"شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت"

2008-03-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تۈركىيەدىكى `ئونجە ۋەتەن` گېزىتىنىڭ 13 - 14 - مارت كۈنلىرىدىكى سانىدا` شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت` ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى. 2 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بۇ ئوبزورنى كەمال ساللى ئەپەندى يازغان بولۇپ، ئوبزوردا 2008 - يىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن تارىخى پۇرسەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت

2008 - يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى UNESCO تەرىپىدىن مەھمۇت قەشقىرى يىلى ئېلان قىلىندى. بۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن مۇھىم بىر پۇرسەت. شەرقىي تۈركىستاننى قوغداپ قېلىشىمىز كېرەك. چۈنكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخ سەھنىسىدىن يوق بولۇپ كېتىشى تۈركىستانغا شۇنداقلا تۈركىيە جوغراپىيىسىگە قورقۇنچ نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ كۆپىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن چېگرىداش ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.

ئوبزورچى كەمال ساللى ئەپەندى، ئوبزورىدا ۋەتەن تېلېۋىزىيىسىدىكى بىر پروگراممىدا مەھمۇت قەشقىرىگە ئالاھىدە يەر بېرىلگەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەھمۇت قەشقىرى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان زېمىنىدىكى يەنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ تراگىدىيىسىدىن تۈرك جامائەتچىلىكىنىڭ خەۋەردار بولغانلىقىنى، 2008 - يىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن تارىخى بىر پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان.

ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى

كەمال ساللى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: " ئۇيغۇرلار مىڭ يىل بۇرۇن شەھەر تۇرمۇشىغا ئۆتكەن. ئەمما قوشنا مىللەتلەرنىڭ بېسىمى ۋە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى ۋاقىتلاردا باشقا جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان. ئەگەر ئۇيغۇر تۈركلىرى داۋاملىق ھالدا كۆچمەن تۇرمۇشى كۆچۈرگەن بولسا، ئورخۇن يېنىسەي ئابىدىلىرىنى يېزىپ قالدۇرالمىغان بولاتتى. قەغەزنى، نەشىرىياتچىلىقنى، يىپەكنى، چىنە ئىشلەپچىقىرىشنى، توقۇمىچىلىقنى، مۇزىكا چالغۇ ئەسۋابلىرىنى، 12 مۇقامنى، يىڭنە بىلەن داۋالاشنى ئىجات قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇپ، بۇلارنى غەرب دۆلەتلىرىگە تارقىتىپ، دۇنيا مەدەنىيىتىگە تۆھپە قوشالمىغان بولاتتى. تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەر قوشنا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپلا قالماستىن، دۇنيا مەدەنىيىتىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان."

خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئېلىپ بارماقتا

ئوبزورچى كەمال ساللى ئەپەندى ئوبزورىدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "مىڭلارچە يىللىق تۈرك يۇرتى بولغان شەرقىي تۈركىستان، مۇنبەت تارىم ئويمانلىقى، ئورمان بىلەن تولغان تەڭرىتېغى ۋە ئالتاي تاغلىرى، ئەڭ مۇھىمى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئوخشاش نېفىت ۋە ئالتۇن بايلىقلىرىغا ئىگە تۇرۇقلۇق، خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ قول ئاستىدا زۇلۇم تارتماقتا. خىتايلارنىڭ بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بەرگەن ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. ئەپسۇسكى دۇنيا دۆلەتلىرى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى كۆرمەسلىككە سالماقتا."

تۈركلەرنىڭ كۆڭلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە يېرى بار

ئوبزورچى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىۋى جەھەتتىن تۈركىيىگە ئۇزاق بولسىمۇ، تۈركلەرنىڭ كۆڭلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە يېرى بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەپ يازغان: "شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقىي ئۇچىدا. ئۇ يەردە مىلادىدىن 12 مىڭ يىل بۇرۇن ئىمپېراتورلۇق قۇرغان ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشىماقتا. ئۇلار بىزدىن مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا. بىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلار قان قېرىنداشتۇر. شەرقىي تۈركىستانلىقلار كۆزىمىزدىن ئۇزاقتا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن كۆڭلىمىز يېقىن. كۆڭلىمىزدىن ئۇزاقتا بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كۆرمەسكە سالسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىزدىن كۆرۈۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم ھەرىكىتىنى بىزدىن كۆرۈۋاتىدۇ. 2004 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەييارلانغان `2000 - 2004 يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا پانتۈركىزم، پانئىسلامىزم ھەرىكەتلىرى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى` ماۋزۇلۇق كىتابىدا، ئەيىبلەنگەن كىشى كىم بىلەمسىلەر؟ مەن سىلەرگە دەي، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى 2 - ئابدۇلخەمىتتۇر. نېمە دېگەن مەنتىقسىزلىق، خىتايلار 2004 - يىلىدىكى ۋەقە ئۈچۈن 100 يىل بۇرۇن ئۆتكەن پادىشاھنى ئەيىبلىگەن. قېرىنداش بىر مىللەتنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە باش قاتۇرمىساق بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە باش قاتۇرىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تۇپراقلىرىدا ئەركىن ياشاشتىن باشقا تەلەپلىرى يوق. ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ دەردىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر."

ئۇيغۇرلار ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەك

ئوبزورچى كەمال ساللى يازغان ` شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەت `ماۋزۇلۇق ئوبزورنىڭ ئىككىنچى قىسمى مۇنداق باشلىنىدۇ: "ئىنسانلىق ئالىمى، نەشرىياتچىلىقنى، قەغەزنى، يىپەك توقۇشنى، يىڭنە بىلەن داۋالاشنى، مۇزىكا چالغۇ ئەسۋابلىرىنى، چىنە ياساشنى كەشىپ قىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇپ، غەرب دۆلەتلىرىگە ئۆگەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيىسىنى كۆرمەسلىككە سالالمايدۇ. بولۇپمۇ تۈرك دۇنياسى ، تۈركىيە بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەريادىغا قۇلاق سېلىشى شەرت."

كەمال ساللى ئەپەندى ئوبزورىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا، 1863 - يىلىدا قەشقەردە قۇرۇلغان دۆلەت ۋە ياقۇپخان بەدەۋلەتنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن، 1933 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قەشقەردە ، 1944يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى غۇلجىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ ئوبزورىدا يەنە ، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلمايۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: "بۇلارغا قاراپ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىز قىلالايدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ." (ئەركىن تارىم)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت