تالىبان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

تالىبان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت 1998 - يىلى باشلانغان بولۇپ گەرچە بۈگۈنكى كۈندە بىۋاستە بولمىسىمۇ ۋاسىلىتىلىق ھالدا بۇ مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملشۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2009-12-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻨﺎ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻨﺎ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻨﺎ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻨﺎ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﻣﻪﻛﺘﻪ.
AFP Photo

بولۇپمۇ تالىبان رەھبەرى موللا ئۆمەرنىڭ روزى ھېيىت تەبرىك تېلېگىراممىسىدا خوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ياخشى مۇناسىۋەت ئۆرنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى تالىباننىڭ خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ ئېنىق ئىپادىسىدۇر دەپ قارالماقتا.

31 - نويابىر كۈنى پاكىستاننىڭ "ئائاج دائىلي" ناملىق كۈندىلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ئانالىزدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەبۇ يەھيا ئەللىيبى ئىسىملىك ئەلقائىدىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر رەھبىرىنىڭ 6 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان "ئۇنۇتۇلغان يارا شەرقىي تۈركىستان" ناملىق سىنئالغۇ لېنتىسىدا، تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەرنىڭ خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش يولىدىكى بىر قىسىم چاقىرىقلىرىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن.
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻨﺎ
ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯩﻨﺎ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ. AFP

لىنتىدا ئەبۇ يەھيا ئەللىيبى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھېمايە قىلىشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە خىتاينى خوش قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ "كاپىرلىق" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەسلىدە، تالىبان رەھبىرى موللا ئۆمەر، روزا ھېيىت تەبرىك تېلېگراممىسىدا، خوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ياخشى مۇناسىۋەت ئۆرنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، تالىبان رەھبىرىنىڭ بۇ سۆزىگە ناھايىتى ئېغىر شەكىلدە رەددىيە بەرگەن ئەبۇ يەھيا ئەللىيبى مەزكۇر سىنالغۇدا، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى كېرەكلىكىنى قاتتىق تەكىتلىگەن. شۇنداقلا كىمىكى، خىتايغا ياخشىچاق بولۇشنىڭ كويىغا كىرىدىكەن ئۇنىڭ "كاپىر" ھېسابلىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر تالىبانلارنىڭ 1999 - يىلىدىن تارتىپ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ كەلگەلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەتنىڭ بۈگۈنمۇ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچى ژورنالىست ئازاتجان بۇغرا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (6)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﭽﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯘ "ﻛﺎﭘﯩﺮ" ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯘ. ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻧﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﺴﯩﺎ ﯬ ﻤﻪﺱ

Dec 24, 2009 02:55 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﭽﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﯘ "ﻛﺎﭘﯩﺮ" ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯘ. ﺗﺎﻟﯩﺒﺎﻧﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪﺴﯩﺎ ﯬ ﻤﻪﺱ

Dec 24, 2009 02:47 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﯪﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯪﻟﻼﻫ، ﯰﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﯩﻼ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻛﯜﺗﯜﺷﻨﯩﯔ ﯲﺯﻯ ﯬﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻖ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻫﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﯰﺭﯗﻧﯘﺵ
ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺩﺍﻏﺪﺍﻡ ﻳﻮﻟﻰ.

Dec 23, 2009 07:47 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

11 ـ سىنتەبىر ۋەقەسىدىمۇ خىتاينىڭ قولى بولىشى مۇمكىن. ھازىر تالىباننىڭ بىردىنلا كۈچلىنىپ كېتىشىدىكى سىرنىمۇ يەنە خىتايدىن ئىزدەش لازىم.

Dec 23, 2009 12:52 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

11 ـ سىنتەبىر ۋەقەسىدىمۇ خىتاينىڭ قولى بولىشى مۇمكىن. ھازىر تالىباننىڭ بىردىنلا كۈچلىنىپ كېتىشىدىكى سىرنىمۇ يەنە خىتايدىن ئىزدەش لازىم.

Dec 23, 2009 12:51 PM

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

تولۇق بەت