شۋېتسىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى يەنە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە "شۋېتسىيە تۈرك جەمئىيەتلىرى مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى" نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ستوكھولىمنىڭ مەركىزى مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولغان پۇقرالار مەيدانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2009-09-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ "ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ" ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺘﻮﻛﻬﻮﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ "ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ" ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺘﻮﻛﻬﻮﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Yalqun

نامايىشقا شۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن سىرت "شۋېتسىيە تۈرك جەمئىيەتلىرى مەملىكەتلىك بىرلەشمىسى"، "ئەزەربەيجان مۇساۋات پارتىيىسىنىڭ ستوكھولىم شۆبىسى"، "ئەزەربەيجان دۇنيا قۇرۇلتىيى"، "ئەزەربەيجان شۋېتسىيە مەملىكەتلىك بىرلىكى"، "ئەزەربەيجان ئازادلىق مۇنبىرى"، "شۋېتسىيە قاراباغ مەدەنىيەت مەركىزى"، "خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە ياردەم بېرىش جەمئىيىتى"، "ۋە " شۋېتسىيە يېشىللار پارتىيىسى" قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم ئۆزبېك سىياسى پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

نامايىش جەريانىدا ھەرقايسى جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىدلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار سۆزلىرىدە تارىختىن بۇيان قان - قېرىنداش بولۇپ ياشاپ كىلىۋاتقان تۈركى خەلقلەر ھېچبىر زامان بىر - بىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرگە قول - قويۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرالمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت