2010-يىلى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن قانداق بىر يىل بولدى؟

2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويدى. بولۇپمۇ 2010-يىلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى داۋاملىق ھالدا كۈن تەرتىپكە كېلىشكە باشلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2010-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى  سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ساگلام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2010-يىلى 28-دېكابىر.
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى مەمەت ساگلام ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2010-يىلى 28-دېكابىر.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق توختامنامىسى تۈزدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى تۈركىيىدىكى پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتتى.

شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى 2010-يىلىدا تۈركىيىدە نېمە پائالىيەتلەرنى قىلدى؟ بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە؟
بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن 2010-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچرىشىشىنى بۈگۈن تۈرك رەھبەرلەر بىلەن ئېلىپ بارغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت