تىبەتلەر قارلىق تاغدا شىر بەلگىلىك دۆلەت بايرىقىنى پۈتۈن دۇنيادا لەپىلدەتتى (1)

2008-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

Tibet-HorseFlag-200.jpg
ئاتلىق ۋە پىيادە تىبەتلىكلەر ناھىيە بازىرىغا شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن. Youtube دىن ئېلىندى. Source: Youtube

بۇ يىل 3 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتكە كېلىپ، 1959 ‏- يىلىدىكى تىبەت قوزغىلىڭى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 49 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە بولغان نارازىلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.

مۇشۇ كۈندە، ھىندىستاننىڭ دارامسالادا تۇرۇۋاتقان تىبەت ياشلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق كىشى بىۋاستە ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتۈپ ئۆز ئانا ۋەتىنى تىبەتكە قايتىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى. نېپالدا تۇرۇۋاتقان 1000 دىن ئارتۇق تىبەت مۇھاجىرلىرى خىتاينىڭ نېپالدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا كېلىپ نامايىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ دېموكراتىك تەلەپلىرىنى ئىپادىلىدى. گرېتسىيىنىڭ ئولىمپىيە شەھىرىدىمۇ، تىبەت ياشلىرى تىبەت ئولىمپىك مەشئىلى يېقىپ، 20 نەچچە دۆلەت ئارقىلىق ئاخىرىدا تىبەت چېگرىسىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دەل مۇشۇ كۈندە، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى بولغان لاسا شەھىرىدىمۇ، جېباڭ ئىبادەتخانىسىدىن 300 نەپەر دىنىي زاد كوچىغا چىقىپ، تىبەت قوزغىلىڭى باستۇرۇلغانلىقىنىڭ 49 يىللىقىنى خاتىرىلەپ نامايىش قىلدى. نامايىشقا چىققان لامالارنى خىتاي ساقچىلىرى داچاۋ ئىبادەتخانىسى ئالدىدا ۋە لاسا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئالدىدا توسۇۋالدى. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تىنچ شەكىل بىلەن ئۆز پىكىر-تەلەپلىرىنى ئىپادىلىگەن دىنى زاتلاردىن ئونلىغان كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ۋە يۈزلىگەن كىشىنى تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلىدى.

بۇنىڭدىن 49 يىل بۇرۇن مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە، يەنى 1959 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى، لاسا قاتارلىق شەھەرلەردە تىبەتلەر 'قارلىق تاغدا شىر' بەلگىلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ، خىتاينىڭ ساختا ئاپتونومىيىسىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلغان ئىدى. ماۋ زېدۇڭنىڭ كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تىبەت خەلقىنىڭ مىللىي تەلەپلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ باردى. لاسا رايونىدىلا 8 مىڭغا يېقىن تىبەتلىكنى ئۆلتۈردى. تىبەتنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە دىنى داھىسى دالاي لاما ئۆز يۇرتىدىن قوغلىنىپ مۇھاجىرەتكە ئاتلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ماۋ زېدۇڭ تىبەتتە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختاتمىدى. 1966 ‏- يىلىغا كەلگەندە، ماۋ زېدۇڭ تىبەتتە كەڭ كۆلەملىك خىتايلاشتۇرۇشنى باشلاش ئۈچۈن، تىبەتنىڭ يەنە بىر دىنىي داھىسى پەنچىن لامانى تۈرمىگە قامىدى.

تىبەتتە بۇنداق كەڭ كۆلەملىك نامايىش 1989 ‏- يىلى 3 ‏- ئايدا يەنە يۈز بەردى. تىبەتنىڭ 'قارلىق تاغدا شىر' بەلگىلىك بايرىقى لخاسادا يەنە لەپىلدىدى. بۇ قېتىمدا تىبەت دىنىي زاتلىرى كوممۇنىست خىيانەتچىلىرىگە قارشى تۇرۇش شۇئارىنى توۋلىغان ئىدى. 120 مىڭ تىبەت قاتناشقان بۇنداق كەڭ كۆلەملىك تىنچ نامايىشنى، خىتاي ھۆكۈمىتى 15 مىڭ ئەسكەر ۋە ساقچى ئەۋەتىپ باستۇردى. ئەينى ۋاقىتتا خۇ جىنتاۋ تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ئىدى.

بۇ يىل 2008 ‏- يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى، خۇ جننتاۋ بېيجىڭدىكى ئىككى چوڭ يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلاندى'، دەپ جاكارلانغان ۋاقىتتا، لخاسا شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بەردى. تىبەتنىڭ 'قارلىق تاغدا شىر' بەلگىلىك بايرىقى يەنە بىر قېتىم لخاسا ئاسمىنىدا لەپىلدىدى. خۇ جىنتاۋ تىبەتلەرنىڭ مىللىي تەلەپلىرىنى يەنە بىر قېتىم قوپاللىق بىلەن رەت قىلىپ باستۇردى. مۇشۇ كۈندە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تىبەتلەرمۇ، ئۆزى تۇرغان دۆلەتلەردە قوزغىلىپ، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوراللىق باستۇرۇلغان دەھشەتلىك كۈنلەرنى ئەسلەپ نامايىش قىلدى. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى باشتىن ‏- ئاخىر ئانى تېپىپ كېلىۋاتقان تىبەتلەرنىڭ، ئالقىنىدا قۇرۇت ئۆلمەيدىغان لامالىرىمۇ قاتتىق غەزەپكە كەلدى، ئۇلارنىڭمۇ مۇشتى قاتتىق تۈگۈلدى.

'خىتايغا نەزەر' تور بېتىنىڭ مۇخبىرى تيەنلى ئەپەندى بۇ يىلقى تىبەت ھەرىكىتىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، بۇرۇنقىلارغا سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن 'قارلىق تاغنىڭ شىرلىرى بۇ يىل قاتتىق ھۆركىرىدى، جوڭنەنخەي قاتتىق سىلكىندى' دەپ تەسۋىرلىدى.

' كۆزىتىش جۇرنىلى' نىڭ بۈگۈنكى سانىدىمۇ، تىبەتتە بىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلەر ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قانداق باستۇرغانلىقى تەسۋىرلەپ بايان قىلىنغان بىر ماقالە بېسىلدى. "لخاساغا تەڭلىگەن نەيزە" دېگەن بۇ ئەسلىمىنى، تىبەتتە ئۇزۇن يىل مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن، ئەمما ئۆزىنىڭ بەزى ئەركىن پىكىرلىرى بەدىلىگە 4 يىل تۈرمىدە ياتقان، ھۆكۈمەت قاتلىمىنىڭ ۋە يەرلىك خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ياخشى بىلىدىغان تاڭ داشيەن ئەپەندى يازغان ئىدى. ئۇ مەزكۇر ئەسلىمىسىدە 1989 ‏- يىلى لخاسادا يۈز بەرگەن قوراللىق باستۇرۇشنىڭ جەريانىنى ۋە تىبەت -خىتاي مەدەنىيەت توقۇنۇشىنىڭ سەۋەبلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنى بايان قىلغان. (داۋامى بار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت