شۋېتسىيىدىكى 'مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى' ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى جانلاندۇرماقتا

شۋېتسىيە ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كۆپ ياشايدىغان ۋە ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ سانى تىز كۆپىيىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بالىلارنىڭ ئانا تىل مۇھىتىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇلارنى ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇش ئىمكانىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان ھەر خىل خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ
2010-05-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ 'ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ' ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ 'ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ' ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﻰ ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

ئۇيغۇرلار باشقۇرۇشىدىكى "مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپى" ئىشلەنگەن ئاشۇ خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بىرىدۇر. "مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپى" 2006 - يىلى 5 - ئايدا ستوكھولىمدا قۇرۇلغان بولۇپ، 2007 - يىلى شۋېتسىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقتىن ئۆتكەن.

مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئاتا تىلىدا سۆزلەش، ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىنى تونۇش ۋە دىنىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش جەھەتلەردە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

مەكتەپ قۇرۇلغىنىغا 4 يىل تولغان مۇشۇ كۈنلەردە، "مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپى"نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئابدۇللا ئەپەندى بىلەن مەكتەپنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت