«شىنجاڭ» سىنىپىدىكى ئىزتىراپ بالىلار يەنە نېمىلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇلماقتا؟

خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى نۇقتىلىق تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنى قىشلىق تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتۇرمىغان.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان 2654 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۇزىتىش مۇراسىمىدا جاڭ چۈنشەن سوز قىلدى. 2011-يىلى 24-مارت.
ئىچكىرى ئۆلكىلەردە چېنىقىشقا ئەۋەتىلىدىغان 2654 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۇزىتىش مۇراسىمىدا جاڭ چۈنشەن سوز قىلدى. 2011-يىلى 24-مارت.
Photo: RFA

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىدا ئاشكارىلانغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001-يىلىدىن تارتىپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» تەسىس قىلغاندىن بۇيان، بۇ سىنىپلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى يىلىغا 1000دىن كۆپەيتىپ ماڭدى، 2011-يىلىغا كەلگەندە ئوقۇغۇچى سانى 7090 نەپەرگە، شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلىنغان شەھەرلەر 40  قا، مەكتەپلەر 76 گە يەتكەن. 2004 يىلىدىن بۇيان سەككىز قاراردا، ئاساسلىق سانىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىگەن جەمئىي 18مىڭ ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتتۈرۈپ 95%i يەنىلا خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە داۋاملىق ئوقۇغان.

ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە 2004-يىلىدىن بۇيان تەسىس قىلىنغان رايون ئىچى تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بولسا سەككىز قاراردا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى 35 مىڭغا يەتكەن. يەنە شۇنداقلا 2007-يىلىدىن 2011-يىلىغا قەدەر رايون ئىچى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا ئوقۇغان 19مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدا تولۇق ئوتتۇرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىق خادىملىرىنى تەربىيىلەپ بېرىش ئىستراتېگىيىسى نامىدا داۋاملىق تۈردە مۇشۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدىن باشلاپ يەنى بالىلارنى 12 ياشتىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتى، تىل مۇھىتى، مۇھىمى ئائىلىسىدىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ مېھرى-مۇھەبىتىدىن ئايرىپ خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلەش ئېلىپ بارماقتا.

مائارىپ ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى 12-بەش يىللىق پىلان داۋامىدا، بۇ خىل بالىلارنى ئائىلىسىدىن ئايرىپ مەكتەپتە ياتقۇزۇپ تەربىيىلەيدىغان خىتايدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى شۇنداقلا رايون ئىچى تولۇق ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشنى قارار قىلغان.

خىتاينىڭ چاغان بايرىمىغا دائىر ئۇچۇرلىرىدا ھەر قايسى خىتاي شەھەر ئەمەلدارلىرىنىڭ شۇ شەھەرلەردە تەسىس قىلىنغان شىنجاڭ سىنىپى بالىلىرىنى چاغانلىق يوقلاپ بارغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دېمەك شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى قىشلىق تەتىلدە ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلمىغان.

ئۇيغۇر رايونى ئىچىدە قۇرۇلغان خىتايچە ئوقۇتىدىغان ئالاھىدە تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا بۇ خىلدىكى ئائىلىدىن ئايرىپ تەربىيىلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ كۆپ قىسمىمۇ قىشلىق تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتۇرۇلماي ئاساسەن مەكتەپتە دەرسنى پۇختىلاشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، تەتىلگە قويۇپ بېرىلمىگەن. ئاتۇش شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلغىنىمىزدا، مەكتەپ كادىرى ناھىيە ۋە يېزىلاردىن بۇ مەكتەپكە كېلىپ ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ كىرا ھەققىگە چىقىش قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆيگە قايتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بولسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تولۇقلاش ئۈچۈن تەتىلگە چىقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خىلدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 12، 13 ياشتىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن باشقا، قىشلىق تەتىلدە بولسىمۇ سېغىنغان ئاتا-ئانا مېھرىگە قېنىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقى، بەزى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە، ياش قورۇمىغا يەتمەي تۇرۇپ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇلاردا كۈرىلىۋاتقان فىزىئولوگىيە، ئەخلاق ۋە پسىخىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلەرنى قوزغىغان.

بولۇپمۇ بۇ بالىلارنى يوقلاپ بارغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتۈرۈش مەسىلىسى، بالىلارنىڭ مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى پائالىيىتىنى باشقۇرۇش مەسىلىسى، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە يانفون ئىشلىتىشكە ئوخشاش ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشىنى باشقۇرۇش مەسىلىسى، بۇ بالىلارنى پسىخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش، ئەخلاق تەربىيىسىگە ئوخشاش مەسىلىلەر ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزىلەر مەيدانغا كەلدى، تەڭرىتاغ تور مۇنازىرىسىدە بەزى يازارلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە خىلاپ ھالەتلىرىنى تەنقىد قىلسا، يەنە بېزىلەر ياتاق شارائىتى، بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بەزىلەرنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا، ئۈسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدىكى بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرىدە ئۇزاق مەزگىل ئاتا-ئانا مېھرىدىن ئايرىلىپ ياشاپ، پسىخىكا جەھەتتىن يالغۇزلۇق، ياتسىراش، باشباشتاقلىق قىلىشقا ئوخشاش بىنورمال پسىخىكا شەكىللىنىپ ھەتتا ئىنتايىن كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنىڭمۇ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

كۆپ ساندىكى تور مۇنازىرىچىلىرى، ئۈسۈپ يېتىلىۋاتقان بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئۇزۇن مەزگىل ئۇزاقلاشتۇرغاندا، بۇ بالىلارنى ئائىلە مېھرى، ئەنئەنە، مىللىي ئاڭ، مىللىي مەدەنىيەت، تارىخ، ئېتىقاد ھەممە جەھەتتىن ئايرىغان بىلەن باراۋەر بولۇپ، بۇ بالىلارنىڭ مەدەنىيەت خىرىسىغا توغرا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى، ھەتتا جىسمانىي، ئەقلىي ۋە پسىخىكا جەھەتتىمۇ مۇكەممەل يېتىلىشىگە زور سەلبىي تەسىرلەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا بولغان تەشۋىشلىنىشىنى ئىپادىلىگەن.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە 17 يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان ھازىر نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان خەلقئارالىق پاناھلانغۇچى بالىلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پاتىمە خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىش، باشقا شەھەر ياكى ئۆلكىلەردىكى مەكتەپلەردە تەربىيىلىشىنى تەنقىد قىلىپ «ياش قورۇمىغا يەتمىگەن بالىلارنى ئۆز ئاتا-ئانىسى، ئۆزىنىڭ ياشاش مۇھىتىدىن ئايرىش، بالىلارغا، بىر مىللەتكە، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت