رۇسىيىنىڭ سوۋېت ئىتتپاقىدىن قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئەرەب ئىتتىپاقدېشى-بەشر ئەسەد

سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئەل ئەسەدنىڭ قوراللىق قىسىملىرى ھازىر قوزغىلاڭچىلارنىڭ قوراللىق قىسىملىرى بىلەن سۈرىيە پايتەختى دەمەشق شەھىرىدە، ھۆكۈمەت بىناسىغا بىر نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كوچىلاردا ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-01-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
23-دېكابىر يۈز بەرگەن سۈرىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرىدىكى پارتىلىتىشتىن بىر كۆرۈنۈش
23-دېكابىر يۈز بەرگەن سۈرىيەدىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرىدىكى پارتىلىتىشتىن بىر كۆرۈنۈش
AFP

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، كرېمىل ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ، سۈرىيىدە دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغان خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ئەسەد ھۆكۈمىتىگە جازا قوللىنىش، بېسم ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى مەڭسىتمىدى، بەلكى ب د ت نىڭ سۈرىيىگە قورال ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش قارارىغا خىلاپلىق قىلىپ، داۋاملىق تۈردە بەشر ئەسەدنى قورال بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ خەلقنى داۋاملىق باستۇرۈشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ.

1997‏-يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيە ۋە تېخنىكا مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلات (چاست) نىڭ باشلىقى رۇسلان پۇكوفنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئەسەد رۇسىيىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىن قالغان ئەڭ ئاخىرقى ئەرەب ئىتتىپاقدېشى. ئەسەد تا ھازىرغا قەدەر سۈرىيىدە، ئاتىسى ھاپىز ئەسەدنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىزچىل ھالدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. بەشر ئەسەدنىڭ ئىسرائىلىيىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كرېمىل بىلەن تۈزگەن دۇگۋارى بار. ئەسەد ھازىر كرېمىلدىن نەق پۇل تۆلەپ مىگ 29، مىگ 35 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلان ۋە باشقا زامانىۋى تانكا، باشقۇرۇرىدىغان بومبا سېتىۋالدى.

رۇسلان پۇكوفنىڭ قارىشىچە، رۇسىيىدە ئۆزىنى كېلەر قېتىملىق پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن مىلادىمىر پۇتىن ھازىرقى ۋاقىتتا، ھەرگىزمۇ رۇسىيىنىڭ ئىتتىپاقدېشىنىڭ جازالىنىپ كېتىشىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ. ئۇنىڭغا سايلام ئۈچۈن كوزىر كېرەك. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە لىۋېيىگە قارىتا قوراللىق ئارىلىشىش قارارى چىقىرىلغاندىمۇ، رۇسىيە ۋاز كېچىش شەكلى بىلەن قارشىلىق ئىپادىلىگەن، ناتو لېۋىيىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغاندىمۇ جىددىي بايانات ئېلان قىلىپ قارشى تۇرغان ئىدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «زامان» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەرەب بىرلىكىنىڭ باشلىقى نابىل ئەل ئەرەبى تۈنۈگۈن قاھىرە ئايرودرومىدا، ب د ت يىغىنىغا بېرىش ئالدىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەرەب بىرلىكىنىڭ سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىش چارىسىنى قوللاپ چىقىرىدىغان قارارىنى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە توسۇۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن رۇسىيە ئېلان قىلغان باياناتتا، رۇسىيە ھازىر سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئەسەد بىلەن موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشىگە قوشۇلىدۇ دەپ جاكارلىدى. ئەمما سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى بۇنى رەت قىلدى. بۈگۈن سۈرىيىدە ئىككى تەرەپ جىددىي قارشىلىشىۋاتقاندا، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئەل ئەسەد قوراللىق قىسىملىرىغا، قوزغىلاڭچىلار بىلەن كوچا ئۇرۇشى قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.

سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ ئازادلىق قىسىملىرى سۈرىيە قىسىملىرى ئىچىدىن ئىسيان كۆتۈرۈپ چىققان ھەربىيلەردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ قىسىم ھازىر سۈرىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت بىناسىغا 8 كىلومېتىر قالغان جايلارغىچە يېقىنلاپ كېلىپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈۋاتىدۇ. ئەسەدنىڭ قوراللىق قىسىملىرى ھامورىيا دېگەن مەھەللىدە بازا قۇرغان بولسا، سۈرىيە ئازادلىق قىسىملىرىمۇ ساقبا مەھەللىسىدە بازا قۇردى. ئىككى تەرەپ ھازىر دەمەشق شەھىرىدە كوچا ئۇرۇشى قىلىۋاتىدۇ.

فرانسيە ئاگېتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن (يەكشەنبە كۈنى) دەمەشقتە، سۈرىيە قىسىملىرى بىلەن قوزغىلاڭچىلار بىر-بېرىنى توپقا تۇتتى. ئۇرۇشتا قوزغىلاڭچىلارنىڭ 22 ئەسكىرى ئۆلدى. ۋەھالەنكى، بىر نەچچە ئايدىن بۇيان سۈرىيىدە سايلام ئۆتكۈزۈش، ئادىل تۈزۈم تىكلەشنى تەلەپ قىلىۋاتقان خەلقتىن ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 5مىڭ 4 يۈز دىن ئاشتى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سۈرىيىدە ھازىر ئۇرۇش پارتلاپ ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتتى، ئەرەب بىرلىكى بەشر ئەسەدكە تەسىر كۆرسىتەلمىدى. سۈرىيىدە ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدىلا 200 دىن ئارتۇق ئادەم كوچا ئۇرۇشىدا ئۆلدى. ئەرەب بېرلىكى ھازىرقى بۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە، سۈرىيىگە كۆزەتچى ئەۋەتىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت