔﯜﻝ ﯪﺧﯩﺮﻯ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺘﺘﯩﻦ ﺧﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﯲﻟﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ.

Jan 18, 2010 02:37 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯴﺗﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯗ ﯴﺯﯨﯖﯩﺰ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯖﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﯴﻣﯜﺭ ﺧﺎﺭ !!!!
ﺑﯩﺰ ﺯﺍﺩﻯ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻪﺩﻩﻟﺘﯚﻟﯜﺩﯗﻗﻤﯘ!!؟؟؟ ﭘﻪﻗﻪﺗﺒﯩﺰ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﻧﻪﭘﺒﯧﺮﻩﻟﻪﻳﻤﯩﺰﺧﺎﻻﺱ ﻧﯚﯞﯨﺘﯩﻜﻪﻟﺴﻪﺷﯘ؟!!!

Jan 16, 2010 03:57 PM

تولۇق بەت