ئۇيغۇر ئىلىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سانى قانچىلىك؟

خوڭكوڭ ئاخبارات ساھەسى خادىمى 26-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ھوقۇق يۈرگۈزگەن 10 يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكى تەركىبىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئورۇن ئالغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2012-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇس كۆلەڭگىسى.
File

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان يېڭى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «كۈننۇرى» قانىلىنىڭ مۇخبىرى ۋېن يۈنچياۋ خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋە باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ ھوقۇق يۈرگۈزگەن 10 يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى «ئالتۇن دەۋر» دەپ ئاتاۋاتقان بۇ 10 يىلنىڭ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئەڭ كۆپ قولغا ئېلىنغان 10 يىل بولغانلىقىنى، «10 يىللىق ئالتۇن دەۋر» دېگەن باھانىڭ قۇرۇق سەپسەتە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

ئۆزىگە «شىمال شامىلى» دېگەن تەخەللۇسنى قويۇۋېلىپ، ئاتالمىش «ئالتۇن دەۋر» ئىچىدە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى توپلاپ ئېلان قىلغان خوڭكوڭ مۇخبىرى ۋېن يۈنچياۋ، بۇ تىزىملىككە خىتايدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن ليۇ شاۋبو، چەتئەلدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ياڭ جيەنلى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر توربەت يازغۇچىسى غەيرەت نىيازنىمۇ كىرگۈزگەن. مەلۇمكى، غەيرەت نىياز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارىغانلىقى سەۋەبلىك ئەيىبلەپ ماقالە يازغان ۋە خوڭكوڭ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

ئاپتور مەزكۇر تىزىملىككە پەقەتلا 2010-يىلى سىياسىي بوھتان بىلەن قولغا ئېلىنغان 36 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى كىرگۈزۈپلا قالماي، ئالدىنقى 10 يىل ئىچىدە ئاشكارا ھالدا قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان 160 تىن ئارتۇق كىشىنى كىرگۈزگەن. خىتاينىڭ مەخپىي سوت ياكى ئېنىقسىز شەكىلدە جازالىغان سىياسىي تۇتقۇنلىرىنى تىلغا ئالمىغان. مەزكۇر تىزىملىك گوگۇل پلۇس، فېئېسبوك قاتارلىق تور سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلىنىپ، غەرب ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىنى چەككەن. بىراق، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ئالدىنقى 10 يىل ئىچىدە پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدىن، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئەللىرىدىن 160 نەپەر كىشىنىڭ سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان بىر سانلىق مەلۇمات ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى 160 سىياسىي مەھبۇسنى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خالىغان بىر شەھەر ياكى ناھىيىسىنىڭ تۈرمىسىدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ ئوخشاش قاراشنى تەكىتلەپ، خوڭكوڭلۇق بۇ مۇخبىر تىلغا ئالغان سىياسىي تۇتقۇنلار سانىنىڭ كۈلكىلىك بىر سان بولغانلىقىنى ئېيتتى.

گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىدا بايان قىلىنىشىچە، خوڭكوڭ مۇخبىرى ۋېن يۈنچياۋ ئېلان قىلغان بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەر ئىچىدە، سىياسىي سەۋەبلىك قولغا ئېلىش ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان ئۇيغۇر دىيارى، تىبەت قاتارلىق مىللىي رايونلاردىن سىرت، سىچۈەن، خۇنەن، جېجياڭ قاتارلىق «سىياسىي مەھبۇسلار ئاپەت رايونى» دەپ قارالغان ئۆلكىلەردىن قولغا ئېلىنىپ، ئىقتىسادىي جىنايەت ۋە باشقا ھەرخىل شەكىللەردىكى قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغانلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن. خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئادۋوكات گاۋ جىشېڭغا ئوخشاش بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ شايار ناھىيىسىدە قاماقتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە يېزىلىشىچە، خوڭكوڭ مۇخبىرى ۋېن يۈنچياۋ بۇ تىزىملىكنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن دەرھال ھۇجۇمغا ئۇچراپ «بۇ قېتىمقى سىياسىي مەھبۇس ئەمدى سەن بولۇپ قالىسەن» دېگەندەك تەھدىتلەرنىڭ قورشاۋىدا قالغان.

خوڭكوڭ مۇخبىرى ۋېن يۈنچياۋ بۇ تىزىملىك مۇناسىۋىتى بىلەن 27-ئىيۇن كۈنى گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا ئوچۇق خەت يېزىپ، يەنە بىرقانچە ئايدىن كېيىن ھوقۇقىدىن ئايرىلىدىغان خۇ جىنتاۋدىن يېقىندا سۇيىقەستكە ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لى فامىلىلىك كىشىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلماقچى بولغانلىقىنى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان سىياسىي مەھبۇسلارغا ئەركىنلىك تىلىمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بۇ 10 يىلدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي جەھەتتە بەربات بولغانلىقىنى، ئالدىنقى 10 يىلدا ئۆزى بىلگەن جازالانغان سىياسىي مەھبۇسلار سانى بۇ قەدەر كۆپ بولسا، ئاشكارىلانمىغانلىرى ۋە ئۇندىن ئىلگىرىكى يىللاردا قولغا ئېلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار سانىنىڭ قانچىلىك كۆپلۈكىنى پەرەز قىلىش قېيىنلىقىنى، بۇ يىللاردا سىياسىي سەۋەبتىن قولغا ئېلىشلارنىڭ بىر دولقۇن ھاسىل قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا «ئالدىنقى 10 يىلنى يەنە قانداقمۇ ئالتۇن دەۋر ۋە پارلاق 10 يىل دېگىلى بولسۇن؟» دېگەن. ئۇ سۆزىدە، سىياسىي سەۋەبتىن قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە پەقەتلا ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىقىنى تىلغا ئېلىپ ماقالە يازغانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئۆزىنىڭ ئەمدى خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىش نىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قاراڭغۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت