"ستالىن ۋە ماۋ" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە بايان قىلىنغان خىتاي-سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى

يېقىندا رۇسىيىنىڭ "ت ب مەركەز" ستۇدىيىسى 20-ئەسىردىكى داڭلىق ئىككى كوممۇنىست دىكتاتورى-يوسىف ستالىن بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ ھەمكارلىق تارىخىغا ئائىت بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى. فىلىمنىڭ نامى" ماۋ ۋە ستالىن" بولۇپ، مەزكۇر فىلىم ھۆججەتلىك فىلىم رېجىسورلىرىدىن لېئونىد ملېچىن ۋە يېكاتېرىنا گالپېرىنا تەرىپىدىن ئىشلەنگەن. گەرچە، مەزكۇر فىلىمنىڭ ئىشلەنگەنلىكىگە بىر يىلچە بولغان بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە كۆرۈرمەنلىرى تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن فىلىملەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ، ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ، ﻣﺎﯞﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Archive

ماۋ زېدوڭ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى

فىلىمدە ماۋ زېدوڭنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى ستالىن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ئىلگىرى مەخپىي تۇتۇلغان سۈرەتلىك ۋە يازما ھۆججەتلەر ھەمدە بىر قىسىم نەق مەيداندىن تارتىلغان فىلىملەردىن پارچىلار ئورۇن ئالغان.

فىلىم ئالدى بىلەن 1949-يىلى، 12-ئايدا ماۋ زېدوڭنىڭ موسكۋاغا ئېلىپ بارغان مەخپىي زىيارىتى بىلەن باشلىنىدۇ. فىلىمدە ماۋ زېدوڭنىڭ قىشلىق جۇۋا كىيگەن ھالدا پويىزدىن چۈشۈپ، ئۆزىنى قارشى ئېلىشقا چىققان سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن مولوتوۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە سۆز قىلىۋاتقان ھەمدە ماشىنىغا ئولتۇرۇپ پويىز ئىستانسىسىدىن ئايرىلغان مەنزىرىسى نامايان بولىدۇ. ئارقىدىن، ماۋ زېدوڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش مۇراسىمىدىكى ۋە مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ "ياشىسۇن ماۋ جۇشى" دەپ توۋلاۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى پەيدا بولۇش بىلەن ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن دۇنيا سىياسىي تارىخىدا يېڭى بىر شەخسنىڭ رەسمىي پەيدا بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئارقىدىنلا، ماۋ زېدوڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە سىياسىي ھايات مۇساپىسىگە ئائىت بايانلار باشلىنىدۇ.

فىلىم ئاساسلىقى ماۋ زېدوڭنىڭ تەرجىمىھالىنى بايان قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ۋە جۈملىدىن 20-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدىكى خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارىتىلغان بولغاچقا ستالىننىڭ ماۋ ۋە جاڭ كەيشى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كۆپلىگەن ھۆججەتلىك ئۇچۇرلارمۇ مەزكۇر فىلىمدىن ئورۇن ئالغان.

فىلىمدە، ماۋنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىزچىل يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ستالىننىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئاڭلىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ستالىننىڭ ھېلىسى

فىلىمدە بايان قىلىنىشىچە، ستالىن 1931-يىلى، مانجۇرىيىدە "مانجۇگو دۆلىتى" قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ دۆلەتنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭ رۇسىيىنىڭ چىتا شەھىرىدە كونسۇلخانا ئېچىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كوممۇنىستلىرى ۋە گومىنداڭ بىلەنمۇ ئاستىرتىن ئالاقە قىلىدۇ، ھەتتا 1937-يىلى ياپون-خىتاي ئۇرۇشى رەسمىي باشلانغاندا، جاڭ كەيشى ستالىندىن قىزىل ئارمىيىنى خىتايغا ئەۋەتىپ، خىتاي قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىراق، ستالىن بۇنى رەت قىلسىمۇ، ئەمما جاڭكەيشىگە مەخپىي ھەربىي ياردەم بېرىدۇ.

ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن جاڭ كەيشىنى ماۋ زېدوڭ باشلىق خىتاي كوممۇنىستلىرىغا زەربە بېرىشنى توختىتىشنى شەرت قىلىدۇ. ئارقىدىن، ماۋ زېدوڭغا بۇيرۇق بېرىپ، خىتاي گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جاڭ كەيشىنىڭ باش قوماندانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۈندەيدۇ. نەتىجىدە، ئىككى پارتىيىنىڭ ھەمكارلىقى ئەمەلگە ئاشىدۇ.

فىلىمدە مۇنداق بايان قىلىنىشىچە، ئىككى يىل ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىشى ئۈچۈن 904 دانە ئايروپىلان، 1600 دانە زەمبىرەك، 14 مىڭ دانە پىلىموت، 82 دانە تانكا بەرگەندىن سىرت يەنە 2000 نەپەر ئۇچقۇچى خىتايدا ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، 3665 نەپەر ھەربىي مەسلىھەتچى خىتايدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

ستالىن بىراقلا ئىككى شاھمات پېچكىسىنى ئوينىغان بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن جاڭ كەيشىنى قوللىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ماۋ زېدوڭنى ئاستىرتىن قوللاپ، مانجۇرىيىدە قولغا چۈشكەن بارلىق ياپون قوراللىرىنى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇلارنى قوراللاندۇرىدۇ.

سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى

"ماۋ ۋە ستالىن" ناملىق مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدىكى بىر مۇھىم نۇقتا 1945-يىلى، 14-ئاۋغۇستتا موسكۋادا تۈزۈلگەن "سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى" دۇر. ستالىن بۇ شەرتنامە ئارقىلىق نۇرغۇن مەنپەئەتلەرگە ئېرىشىدۇ.

فىلىمدىكى يەنە بىر قىزىقارلىق كۆرۈنۈش، 1950-يىلى، 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى "سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى" نىڭ ئىمزالىنىش مۇراسىمى بولۇپ، بۇ يەردە ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدوڭ بىلەن موسكۋاغا بارغان سەيپىدىن ئەزىزمۇ نامايان بولىدۇ. سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ستالىن ۋە ماۋ زېدوڭ بىلەن بىر سورۇندىكى قىسقا كۆرۈنۈشىنى بۇ يەردىن كۆرۈش مۇمكىن. كۆرۈنۈش گەرچە بەك قىسقا بولسىمۇ، بىراق، خىتاي رەھبەرلىرىگە ئوخشاش كىيىنگەن، ياپ-ياش سەيپىدىن ئەزىزنىڭ خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ ئارىسىدا ئەمەس بەلكى، سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى قاتارىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. ئۇنىڭ يېنىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقان بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېرىيا، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مىكويان ۋە باشقا رەھبەرلەر تۇرىدۇ.

سابىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرى

مەلۇمكى، 1949-يىلى، 2-ئايدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى مىكوياننىڭ شىبەيپو زىيارىتى، 1949-يىلى، 7-ئايدىكى ماۋنىڭ ۋەكىلى ليۇ شاۋچىنىڭ موسكۋا زىيارىتى جەريانىدا غۇلجىنى مەركەز قىلغان سابىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەقدىرى پىچىلغان ئىدى. ئەنە شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە، دېڭ لىچۈن موسكۋادىن غۇلجىغا ئەۋەتىلىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە سۆھبەتلەر ئۆتكۈزگەن. بىراق، سوۋېت تەرەپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار 1949-يىلى، 27-ئاۋغۇستا سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە بېيجىڭدىكى سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ھەم ئۇلارنىڭ ئورنىغا سەيپىدىن ئەزىز ستالىن ئەۋەتكەن مەخسۇس ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭغا بارغان بولسىمۇ، بىراق ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى پەقەت ئازغىنا كەم ئۈچ ئايدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، 1950-يىلىنىڭ بېشىدا سەيپىدىن ئەزىز ماۋ زېدوڭ تەرىپىدىن موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ، "سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى" نى ئىمزالاش، بولۇپمۇ مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدىكى ئايرىم كان بايلىقلىرىنى ئېچىشقا ئائىت كېلىشىمنى ئىمزالاشقا بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇلدى. ماۋ بىلەن ستالىن ئارىسىدىكى ئەنە شۇ قېتىملىق تارىخىي شەرتنامە ئىمزالانغاندىن كېيىن، ماۋنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سەيپىدىن ئەزىزى دەرھال ئالمۇتاغا بېرىپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ تەييارلاپ قويۇلغان جەسىتىنى ئالمۇتادىن غۇلجىغا ئېلىپ كېلىپ دەپنە قىلىدۇ.

ئەلۋەتتە، "ماۋ ۋە ستالىن" ناملىق مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدە ئۇيغۇرلار ۋە ياكى ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە ھېچقانداق بايان يوق. ئەمما، موڭغۇلىيىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنىدۇ.

ستالىن ماۋ بىلەن خاپىلىشىپ قېلىشنى خالىمىغان

فىلىمدە ستالىننىڭ ئەسلىدە ماۋ زېدوڭ بىلەن يېڭى كېلىشىم تۈزۈشنى رەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ يەنىلا 1945-يىلى، 8-ئايدىكى كېلىشىمنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا ستالىننىڭ ئاخىرى كېلىشىم تۈزۈشكە قوشۇلغانلىقى، ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مانجۇرىيىدىكى ئەسلى مەنپەئەتلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىنغانلىقى ۋە ماۋزېدۇڭنىڭ تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

"ماۋ ۋە ستالىن " ناملىق فىلىمدە نېمە ئۈچۈن ستالىننىڭ ئاخىرى ماۋ زېدوڭ بىلەن يېڭىدىن "سوۋېت-خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى" ئىمزالاشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىلىپ، "ستالىننىڭ ئاخىرى ماۋ بىلەن خاپىلىشىپ قېلىشنى خالىمىغانلىقى، ئۇنىڭغا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا يەنە بىر چوڭ ئىتتىپاقچىنىڭ كېرەك بولغانلىقى" يەكۈنلىنىدۇ. بىراق، ستالىن ماۋنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.

تارىخىي مەنبەلەر، ماۋنىڭ ستالىنغا بولغان قورساق كۆپۈكىنىڭ ئاشۇ قېتىملىق زىيارەتتە ستالىننىڭ ئۇيغۇر ئېلى، موڭغۇلىيە ۋە مانجۇرىيە مەسىلىلىرىدە ئۇنى يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ستالىن ماۋغا باھا بېرىپ، "ئۇ كوممۇنىست بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا مىللەتچىلىك خاھىشى كۈچلۈك’ دېگەن يەكۈننى چىقارغان.

"ماۋ ۋە ستالىن" ناملىق مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئىككىنچى قىسمى بار بولۇپ، بۇنىڭدا ماۋنىڭ نېمە ئۈچۈن ستالىندىن نارازى بولغانلىقى، ماۋ بىلەن خرۇشېۋنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى پىلانى، كىمنىڭ خىتاينى ئاتوم بومبىسىغا ئىگە قىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت