تاجىكىستانلىق ئالىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە كىتاب يازدى

2007-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تاجىكىستانلىق تارىخ پەنلىرى دوكتورى كامال ئابدۇللايېۋ يېقىندا 1917- يىلىدىن 1937- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بەرگەن كۆچمەنلىك تارىخى مەسىلىسى ھەققىدە بىر كىتاب يازغان بولۇپ، مەزكۇر كىتابنىڭ خېلى كۆپ بەتلىرى 30- يىللاردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تارىخىغا بېغىشلانغان. كامال ئابدۇللايېۋ كىتابىنىڭ بىر بۆلۈمىنى " شەخسلەرنىڭ تارىخى، تۇلپار ئات - ما جۇڭيىڭ" دەپ ئاتىغان بولۇپ، مەزكۇر بۆلەك ئوتتۇرا ئاسىيادا تارقىتىلىدىغان ئىنتېرنېت تور بېتى -"پەرغانە.رۇ" دا ئېلان قىلىندى.

موسكۋا رۇس كۆچمەنلىرىنى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئىشلەتكەن

كامال ئابدۇللايېۋنىڭ مەزكۇر ئەسىرىنىڭ بىرىنچى قىسىمى 1931- يىلىدىكى خوجا نىياز ھاجىم رەھبەرلىكىدىكى قۇمۇل قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، گەنسۇدىكى تۇڭگان كۈچلىرىنىڭ ماجۇڭيىڭنىڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇر ئېلىغا چىقىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ، جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەيگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەمدە موسكۋانىڭ خىتاي مىلىتارىستى شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ھەتتا ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ دۈشمەنلىرى ھېسابلىنىدىغان قاچاق "ئاق ئورۇسلار"نى قوراللاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان قوزغىلاڭچىلىرىنى مەغلۇپ قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يوقىتىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەر

ئاپتورنىڭ ئەسىرىنىڭ بۇ بۆلۈمىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت تەشكىلاتى، مىللىي تەركىبى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە باشقىلار سۆزلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە ناھايىتى سوغۇق مۇئامىلىدە بولغان بولۇپ، سەۋەبى، باش مىنىستىر سابىت داموللام تۈرك، ئەرەب ۋە ئافغانىستانلىق مەسلىھەتچىلەر بىلەن قورشىۋېلىنغان. ئۇ, ئەنگىلىيە بىلەن خۇپىيانە ئالاقىدە بولۇپ، لوندوننىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولغان ھەمدە خېلى كوپ دۆلەتلەرگە ئۆزلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەلچىلەر ئەۋەتكەن ئىدى. يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىدە ئۇزۇن مەزگىل سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قوراللىق ھەرىكەت قىلىپ، باسمىچىلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن جانىبېك قازى، يۈسۈپجان قۇربېشى قاتارلىق كىشىلەر مۇھىم سالاھىيەتكە ئېرىشكەن. ئەتراپتىكى ئافغانىستان ۋە ئەنگىلىيە ھەرگىزمۇ ئاشكارا ھالدا بۇ ھۆكۈمەتنى قوللاشقا جۈرئەت قىلالمىغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يەنە خىتاي قوشۇنلىرىدىن باشقا تۇڭگانلار بىلەنمۇ ئېلىشقان.

كامال ئابدۇللايېۋنىڭ قارىشىچە، ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىرمۇ دوستى بولمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپى دۈشمەنلەر بىلەن تولغان. ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەزكۇر يېڭى ھۆكۈمەت ناھايىتى تېزلىك بىلەن يوق قىلىنغان.

ئاپتور ما جۇڭيىڭنىڭ تەقدىرىنىڭ سىرىنى پاش قىلالمىدى

تاجىكىستان تارىخچىسى كامال ئابدۇللايېۋ ئۇيغۇرلارنىڭ 30- يىللاردىكى مەزكۇر سىياسىي تارىخىنى يورۇتۇش ئۈچۈن رۇسچە، ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىللاردىكى ماتېرىياللار ھەم بەزى ئارخىپ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، ئاساسىي مەركىزىي نۇقتىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىگە قارىتىپ، موسكۋانىڭ بۇ جايدا مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ، مەيلى شېڭ شىسەينىڭ، ۋە ياكى تۇڭگانلارنىڭ قانداق خاراكتېردىكى بولسۇن، مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشىغا يول قويمىغانلىقىنى خۇلاسىلايدۇ. بىراق، ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز قولى بىلەن يوق قىلغان ما جۇڭيىڭنىڭ ئىش تامام بولغاندىن كېيىن قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، موسكۋاغا كەتكەنلىكىنى يازسىمۇ، لېكىن، ئۇنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە ئائىت سىرلارنى پاش قىلىشقا ۋە يەنە بەزى سىرلارنى ئېچىپ بېرىشكە مۇۋەپپەق بولالمايدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1917- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادا چار پادىشاھ ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بولشېۋىكلار ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە بولشېۋىكلارغا قارشى ھەرىكەتلىرى باشلاندى. بىراق، بۇ قارشىلىقلار باستۇرۇلۇش بىلەن خۇلاسىلىنىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئافغانىستان، شەرقىي تۈركىستان ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىش دولقۇنى قوزغالدى. رۇس كۆچمەنلىرى بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خىتاي مىللىتارىستلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن ئۇلار تەرىپىدە تۇرۇپ يەرلىك خەلقلەرنى باستۇرۇشقا قاتناشسا، مۇسۇلمان كۆچمەنلىرى يەرلىك ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ قوزغىلاڭلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتى ھەمدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئىككىنچى قېتىم باشقا دۆلەتلەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى. باشتا بىرلىشىپ جەڭ قىلغان ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ سىياسىي مەقسەت ۋە ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى پەرقى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ھەر ئىككىلا تەرەپكە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.

نۆۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان سىياسىي تارىخى خەلقئارادا بەلگىلىك قىزىقىش قوزغىماقتا. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت