سىر تۇتۇلغان توقۇنۇش -- شايار ۋەقەسى

2007-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنگە قەدەر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا، رېئاللىقنى ئەمەس، ئۆز سىياسىي تەشۋىقات پرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلماقتا، شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن، كىم تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى ئېنىق بولمىغان، بىر قىسىم ئىجتىمائىي جىنايەتلىرىنى تېررورىزمغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە ئارتىپ تەشۋىق قىلسا، تېررورلۇققا باغلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن بولمىغان بىر قىسىم ھەققانىي ھەرىكەتلەرنى سىر تۇتۇپ كەلمەكتە. بۈگۈن كۆكبايراق تور بېتىدە، ئەنە شۇنداق سىر تۇتۇلغان ۋەقەلەردىن بىرى - شايار ۋەقەسى ئاشكارىلاندى.

بەش نەپەر مەھبۇس، خىتاي ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان

ماقالىدا تەسۋىرلىنىشىچە، شايار ۋەقەسى 1990 - يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىملىرىدا يۈز بەرگەن. ۋەقە يۈزبەرگەن كۈنى ، شايار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان، سىياسىي مەھبۇسلاردىن 12 نەپىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، شايار قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قورال ئىسكىلاتىغا ھۇجۇم قىلغان. قورالنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، بۇ 12 نەپەر مەھبۇستىن 5 نەپىرى شايار ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان، 7 نەپىرى كۇچا تۈرمىسىدىكى سەپداشلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۇچاغا قاراپ يولغا چىققان. شايار ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلغان 5 نەپەر مەھبۇس، خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ قورشاۋىدا قالغان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بىر مەيدان كوچا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. مەھبۇسلار چېكىنىپ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت قورۇسىغا كەلگەندە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى، ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، مەھبۇسلارنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان، مەھبۇسلار قارشىلىقىنى داۋاملاشتۇرغان، ئاخىرىدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرى، مەھبۇسلار بىلەن بىرلىكتە، كوچىدا كېتىۋاتقان پۇقرالارنىمۇ قېتىپ قارا-قويۇق ئوققا تۇتقان. 4 سائەتتىن ئارتۇق ئېتىشىشتىن كېيىن، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى مەھبۇسلارنىڭ جەسىتىگە ئېرىشكەن. ئۈچ نەپەر مەھبۇس ئاخىرقى ئوقلىرى بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

كۇچاغا قاراپ يولغا چىققان، 7 نەپەر مەھبۇس، ئارقىسىدىن خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ يېتىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۆزلىرى مەجبۇر يالاپ ئېلىپ ماڭغان شوپۇر نەيىم تۇرسۇننى يول ئۈستىدە قويۇپ بەرگەن ۋە ئۆزلىرى شايار مازارلىقىدا دالدىلانغان. خىتاي تەرەپ مازارلىقنى قورشاۋغا ئېلىپ، تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. مەھبۇسلار ئوق ئارقىلىق جاۋاپ قايغۇرغان، خىتاي تەرەپ مازارلىقنى توپقا تۇتقان. يەتتە مەھبۇس، سەھەرگە قەدەر قارشىلىق كۆرسەتكەن. تاڭ سەھەردە 7 مەھبۇسنىڭ جەسىتىگە ئېرىشكەن خىتاي تەرەپ، 7 كىشىدىن تۆتىنىڭ خىتاي تاشلىغان بومبىدا پارتلاپ ئۆلگەنلىكى، قالغان ئۈچىنىڭ ئاخىرقى ئوقلىرى بىلەن ئۆزىنى ئېتىپ ، تىرىك قولغا چۈشۈشتىن ساقلانغانلىقى مەلۇم بولغان.

شايار ۋەقەسىنىڭ بىر شاھىدى رىزۋانگۈل خانىم بىلەن سۆھبەت

سوئال: شايار ۋەقەسى يۈز بەرگەندە سىز شاياردا بارمۇ؟

جاۋاپ: بار. مەن قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىق ئۈچۈن كېتىۋاتقان، بىرقانچە بالىلار بىر كۆك ماشىنىنىڭ ئۈستىدە، قولىدا قورال، ئۇستى يالىڭاچ كېتىۋاتقان ئىكەن. مېھماندارچىلىقتا ئولتۇرسام، ئاپام تېلېفون قىلىپ، قايتىپ كەلمە سىرتتا سوقۇش بولۇۋاتىدۇ دېدى.

سوئال: ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭىزمۇ؟

جاۋاپ: ئەتىسى ئاڭلىدىم.

سوئال: ئۇنداقتا توقۇنۇش ئىككى كۈن داۋام قىلغان گەپمۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق. شايار مازارلىقىغا يوشۇرۇنغانلار ئەتىسىمۇ سوقۇشۇپتۇ.

شايار ۋەقەسىنىڭ يۇقىرىقى تەپسىلاتى رىزۋانگۈل خانىمنىڭ ئۆزى كۆرگەنلىرى ۋە باستۇرۇش ھەركىتىدە خىتاي سېپىدە يەر ئالغان بىر تۇغقىنىنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن سۆزلەپ بەرگەنلىرى بولۇپ، بۇ ۋەقەدە، ئۆلگەن خىتاي تەرەپنىڭ ئىككى ئالىي ئوفىتسېرى ۋە بىر نەپەر ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن مەرگەن جەڭچىسىنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمما خىتاي تەرەپتىن ئېنىق قانچە كىشى ئۆلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس، بۇ 12 مەھبۇسنىڭ ئىسىم - پەمىلىلىرىمۇ ھازىرغىچە سىر.

ئاقسۇ تۈرمىسىدە 3 يىل يېتىپ چىققان، تۇيغۇنجان ئابدۇۋېلى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

سوئال: سىز ئۆزىڭىز ئاقسۇدىكى چېغىڭىزدا، شايار ۋەقەسىدىن، خەۋەر تاپقانمىدىڭىز؟

جاۋاپ: خەۋەر تاپقان ، ئەمما تەپسىلاتىنى بىلمىگەن.

سوئال: سىزچە شايار ۋەقەسىگە ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە سېلىۋاتقان زۇلۇمىدىن باشقا ، تۈرمە ئازابىنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەۋەپ بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

جاۋاپ: مەن ئۆزۈم ئاقسۇ تۈرمىسىدە 3 يىل ياتقان، شۇڭا كېسىپ ئېيتالايمەنۈ تۇرمە ئازابىنىڭمۇ تەسىرى بار. چۈنكى تۈرمىگە سىياسىي مەھبۇس بولۇپ كىرىپ، 10 - 15 يىل كېسىلگەن ئادەم جاندىنمۇ تويىدۇ، ھاياتتىنمۇ ئۈمىدىنى ئۈزىدۇ. چۈنكى كۈنىگە 20 سائەت ئىشلىتىدۇ، بوش بولسا سىياسىي ئۈگۈنىشكە مەجبۇرلايدۇ، كاللىسىنى بىر مىنۇتمۇ باشقا خىيالنى قىلىشقا ئارام بەرمەيدۇ. 10 يىلدىن ئوشۇق كېسىلگەنلەر، ھاياتىدىن ئۇمىدىنى ئۈزىدۇ. ئاغرىپ قالسا داۋالايدىغان ئىش يوق. تۈرمىدە 5 يىلدىن ئوشۇق ياتقان سىياسىي مەھبۇس، تۈرمىدىن چىققاندا بىر يېرى ئەيىبناق بولۇپ چىقىدۇ، تۈرمىدىن چىقسىمۇ جېنى باققۇدەك جىسمانىي قۇۋۋىتى قالمايدۇ. شايار ۋەقەسى بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىغە سېلىۋاتقان زۇلمىغا قارشى ئىسيان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن، سىياسىي تۇتقانلارنىڭ ئۆزىنى ئازابتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەركەت.

سوئال: خىتاي نىمە ئۈچۈن، بۇ ۋەقەنى بەزى ۋەقەلەرنى ئاشكارىلىغاندەك ئاشكارىلىمىدى؟

جاۋاپ: مەنچە شايار ۋەقەسى تارىختا ئاز ئۇچرايدىغان قەھرىمانلىق داستانى. ئەگەر بۇ ۋەقە ئاشكارىلانسا، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىززەت-ئابرويى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ خەلق بۇنىڭدىن جاسارەتلىنىدۇ. خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئاجىزلىقى پاش بولۇپ قالىدۇ، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى قورقۇدۇ، ئۈركۈيدۇ، خىتاي كۆچمەنلىرى شەرقى تۈركىستانغا كۆچۈپ چىقىشتىن ئەيمىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇشقانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەرىكەتنى دۇنياغا تېررورىست ھەركەت دەپمۇ چۈشەندۈرەلمەيدۇ ھەم ئىشەندۈرەلمەيدۇ. شۇڭا خىتاي بۇ ۋەقەنى سىر تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ، ھەتتا بۇ ۋەقەنى ئاڭلىغىنى بىر يەردە سۆزلىگەنلەرنىمۇ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ تەشۋىقاتچىلىقىنى قىلىۋاتىسەن دەپ سوراققا تارتىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ قەھرىمانلار قەبرىستانلىقلىرى بار، ئۇلار ئوز تەقدىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان قەھرىمانلىرىغا خاتىرە مۇنارىسى ئورنۇتۇپ ئىش - ئىزلىرىنى ئەسلەپ تۇرىدۇ ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا قارايدۇ. ئۇيغۇرلار بۈگۈن ئۆز قەھرىمانلىرىنىڭ خاتىرە مۇنارىسىنى تىكلەش ئەمەس ئىش-ئىزلىرىنى تىلغا ئېلىش ئىمكانىدىنمۇ مەھرۇم. ئۇ ۋەقە ئاشكارىلانسا، بۇ قەھرىمانلارنىڭ خاتىرە مۇنارىسى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە تىكلىنىدۇ. خىتاي مۇنداق خاتىرە مۇنارىسىنى زىمىنىدا ئەمەس، قەلبىدىمۇ تىكلەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۇچۇن يوشۇرغان دەپ قارايمەن.

تۇيغۇنجان ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز قەھرىمانلىرىنى بىلىش ۋە تونۇش ئىمكانىدىن قەستەن ئۇزاقلاشتۇرىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت