دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تەد كېننېدىينىڭ ھايات مۇساپىسى

77 يېشىدا مېڭىسدىكى ئۆسمە سەۋەبلىك ھايات بىلەن ۋىدالاشقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تەد كېننېدىينىڭ ئۆلۈم خەۋىرى پەقەت ئامېرىكىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادا زور تەسىر قوزغىدى. ئامېرىكىدىكى مۇھىم دۆلەت ئەربابلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەت لىدېرلىرى ئارقا - ئارقىدىن تەزىيە تېلىگراممىلىرى يوللاپ، ئۇنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك باھا بەردى.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺗﻪﺩ ﻛﯧﻨﻨﯧﺪﯨﻴﻨﯩﯔ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻛﺎﺭﻭﻟﯩﻦ ﻛﯧﻨﻨﯧﺪﯨﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺗﻪﺩ ﻛﯧﻨﻨﯧﺪﯨﻴﻨﯩﯔ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﻠﯩﻤﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ، ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ﻛﺎﺭﻭﻟﯩﻦ ﻛﯧﻨﻨﯧﺪﯨﻲ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
AFP Photo

ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوباما بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: "بىرلىكتە ئۆتكەن يىللار بويىچە، خىزمەتدىشىم، مەسلىھەتچىم ۋە دوستۇم بولغان تەد كېننېدىينىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تولىمۇ قايغۇردۇم. 50 يىلدىن بېرى ئىنسان ھەقلىرىنى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ساغلاملىق خىزمەتلىرى ۋە ئىقتىسادى سەۋىيىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا خىزمەت قىلغان ئىدى. نۇرغۇن مۇھىم قانۇنلارنىڭ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان كىشى ئىدى. تارىخىمىزدىكى مۇھىم بىر سەھىپە يېپىلغان بولدى."

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى گوردون بروۋىنمۇ تەد كېننېدىگە باھا بېرىپ: "تەد كېننېدىي ئۈچۈن پەقەتلا ئامېرىكا ئەمەس، پۈتۈن قىتئەلەردە ماتەم بولىدۇ. ئۇ مائارىپ ۋە ساغلاملىق خىزمەتلىرى جەھەتتە دۇنياغا باشلامچى بولدى. ئۇ ھەر بىر بالىنىڭ تالانتلىرىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشى كېرەكلىكىگە ئىشىنەتتى،" دېدى.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن جون كېننېدىينىڭ قېرىندىشى بولغان تەد كېننېدىي دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بولغان 50 يىلدىن بېرى داۋاملىق ھالدا ئېزىلگەنلەر، ھەقسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە يوقسۇللار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ھايات مەزگىلىدە دۇنيادىكى پاناھلانغۇچىلارنىڭ ھەقلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، 1980 - يىللاردا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئېرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى قانۇن چىقىرىلىشىدا زور كۈچ چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى، ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشچىسى نېلسون ماندىلامۇ بايانات ئېلان قىلىپ، بىر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى كۈرەشچىسىنى يوقاتقانلىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

1932 - يىلى بوستوندا دۇنياغا كەلگەن تەد كېننېدىي 9 بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى. ئۇ 1962 - يىلى ماسساچۇتېس شىتاتىدىن سايلامغا قاتنىشىپ دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بولغان. 1963 - يىلى ئۇنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغان ئاكىسى جون كېننېدىي سۇيقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن. 1968 - يىلىدا يەنە بىر ئاكىسى روبېرت كېننېدىيمۇ دېموكرات پارتىيىسىنىڭ پرېزىدېنتلىقى ئۈچۈن سايلام پائالىيەتلىرى قىلىۋاتقاندا سۇيقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن ۋە ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئاكىسى، ئۇچقۇچى جو كېننېدىي ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

50 يىلدىن بېرى دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن تەد كېننېدىي ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مۇھىم ئىسىملىرىدىن بىرى. ئۇ سىياسىي ھاياتىدا ھەر دائىم ئەركىنلىكنى، ئوچۇق پىكىرلىكنى ياقىلاپ كەلگەن. ئۇ يالغۇز دېموكراتچىلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى باشقا سىياسى كۆز قاراشتىكىلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۇنىڭ سايىسىدە ئىشچى ۋە كۆچمەنلەر ھەققى، مائارىپ، تاشقى سىياسەت ۋە پۇرسەتتە باراۋەرلىك بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ئائىلىسى ۋە خىزمەتداشلىرى تەد كېننېدىينى "ئىشچىلارنىڭ، يوقسۇللارنىڭ ۋە مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى" دەپ تەرىپلىدى.

تەد كېننېدىي ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىمۇ زور تەسىر قوزغىغان بىر ئىسىم بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئۇرۇش قىلىشىغا قاتتىق قارشى چىققان ئىدى. 2002 - يىلىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىراققا ئۇرۇش قوزغاش ياكى قوزغىماسلىق توغرىسىدىكى راي سىناشتا قارشى ئاۋاز بەرگەن ۋە بۇنى " ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەرگەن ئەڭ توغرا قارارىم" دېگەن ئىدى.

ئۇ، ھازىرقى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوراك ئوبامانىڭمۇ مۇھىم قوللىغۇچىسىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ قۇرۇلتايدا قىلغان سۆزىدە ئوبامانىڭ يېڭى دەۋر لىدېرلىرىگە ۋە يېڭىلىققا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى.

ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان تەد كېننېدىينىڭ جەسىتى ھازىر بوستوندىكى جون كېننېدىي كىتابخانىسىگە زىيارەتكە قويۇلغان بولۇپ، ھەر كۈنى مىڭلىغان كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى زىيارەت قىلىپ تەزىيە بىلدۈرمەكتە. تەد كېننېدىينىڭ دەپنە مۇراسىمى شەنبە كۈنى بوستوندا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، دەپنە مۇراسىمىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى براك ئوبامامۇ سۆز قىلىدىكەن. تەد كېننېدىي ۋاشىنگتوندىكى ئارلىڭتون مىللىي يەرلىكىدە ئاكىلىرى جون كېننېدىي ۋە روبېرت كېننېدىيلارنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىدىكەن.

تولۇق بەت