ياپونىيە ئىمپېرىيىسى توپلىغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماتېرىياللار (2)

2007-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ياپونىيە ئالىمى جۇن سۇگاۋارانىڭ " ياپونىيە ئىمپېرىيىسى ۋە ئۇيغۇرلار " ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياپونىيە ئاسىيا تارىخىي ماتېرىياللىرى مەركىزى تۈزگەن توققۇز توملۇق مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىغا ئائىت ماتېرىياللار توپلىمىدا يەنە 1937-يىلى گېنېرال ماھمۇت مۇھىتى شېڭ شىسەينىڭ سۇيىقەستىدىن قۇتۇلۇپ، چەت ئەللەردە كۈچ توپلاپ، قايتىدىن مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قوزغاش مەقسىتىدە ھىندىستانغا چىقىپ كېتىپ، ئۇ يەردە ئىككى يىل تۇرغاندىن كېيىن 1939-يىلى باشقا 14 كىشىنى ئېلىپ ياپونىيىگە كېلىپ، پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن ئۇچۇرلارمۇ بار.

جۇن سۇگاۋارانىڭ يېزىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ماھمۇت مۇھىتىنىڭ توكيودىكى ۋە خۇخخوت قاتارلىق جايلاردىكى پائالىيەتلىرىنى يېقىندىن كۆزەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە خېلى يېتەرلىك مەلۇماتلار مەۋجۇت. بۇ ماتېرىياللار ماھمۇت مۇھىتىنىڭ 1939-يىلىدىن تاكى ۋاپات بولغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىش ھەرىكەتلىرى جۈملىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىشتە مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگىدۇر.

ياپونىيىدە ئۆيلەنگەن توختى باينىڭ ھېكايىسى

جۇن سۇگاۋارانىڭ يېزىشىچە، ياپونىيە دائىرىلىرى ماھمۇت مۇھىتىنىڭ قەشقەردىكى چېغىدىلا ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆزەتكەن بولۇپ، ھەتتا ياپونىيە ئەينى ۋاقىتتا شىڭ شىسەينىڭ قەشقەردىكى ئاتلىق دىۋىزىيىگە ئەۋەتكەن بۇيرۇقى ۋە ماھمۇت مۇھىتىنىڭ سۈرىتىگىچە قولغا چۈشۈرۈۋالغان. ياپونىيە دائىرىلىرى ماھمۇت مۇھىتىنىڭ جۇڭگو ئەلچىخانىسى بىلەن ئۇچرىشىشىنى كۆزىتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشىگە يول ئاچقان.

بۇ توپلامدا ماخمۇت مۇھىتىنىڭ 1939-يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيىگە كەلگەنلىكى ئېيتىلغان بولۇپ، توپلامدا مەزكۇر 15 كىشىنىڭ ئىسمى ئۇچرايدۇ. ماخمۇت مۇھىتىدىن قالسا، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2-نومۇرلۇق شەخس باي ئەزىزى، ئۇنىڭدىن قالسا ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس سۈپتىدە توختى باي بولۇپ، ئۇ ياپونىيىلىك ئايالغا ئۆيلەنگەن ھەمدە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيىدە مۇساپىرچىلىقتا ياشاپ، 1955-يىلى كېسەل بىلەن توكيودا ۋاپات بولغان. ئۇ سۆزلەپ بەرگەن ئۇنىڭ قەشقەردىكى باياشات ھاياتى، قەشقەرنىڭ ئەھۋالى ۋە باشقا مەسىلىلەرگە ئائىت مەلۇماتلار 2- جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان.

ماھمۇت مۇھىتى ياپونىيىدىن ئۈمىد ئۈزگەن

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، توپلامدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماتېرىياللار 1939-يىلىدىن كېيىن ئازىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى داۋاملاشتۇرمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى بۇ چاغدا، ياۋروپادا ئۇرۇش پارتلىدى، ئارقىدىنلا تىنچ ئوكياندا ئۇرۇش يۈز بەردى.

شۇ ۋەجىدىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چولىسى تەگمىدى. جۇن سۇگاۋارانىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئەنە شۇ سەۋەبتىن ماھمۇت مۇھىتى ياپونىيىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، جۇڭگوغا كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ماھمۇت مۇھىتىمۇ توختى باي بىلەن مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىنى ياپونىيىدە قالدۇرۇپ، باشقا 13 كىشىنى ئېلىپ جۇڭگوغا قايتىپ، بېيجىڭدىكى قۇمۇل ۋاڭ سارىيىدا تۇرغان. كېيىن خۇخخوتقا بېرىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى قوي بېقىپ تىرىكچىلىك قىلىشقا تىرىشقان.

ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ئورنى تاكېچى سارىيى

بۇ چاغدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىۋاسىتە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلمىسىمۇ، لېكىن ياپونىيىنىڭ خىتاينىڭ شىمالىدىكى بەزى ئورگانلىرى ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرغان. مەسىلەن مانجۇرىيە تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ تاكېچى ئىسىملىك بىر ئادىمى دائىم خۇخخوتقا بېرىپ، ماخمۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرغان. ئۇ 1943-يىلى خوخخوتقا تاكېچى سارىيى دەپ ئاتالغان بىر ئورۇن قۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار دائىم بۇ يەرگە كېلىپ قونۇپ يۈرگەن. گەرچە تاكېچى سارىيى مانجۇرىيە تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ شۆبىسى بولسىمۇ، لېكىن تاكېچى ئەپەندى ئۇيغۇرلار بىلەن داۋاملىق ئارىلىشىپ، ئۇلاردىن كۆپ مەلۇماتلارنى ئىگىلىگەن.

ياپون ئالىمى جۇن سۇگاۋارانىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، تاكېچى سارىيىنىڭ قۇرۇلۇپ، تاكېچى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىشى تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس بولۇپ، ئاپتورنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇنىڭدا بىر سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش بار يەنى بۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى چىڭ سۇلالىسى يولغا قويغان " شىمالىي جۇڭگونى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىچكى موڭغۇلىيىنى ساقلاپ قېلىش، ئىچكى موڭغۇلىيىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭنى ساقلاپ قېلىش" دېگەن ساۋاقنى قوبۇل قىلغان.

ياپونىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئەڭ قىزىققان ۋاقتى 1933- 1938-يىللىرى

1945-يىلى ياپونىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى توختاپ قالغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان كىشىلەرمۇ ئازلاپ كەتكەن.

ئومۇمەن، ياپونىيە ئالىمى جۇن سۇگاۋارانىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ئەڭ قىزىققان ۋاقتى دەل 1933-1937-يىللىرى بولۇپ، 1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ياپونىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ زېمىنگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى قوزغاتقان.

بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ياپونىيىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى قوللىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى يوقىتىپ، ئەكسىچە شېڭ شىسەينى يۆلەپ تۇرغۇزۇش تاكتىكىسىنى بەلگىلىگەن ھەمدە شىڭشىڭشادا 8-قىزىل ئارمىيە پولكىنى تۇرغۇزۇپ، ياپونلارنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشىنى توسماقچى بولغان ئىدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت