سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سىياسىي تەقىبلەشلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرى

بۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئادىمىزات تارىخىدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن قانلىق سىياسىي تەقىبلەشلەر ئەۋج ئېلىپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە مىڭلىغان سىياسىي، ھەربىي، مەدەنىي ئەرباپلار، زىيالىيلار، ھەر خىل كەسىپ ئىگىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى «قىزىل تېررور»نىڭ قۇربانىغا ئايلانغان.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان
2012-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
جوسېف ستالىن.
جوسېف ستالىن.
www.google.com

يۈز مىڭلىغان ئاھالە قاتتىق زەرداب چەكتى. بىر نەچچە يىللارغا سوزۇلغان بۇ تەقىبلەشلەر ئەلنىڭ ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتىغا چوڭ زىيان يەتكۈزدى، خەلققە ئېغىر جۇدالىقلار، خورلۇقلار، مەنىۋىي چۈشكۈنلۈكلەر ئېلىپ كەلدى. تارىخچى ۋە ئانالىزچىلار سىياسىي تەقىبلەشلەرنىڭ 1917 - يىلقى ئوكتەبىر ھاكىمىيەت بۇرۇلۇشىدىن تارتىپ داۋام قىلغانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1937 - يىلنىڭ 23 - فېۋرالىدىن 5 - مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا بولشېۋىكلەرنىڭ پۈتكۈل ئىتتىپاقلىق كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى بولۇپ، ئۇنىڭدا «پارتىيە ئىشىنىڭ كامچىلىقلىرى ۋە تروتسكىيچى ۋە باشقا ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى يوقىتىش ھەرىكىتى ھەققىدە» ماۋزۇسىدا دوكلات بىلەن سۆزگە چىققان ستالىن سىنىپىي كۈرەشنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، سوۋېت دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا «توسقۇنلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان» ھەر قانداق «چەتئەللىك رازۋېدكىلارغا ياللانغان زىيانكەشلەرنى، جاسۇسلارنى، قاتىللارنى» ۋە باشقىلارنى يىلتىزى بىلەن يوق قىلىش ۋە تار - مار ئېتىش ئۇسۇللىرى قوللىنىشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇ مەملىكەتنىڭ ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىغا نەق ۋەزىپىلەرنى ئارتىپ، شۇ يىلنىڭ 5 - مارت كۈنى بولغان خۇلاسە يىغىندا 30 مىڭ ئەتراپىدا خەلق دۈشمەنلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر پارتىيە يىغىنى ھارپىسىدا ئۇ 18 مىڭ ئادەم قاماققا ئېلىنىپ، يەنە 12 مىڭ ئادەمنى تەقىبلەش ۋەزىپىسىنىڭ تۇرغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلغان ئىدى. ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باشلىقى نىكولاي يېژوف بولسا 3 - مارتتا «ياپون، نېمىس، تروتسكىيچى ئاگېنتلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىنىڭ، بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ۋە جاسۇسلۇقىنىڭ ساۋاقلىرى» دېگەن دوكلات بىلەن سۆزگە چىقىپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سوۋېت مەملىكىتى دۈشمەنلىرىگە قارشى ھەرىكەتلىرىنى تولۇقى بىلەن قوللىدى.

ئەنە شۇ يىغىن ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە قولغا ئېلىشلار كۈچەيدى. شۇ يىلنىڭ ماي ئېيىدا قىزىل ئارمىيىنىڭ ئالىي قوماندانلىقىدىكى بىر نەچچە ئادەم قاماققا ئېلىنىپ ئېتىلدى، ھەتتا مەزكۇر يىغىندا سۆزگە چىققان 72 ئادەمنىڭ 52 سى قولغا ئېلىنىپ، ئېتىپ تاشلاندى، ئىككىسى بولسا ئۆزىنى - ئۆزى ئۆلتۈردى. بۇلارنىڭ بارلىقى دېگىدەك ستالىننىڭ شۇ يىغىندىكى «خەلق دۈشمەنلىرى» نى يوقىتىش تەكلىپلىرىنى قوللىغانلاردىن ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى شۇ يىلى مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بيۇروسى جازالاشلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە «ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى مەسىلىسى»، «تروتسكىيچىلار ۋە ئوڭچىللار ئائىلىلىرىنى پالاش ھەققىدە»، «سوۋېتكە قارشى ئېلېمېنتلار ھەققىدە» قاتارلىق يەنە بىر نەچچە قارارلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن مەملىكەتتىكى تەقىبلەشلەر يېڭى باسقۇچقا چىقىپ، ھەددى - ھىسابسىز قىرغىنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئەلنىڭ بارلىق جۇمھۇرىيەتلىرىنى قاپلاپ ئالىدۇ.

سوت - سوراقسىز جازالاش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىچكى ئىشلار خەلق كومىسسارىياتى ئۆزىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئاساسلىنىپ، پارتىيە، مۇداپىئە، مەدەنىيەت، خەلق ئىگىلىكىنىڭ بارلىق ساھەلىرى بويىچە قانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، پارتىيە ھەم دۆلەتكە، خەلققە جانپىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بارلىق «گۇماندارلار» نى چەتتىكى تۈرمىلەرگە، لاگېرلارغا تاشلايدۇ، تەرگەۋسىز ئاتىدۇ. تەقىبلەشلەر ئىككى دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، بىرىنچىسى بويىچە ئېتىش قارارى، ئىككىنچىسى بويىچە 8 يىلدىن 10 يىلغىچە لاگېرغا قاماش قارارى ئېلىندى. پەقەت 5 - ئاۋغۇستتىن نويابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىلا 800 مىڭ ئادەم سوتلىنىپ، ئۇلارنىڭ يېرىمى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، جازالانغانلار تىزىمى سىياسىي بيۇرۇ يىغىنلىرىدا تەستىقلەنمەيتتى ھەم بىرەر قارار بويىچە رەسمىيلەشتۈرۈلمەيتتى. تىزىمغا كۆپىنچە ستالىن ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مولوتوف، كاگانوۋىچ، ۋوروشىلوف، ژدانوف قاتارلىقلار قول قوياتتى، بەزىدە بۇ تىزىملار ستالىننىڭ يازلىق ئۆيىدىمۇ شۇ شەخسلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنەتتى.

مۇنداق تەقىبلەشلەر «خەلق دۈشمەنلىرى» دىن تاشقىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ، سەپداش - دوستلىرىنىڭمۇ بېشىغا كەلگەن ئىدى. بارلىق سوتلانغانلارنىڭ ئاياللىرى كام دېگەندە 5 يىلدىن 8 يىلغىچە ئەمگەك لاگېرلىرىغا پالانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بالىلىرى مائارىپ خەلق كومىىسارىياتىنىڭ قارمىقىدىكى بالىلار ئۆيلىرىگە ۋە يېپىق ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئۆتكۈزۈلەتتى. بۇ ھەقتىكى بۇيرۇقتىن كېيىن پەقەت ئالتە ئاينىڭ ئىچىدىلا 43 مىڭ «خەلق دۈشمەنلىرى» نىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرى تەقىبلەندى.

سىياسىي تەقىبلەشلەر نەتىجىسىدە مەملىكەت بويىچە 1937 - ۋە 1938 - يىللىرى بىر يېرىم مىليونغا يېقىن ئادەم سوتلىنىپ، ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى ئېتىلغان، يۈز مىڭلىغان ئادەم تۈرمىلەردە، ئەمگەك لاگېرلىرىدا ئازاب چەككەن. باشقا مەلۇماتلار بويىچە سوتلانغانلار ۋە ئېتىلغانلارنىڭ سانى بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان. سىياسىي تەقىبلەشلەر قۇربانلىرىنى ئېنىقلاش ئىشلىرى تاكى ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت