سابىق سوۋېت رازۋېتكىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدا (1)

2006-05-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

lenin-stalin-200.jpg
ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى پىچقان لېنىن ۋە ستالىن بىللە. 1922 - يىلى. AFP

ئۇيغۇرلارنىڭ 19-ۋە 20-ئەسىرلەردىكى سىياسىي تارىخى ئۇيغۇر دىيارى بىلەن ئۇزۇن چېگرىغا ئىگە بولغان سابىق چار رۇسىيە ۋە كېيىنكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرق سىياسىتى جۈملىدىن خىتاي سىياسىتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىدى.

سابىق چار رۇسىيە ئىمپېرىيىسى 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق قوزغىلاڭلىرى ۋە بۇ قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئىلى سۇلتانلىقى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ يوقىتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى 20-ئەسىردىكى ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا بىۋاسىتە ھەم ۋاسىتىلىق ھالدا باغلىنىشلىقتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزلىرىنىڭ پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن رازۋېتكا ئورگانلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدى.

ئارخىپلار جاۋاب بەرمەكتە

سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، بىر قىسىم رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى 70 يىللىق ئىدېئولوگىيىلىك بويۇنتۇرۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز تارىخىغىلا ئەمەس بەلكى ، باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغىمۇ قايتىدىن باھا بېرىشكە، سوۋېت تۈزۈمىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي مەنپەئەتلىرى ۋە غەرەزلىرى ئۈچۈن ئۆز ئەتراپىدىكى ۋە ئىچىدىكى مىللەتلەرگە ھەم دۆلەتلەرگە نىسبەتەن قانداق رەزىل ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى. بۇنىڭغا ئاساس بولغان ماتېرىيال مەنبەلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلگىرى تولۇق مەخپىي دەپ بېكىتىۋېتىلگەن ئارخىپلىرى بولۇپ، 1992-يىلىدىن ئېتىبارەن موسكۋا ھۆكۈمىتى كۆپلىگەن ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى سىرتقا ئاچقان ئىدى. بىر قىسىم رۇسىيە ئالىملىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئېلىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قاراتقان سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئارخىپلارنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەزى يېڭى ئۇچۇرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى مەسىلىلەرگە باشقىدىن باھا بېرىشىنى ھەم چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. رۇسىيە ئالىملىرى دىققەت قىلغان بىر نۇقتا 20-ئەسىردە سوۋېت ئىتتىپاقى كگب دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بارغان ئالاھىدە ھەرىكەتلىرىدىن ئىبارەت.

موسكۋا مۇستەقىل دۆلەتكە يول قويمىدى

رۇس مۇتەخەسسىسى ۋ .ف. نېخ يېقىندا " ن ك ۋ د نىڭ شىنجاڭدىكى ئالاھىدە ھەرىكەتلىرى " دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆز ماقالىسىدە 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن تاكى 1949-يىلىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سوۋېت -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئورۇن بولغانلىقى، ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى توساق رايونىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتورنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇنداق ئالاھىدە توساق رايونلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئايلىنىشىدا بىر قانچە سەۋەبلەر مەۋجۇت.

"بىرىنچىدىن" دەپ يازىدۇ -رۇس مۇتەخەسسىسى ۋ .ف. نېخ - "بۇ جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى بولۇپ، بۇ جاي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن 2000 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيىسىگە ئىگە ، شىنجاڭ ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قازاقىستان، غەربىي سىبىرىيە ۋە ئۇرال بويلىرىغىچە بولغان ئەڭ ئىچكى رايونلىرىغا قىسقا يول بىلەن بارغىلى بولىدۇ. ئەگەردە غەربىي خىتايدا دۈشمەن ئارمىيىسى ئورۇنلاشسا، ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىخەتەر نۇقتىلارنى قويماسلىقى مۇمكىن".

ئىككىنچىدىن شىنجاڭنىڭ مىللىي تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى 60% تىن يۇقىرى ئىدى. بۇ جايدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز، خىتاي قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بولۇشى.

ئاپتور بۇ سەۋەبلەرنىڭ مۇھىملىرىنىڭ بىرىنىڭ بۇ ئۆلكىنىڭ ئىشلىرىغا ياپونىيە ۋە ئەنگىلىينىڭ ئاكتىپ ئارىلىشىشقانلىقى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ."ئەنە شۇنداق تەرەپلەرنى نەزەرگە ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا بۇ جايدا ئۇيغۇرلانىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئوتتۇرىدىكى بىر دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ئاقلارنىڭ ھەم باسمىچىلارنىڭ ھۇجۇم قوزغاپ، چېگرىنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كېلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا سىياسىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويماسلىقنى قارار قىلدى".

رۇس ئالىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كۆز قاراشلار ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل مۇنازىرە بولغان. بۇ مۇنازىرىلەر نەتىجىسىدە ئاخىرى، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىلىرىنى، ھەتتا ئۇلار كوممۇنىزم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىدىن قەتئىي نەزەر قوللىماسلىق، ئۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئۆلكىدە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشىغا قىزىل ئارمىيە ۋە چېگرا قوغىدىغۇچى قوشۇنلارنى ئەۋەتىپ بولسىمۇ ياردەم قىلىش قارار قىلىندى.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيە ۋە رازۋېتكا خادىملىرىنى ئىشقا سالدى

ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، ئۆزلىرىنى ئېزىلگەن خەلقلەرنىڭ نىجات يۇلتۇزى دەپ جار سېلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ھەم كوممۇنىزمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى بۇ ئىدىيە ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا دەۋەت قىلغان لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيىسى تۇنجى قېتىم 1921-يىلى مەزكۇر قارار بويىچە ئۇيغۇر ئېلىغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتتى. بۇ چاغدا ئۇيغۇر دىيارىغا 50 مىڭدىن ئارتۇق چار پادىشاھ جەڭچى-ئوفىتسىرلىرى، قاچاقلار قېچىپ كېلىۋالغان ئىدى. قوزغىلاڭ كۆتەرگەن ئاقلارنىڭ دۇتوپ، ئاننېنكوپ ۋە باكىچ، نوۋىكوپ ۋە شىشكىنا قاتارلىقلارنىڭ قوشۇنلىرى گېنېرال باكىچنىڭ قوماندانلىقىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە بوي سۇنمىدى.

ئاپتورنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئاقلارنىڭ بۇ قوشۇنى ئۇيغۇر دىيارىنى بازا قىلىپ سوۋېت رۇسىيىسىگە قايتۇرما زەربە بەرمەكچى بولدى. ئۆز ھاكىمىيىتىدىن ئەنسىرىگەن ئۆلكىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېشى ھېسابلىنىدىغان ياڭ زېڭشىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن ياردەم سورىدى. نەتىجىدە، 1921-يىلى 17-مايدا " تۈركىستان فرونتى قوماندانلىق شىتابى بىلەن شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدا باكىچ ۋە نوۋىكوپ قوماندانلىقىدىكى ئاقلارنىڭ قاچاق ئارمىيىسىنى بىرلىكتە يوقىتىش ئۈچۈن خىتاي تېررىتورىيىسىگە قىزىل ئارمىيىنى كىرگۈزۈش ھەققىدىكى كېلىشىم" دەپ ئاتالغان بىر توختام تۈزۈلدى. ئەنە شۇ كېلىشىمگە ئاساسەن 1921-يىلى 5-6-ئايلار ۋە كۈز مەزگىلىدە سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ باردى ھەمدە گېنېرال باكىچنى يوقاتتى.

ئۇيغۇر رازۋېتچىكىنىڭ پاجىەسى

رۇس مۇتەخەسسىسلىرىدىن بارمىن ۋە باشقىلارنىڭ قارىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىغا قېچىپ كەلگەن سوۋېت رۇسىيىسىگە ، كوممۇنىزغا قارشى تۇرغان ئاقلار سوۋېت رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يەتتە سۇدىكى ھەمدە غەربىي سىبىرىيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىد سالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىلانى ۋاقتى كەلسە، ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچ توپلاپ ۋە ھەربىي تەييارلىق ئېلىپ بېرىپ، قايتىدىن يەتتە سۇ ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى ۋە غەربىي سىبىرىيىگە بېسىپ كىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلاش ئىدى . ئۇلار بۇ پىلانى ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېك قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە كۆپ ھەرىكەت قىلغان. بۇ ئەھۋال ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ رازۋېتكا ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تۇرغان بولۇپ، سوۋېت رۇسىيىسى رازۋېتكا ئورگانلىرى ئاق ئارمىيە قوماندانلىرىدىن دۇتوپنى يوقىتىش ئۈچۈن يەرلىك ئۇيغۇر، قازاق، تاتارلاردىن پايدىلانغان.

يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرىدىن چىققان ماخمۇت غوجامياروپ سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ رازۋېتكا ئورگانلىرى تەرىپىدىن مەخپىي غۇلجىغا ئەۋەتىلىپ، كوممۇنىستلارغا قارشى ئارمىيىنىڭ قوماندانى دۇتوپنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئادەم ئاتامان دۇتوپنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا داڭ چىقارغان ھەتتا سوۋېت رۇسىيىسى "ك گ ب سىنىڭ ئاتىسى" دەپ ھېسابلانغان درجىنسكىينىڭ سائەت ۋە تاپانچا بىلەن مۇكاپاتلىشىغا ئېرىشكەن. 30-يىللاردا ئاتامان دۇتوپنىڭ ئادەملىرى ماخمۇت غوجامياروپتىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن ، بىر كېچىدە ئۇنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى. ئەڭ پاجىئەلىك يېرى شۇكى، سوۋېت رۇسىيىسى ئۈچۈن بارلىقىنى ۋە ئائىلىسىنى قۇربان قىلغان بۇ ئۇيغۇر رازۋېتچىكى 1937-يىلى ئۆزى خىزمەت قىلغان سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "خەلق دۈشمىنى" دەپ قولغا ئېلىنىپ، يەنە شۇ سوۋېت ن ك ۋ د دائىرىلىرى ( ك گ ب نىڭ دەسلەپكى نامى) تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان.(ئۇمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت