شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى-ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس سەھىپە

2007-11-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

atliq-esker.jpg
شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئاتلىق قىسىملىرىدىن بىر كۆرۈۇنۈش. UAA Photo

1933 - يىلى 12 - نويابىر ۋە 1944 - يىلى 12-نويابىردىن ئىبارەت ئوخشاش بىر كۈندە ئۇيغۇر خەلقى ئىككى قېتىم ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ،20-ئەسىردىكى، ئۆز-ئۆزى خوجا بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى. ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن 12-نويابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس ۋە شەرەپلىك سەھىپە بولۇپ قالدى.

بىرىنچى جۇمھۇرىيەت-شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى

مەلۇمكى،1931-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي مۇستەقىللىق قوزغىلىڭىنىڭ تۇنجى ئوقلىرى قۇمۇل تاغلىرىدا ئېتىلدى.

خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى بۇ قوزغىلاڭ غەلىبىسېرى كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش بىلەن خەلقنىڭ ئازادلىققا،مۇستەقىللىققا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.نەتىجىدە، 1933-يىلى.2-ئاينىڭ 13-كۈنى خوتەن خەلقى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، شۇ يىلى 4-ئاينىڭ11-كۈنى خوتەن ھۆكۈمىتىنى قۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن تۇرپان، كۇچار،ئاقسۇ،قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ ئارقىمۇ-ئارقىدىن قوزغىلاڭ كۆتىرىلىپ، بۇ جايلاردىكى جىنشۇرېن ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ھاكىمىيەت قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. خوجا نىياز ھاجىم ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار باشچىلىقىدىكى قۇمۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىمۇ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇپ تەرەپلىرىگە كېڭەيدى. مانا مۇشۇنداق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان سابىت داموللام 1933-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرىدا خوتەندىن قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەرنى ئازاد قىلغان تۆمۈر ئېلى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە "شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال جەمئىيىتى"نى قۇردى ۋە جىددى تەييارلىقلاردىن كېيىن 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەر شەھرىدە داغدۇغىلىق مۇراسىملار بىلەن شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت بەلگىسى، دۆلەت گېمنى، دۆلەت بايرىقى قاتارلىق دۆلەتچىلىك ئىپادىلىرىگە ئىگە بولغاندىن سىرت يەنە ھەر قايسى مىنىستىرلىقلار تەسىس قىلدى. خوجا نىياز ھاجىم مەڭگۈلۈك پرېزىدېنت، سابىت داموللام باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

1934-يىلى، فېۋرال ئېيىدا بۇ ياش ھاكىمىيەت تاشقى سىياسى جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارىلىشىپ، شېڭ شىسەينى ھەربىي-سىياسىي جەھەتتىن قوللىشى، ئىچكى جەھەتتە ما جۇڭيىڭ تەرەپدارلىرى بولغان تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىۋاستە ھەربىي ھۇجۇملىرى شۇنداقلا قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئىچكى نىزالىرى ھەم ئىتتىپاقسىزلىقلار قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۈزۈل-كېسىل ئاغدۇرىۋېتىلدى.

گەرچە بۇ ھاكىمىيەت قىسقا ۋاقىت مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى مىللىي جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيا قىتئەسىدە كۈچىيىشكە يۈزلەنگەن جۇمھۇرىيەتچىلىك پىكىرلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئەينى ۋاقىتتىكى ئىچكى-تاشقى ئامىللار تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت ئىدى.

1934-يىلىنىڭ ئەتىياز ئېيىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن خوجا نىياز ھاجىم ئاقسۇدا شېڭ شىسەي ۋەكىللىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا رازى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە بېرىپ، مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان ھەم خېلى كۆپ ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر مەسىلەن يۇنۇس بەگ، مەخمۇت مۇھىتى، سالى دورغا ۋە باشقىلار ئۆلكىنىڭ نازىرىدىن تارتىپ، ۋالى ھەم ھاكىملىق ۋەزىپىلىرىگە ئېرىشتى. ئەپسۇسكى، 1937-يىلىدىن كېيىن شېڭشىسەي ئەسلى ماھىيىتىنى بىراقلا ئاشكارىلاپ، ئۆزى بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن خوجا نىياز ھاجىم باشلىق بارلىق مىللىي باشلىقلارنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىگە تاشلىدى ھەمدە ئۆلتۈردى. شىڭ شىسەينىڭ تېررورلۇق سىياسىتى بىلەن 1943-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم.

ئىككى قېتىم قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

ئارىلىقتا 11 يىل ئۆتۈپ، 1944-يىلى 9-ئايدا نىلقىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىرىدا فاتىخ باتۇر، غەنى باتۇر ئەكبەر، نۇرۇم، ئوسمان ۋە خەمىت قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقىدا قوزغىلاڭ پارتلاپ، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئىلى تاغلىرىدا كېڭىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەندە، 1944-يىلى 4-ئايدا غۇلجا شەھرىدە قۇرۇلغان" ئازادلىق تەشكىلاتى" مەخپىي تۈردە غۇلجا قوزغىلىڭىغا تەييارلىق قىلدى.

10-ئايدا نىلقا ئازاد بولدى. 7-نويابىر كۈنى ئازادلىق تەشكىلاتى غۇلجا شەھىرىدە نىلقا پارتىزانلىرى بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، 12-نويابىر كۈنىگىچە غۇلجا شەھىرىدىكى ھەرەمباغ، لاڭشاڭ قاتارلىق جايلاردىن باشقا پۈتۈن شەھەرنى ئازات قىلدى. 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. ئەلىخان تۆرە رەئىس، ھاكىمبەگ غوجا بىلەن قازاقلاردىن ئوبۇل خەيىر تۆرە مۇئاۋىن رەئىس بولدى ھەمدە ئۇزۇن ئۆتمەيلا 9 ماددىلىق سىياسى خىتابنامە ئېلان قىلىندى. 1 6 كىشى ھۆكۈمەت ئەزالىرى بېكىتىلدى ھەمدە سەھىيە، مائارىپ، دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق، دىنى ئىشلار، باج، سودا ۋە چارۋىچىلىق مىنىستىرلىكلىرى قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلى خەلقى تېزدىن ئىلىنى تولۇق ئازات قىلدى.

1945-يىلى 8-ئاپرىلدا مىللىي ئارمىيىسىنى قۇرۇلۇپ، 6-ئايدىن باشلاپ ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ھەمدە جەنۇب تەرەپتە ئاقسۇ، قەشقەر ھەم يەكەن ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى ئازاد قىلدى. بىراق، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ھەمدە ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن 1945-يىلى 10-ئايدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تېچلىق سۆھبىتى باشلىنىپ، 1946-يىلى،7-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەسىس قىلىندى. ئەمما، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىر يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولۇپ، سىياسى كۈرەش ئەۋجى ئالغان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قاتناشقان ۋەكىللەر غۇلجىغا قايتتى.

ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى 1949-يىلى 10-ئايغىچە ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاينى بىر گەۋدە قىلغان مەزكۇر ھۆكۈمەت مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق 1949-يىلى 9-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاق بەگ مۇنونوف قاتارلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى سوۋېت تېررىتورىيىسىدە "ئايروپىلان ھادىسىسى" دېگەن نام ئاستىدا سىرلىق تۈردە قازاغا ئۇچرىدى. كۆپىنچە تارىخچىلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ستالىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى جۈملىدىن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ستالىن تەرىپىدىن ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىگە سوغا قىلىنغانلىقىنى خۇلاسىلايدۇ.

شۇنداق قىلىپ، 1949-يىلى 10-ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە پۈتۈشۈش بويىچە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىغا كىردى. مىللىي ئارمىيە 5-كورپۇس قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى نامى بىلەن قۇرۇلۇپ، ئۈچ ۋىلايەتتە بەش يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ھاكىمىيەت ئاخىرلاشتۇرۇلدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت