تاتارىستان ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىدىن كېيىنكى نۆۋەتتىمۇ؟

ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن سابىق يۇگوسلاۋىيىگە تەۋە قارا تاغ ۋە كوسوۋا مۇستەقىللىق جاكارلاپ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق ئەزاسىغا ئايلىنىش بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا بولدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008-09-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 11 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺳﺴﯩﯧﺘﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﭼﺎﻗﻼﭖ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﻪ ﺗﺎﻧﻜﯩﺴﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 11 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺳﺴﯩﯧﺘﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ، ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﭼﺎﻗﻼﭖ ﺗﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﮔﺮﯗﺯﯨﻴﻪ ﺗﺎﻧﻜﯩﺴﻰ.
AFP Photo

 مانا ئەمدى خۇددى ئەشۇ قارا تاغ ۋە كوسوۋاغا ئوخشاشلا ئاز سانلىق نوپۇسقا ھەم كىچىك زېمىنگە ئىگە ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيە رۇسىيىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشى ئاستىدا مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈردى.

گەرچە، بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت تېخى خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسىمۇ لېكىن بەرىبىر ئۆزلىرىنى مۇستەقىل دۆلەت دەپ تونۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يوللىرىنى ئىزدىمەكتە شۇنىڭدەك ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ رۇسىيىدىكى باشقا مىللەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئىككى خىل قاراش

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كرېمىل 26 - ئاۋغۇست كۈنى ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، ئارقىدىن 9 - سېنتەبىر كۈنى يەنە رەسمىي رەۋىشتە ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، دىپلوماتىك ئالاقە باياننامىلىرى ئالماشتۇرغان ھەمدە بۇ جايلاردا ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رۇسىيىدىكى " گازېتاسڭ.رۇ" تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى نىكاراگۇئا دۆلىتى بىلەن "ھاماس" تەشكىلاتى ئېتىراپ قىلغان. بىراق، رۇسىيىنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن تەڭ مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشى رۇسىيە بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى، رۇسىيە ئانالىزچىلىرى ئارىسىدىمۇ ئاساسلىقى ئىككى خىل قاراشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولدى.

بۇلارنىڭ بىرى موسكۋانىڭ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، رۇسىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، رۇسىيە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي كاۋكازىيىدىكى تەسىر كۈچىنى مۇستەھكەملەپ، غەربنىڭ رايوندىكى تەھدىتىنى ئاجىزلاتتى دېگەن قاراش بولسا، يەنە بىرى بۇنىڭ ئەكسىچە، رۇسىيىنىڭ مەزكۇر ئىككى جاينى گرۇزىيىدىن ئايرىپ، مۇستەقىل قىلىشى ئەمەلىيەتتە كاۋكازىيىدىكى بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىمسىزلىقنى ھەتتا رۇسىيىنىڭ باشقا مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭمۇ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ دېگەن قاراشتۇر.

نۆۋەت تاتارلارغىمۇ؟

" نيۇ-يورك ۋاقتى" گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، موسكۋا ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن تاتارىستان ھەم باشقۇرتىستاندىمۇ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش خاھىشلار كۈچەيگەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاتارىستاندىكى مىللەتپەرۋەرلەر بىرلىكى ھېسابلىنىدىغان " پۈتۈن تاتار جەمئىيەتلىرى مەركىزى" دەپ ئاتالغان تەشكىلات ماقالە ئېلان قىلىپ، رۇسىيىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۆز پۇقرالىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتچىلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى"، ئەمدىكى نۆۋەتنىڭ تاتارلارغىمۇ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. بۇنداق مەزمۇندىكى ماقالىلار قازاندىكى ئۆكتىچى گېزىتلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ" تورىنىڭ يېزىشىچە، تاتارىستان بىلەن قوشنا باشقۇرتىستاندىكى ئاممىۋى تەشكىلات " كۆك بۆرە" ھەرىكىتى باياناتنامە ئېلان قىلىپ، كرېمىل ھۆكۈمىتىدىن باشقۇرتىستان خەلقلىرىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقىنى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەگەر موسكۋا بۇ تەلەپنى ئورۇندىمىسا، ئاممىۋى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. "كۆك بۆرە" تەشكىلاتى موسكۋا ھۆكۈمىتىدىن باشقۇرت تىلىنى بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت تىلى قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇمكى، شىمالىي كاۋكازىيە بىلەن بىر تۇتاش كەتكەن ۋولگا - ئۇرال بويلىرىدىكى تاتارىستان ھەم باشقۇرتىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە مۇستەقىللىق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىكىر ئېقىملىرى ئەزەلدىنلا مەۋجۇت. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، سابىق پرېزىدېنت بورىس يېلتسىن تاتارىستانغا مۇستەقىللىقتىن باشقا ھەممە ھوقۇقلارنى بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇق سالاھىيىتى باشقا جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىغاندا يۈكسەك ئاپتونومىيە خاراكتېرىغا ئىگە. 90 - يىللاردىن تارتىپ، تاتارىستاندا مۇستەقىللىق پىكىرلىرى مەيدانغا كەلگەن ۋە بۇ ئىدىيىنى تىنچلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغان پارتىيە - تەشكىلاتلار ئۆز تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ يېنىدا يەنە باشقا جۇمھۇرىيەتلەر بار

بۈگۈنكى كۈندە كاۋكازىيىدە ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، گرۇزىيە، ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىدىن ئىبارەت بەش مۇستەقىل دۆلەت پەيدا بولدى. ئەسلىدە پەقەت بىرلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زېمىنى بولۇپ كەلگەن بۇ جايدا بۈگۈنكى كۈندە بىراقلا بەش دۆلەتنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدە يەنىلا رۇسىيە بىۋاسىتە رول ئوينىدى. ئەمما، كاۋكازىيىنىڭ رۇسىيىگە تەۋە قىسمىدا بولسا يەنە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان چېچىنىيە شۇنىڭدەك يەنە ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، دۆلەت بايرىقى، دۆلەت قانۇنىي بار، موسكۋا بىلەن فېدېراتسىيىلىك كېلىشىمگە ئىمزا قويغان تۈركىي ۋە كاۋكاز تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قاباردىنو - بالقار جۇمھۇرىيىتى، داغىستان جۇمھۇرىيىتى، ئىنگۇش جۇمھۇرىيىتى، قارا چاي - چېركەس جۇمھۇرىيىتى ھەمدە شىمالىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت. بۇ جايلار ئوخشاشلا بۆلۈنۈش كەيپىياتىغا ئىگە، ئىسلام ئېتىقادى ۋە مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك، ناھايىتى نازۇك نۇقتىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئابخازىيە ھەم جەنۇبىي ئوسسېتىيىگە ئوخشاش 10 نەچچە يىلدىن بېرى ئۆزىنى مۇستەقىل دەپ جاكارلاپ، ھېچقايسى دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلماسلىقىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئارىسىدىكى تاغلىق قارا باغ جۇمھۇرىيىتى، مولداۋىيە تەۋەسىدە پرېدنېستروۋىيا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق جايلار بار. بۇ ئىككى نۇقتىدا ئوخشاشلا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدا قانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، رۇسىيىنىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن ئۇرۇش توختىغان ئىدى. مەزكۇر ئىككى جايدىمۇ تولۇق مۇستەقىل بولۇش ۋە ياكى رۇسىيىگە قوشۇلۇپ كېتىش پىكىر ئېقىملىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار رۇسىيىنىڭ بۇ رايونلار تەۋە بولغان ھۆكۈمران دۆلەت بىلەن ئوينايدىغان سىياسىي مۇناسىۋىتىدە بەلگىلىك رول ئويناپ كەلمەكتە.

رۇسىيە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تەيۋەن، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچىمۇ پۈتۈشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدۇ. موسكۋا ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان بىلەن، ئەمما تېخىچە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇمىغان.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت