سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى قوزغىدى

2008-01-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويېترس ئاگېنتلىقى" تىبەت ياشلىرى" تەشكىلاتى مەسئۇلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يېقىندا سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرىدىن 5 تەشكىلاتنىڭ، بېيجىڭ 2008 ‏- يىلى ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن، ھىندىستاننىڭ درامسالا شەھىرىدىن تىبەتنىڭ پايتەختى لاخساغا پىيادە يېتىپ بېرىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادە قىلىش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سۈرگۈندىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى قوزغىغان مەزكۈر نارازىلىق ھەرىكىتى، 10 ‏- مارت كۈنى رەسمىي پائالىيەت باشلاشتىن سىرت يەنە، تىبەتنىڭ داھىسى دالاي لاما باشچىلىقىدا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان " تىبەت قوزغىلىڭى" نىڭ49 يىللىقىنى خاتىرىلەشنىمۇ بىرگە ئېلىپ بارىدىكەن.

تىبەت ياشلىرى تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق تىبەتلەرنىڭ ئۇلار تەشكىللىگەن بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە لايىق ئەمەسلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلدى. مەركىزى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى " خەلقئارا تىبەتنى ھىمايە قىلىش " تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى رېنشىن زاشى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرۇۋەتمەسلىك ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن، رېنشىن زاشى سۆزىدە مۇنداق دېدى": ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىكنىڭ ئادەتتىكى بىر تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ، ئولىمپىك پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە ئەڭ چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى يالغۇز تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشتە ئىپادىلىنىپلا قالماي، ئۇ يەنە تېنچلىق، گۈزەللىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ قىممىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ."

رېنشن داشى "خىتاي ھۆكۈمىتى، 30 ‏- يىللىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا گېرمانىيىنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قارشىلىق كۆرسەتكەن، بۇ دەل مەسىلىنىڭ سىياسەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئاڭقىرالماي كېلىۋاتقان مۇھىم بىر نۇقتا. مۇشۇنداق شارائىتتا ئەگەر مەن ئولىمپىكنىڭ سىياسەت بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دېسەم، ئەلۋەتتە بۇ توغرا تەھلىل يۈرگۈزەلمىگەنلىكىمنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ " دەپ كۆرسەتتى.

تىبەتلەرنىڭ پىيادە مېڭىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالغان رېنشىن داشى مۇنداق دەيدۇ : " ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ پىيادە مېڭىش پائالىيىتىمىزنىڭ ئەسلى مەقسىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، جۇڭگو دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئۇ يەردە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش تەبرىكلەشكە تېگىشلىك بىر ئىش، جۇڭگو خەلقى دۇنيا مىقياسى بۇيىچە ئالىي ھېسابلانغان مۇشۇنداق چوڭ مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈشكە لايىق، بىراق ھازىرقى مەسىلە ئولىمپىك ئۆتكۈزۈۋاتقان جۇڭگو خەلقى ئەمەس بەلكى جۇڭگو ھۆكۈمىتى، چۈنكى جۇڭگو بىر مۇستەبىت ھاكىمىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل سىياسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرەلمەي، بېسىم ھەمدە ئېكسپىلاتاتسىيە ئاستىدا ياشىماقتا."

رېنشىن داشى سۆزىدە يەنە، جۇڭگونىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقنى چوقۇم ياخشىلاش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:" جۇڭگو ئولىمپىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى چوقۇم ياخشىلاش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. بىراق، ئۇلار ئولىمپىك مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشىۋېلىپلا بۇ جەھەتتە ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش ياسىمىدى. ئەكسىچە تىبەتتىكى ئەھۋاللار ئىنتايىن ناچار بولۇپ، تىبەت خەلقىنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى بولمىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ ئازراق ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى ئىپادىلەپ قويۇپ، بۆلگۈنچى قالپىقى بىلەن ئەيىبلىنىشىدىن ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان تىبەتلەر، تىبەتتە زۇلۇم چېكىۋاتقان خەلقنىڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشنى ئىنتايىن ئەقەللى ۋە ئاددىي بىر ئۇقۇم دەپ قارايدۇ."

رېنشىن داشى 10 ‏- مارت پىيادە مېڭىش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى:" بۇ يىل 10 ‏- مارت كۈنى تىبەت خەلق قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى، 1951 ‏- يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەت ھۆكۈمىتى ' 17 ماددىلىق كېلىشىم' گە قول قويغان بولۇپ، بۇ تىبەت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى كېلىشىم ھېسابلىنىدۇ. مەزكۈر كېلىشىمدە ' تىبەت، جۇڭگونىڭ بىر قىسمى، بىراق تىبەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، دالاي لاما بىلەن بەنچەن لامانىڭ ئورنى ئۆزگەرمەيدۇ ' دېيىلگەن، ئەمما 1959 ‏- يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى كېلىشىم بۇيىچە قول قويۇلغان شەرتلەرنى قايرىپ قويۇپ، تىبەت خەلقىنىڭ ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىۋالدى. ۋەزىيەت ناچارلاشقاندىن كېيىن تىبەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بولۇپمۇ لاخسادا نەچچە يۈز مىڭلىغان تىبەت خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن دالاي لاما بىلەن نۇرغۇنلىغان تىبەتلىك ھىندىستان ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قېچىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇڭا تىبەت خەلقى 1959 ‏- يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى 10 ‏- مارت كۈنىنى، خاتىرىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم كۈن قىلىپ بېكىتتى."

بېيجىڭ 2008 ‏- يىلى 8 ‏- ئايدا بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە، لېكىن نۇرغۇنلىغان خەلقئارا تەشكىلاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىماسلىق قىلمىشلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىشماقتا.

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئېلىپ بارماقتا. بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىغا قاراتقان ئۆلۈم جازاسى شۇنىڭدەك تەن جازاسىنىڭ ئىنتايىن ۋەھشىيانە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇر سىياسىيونلىرى، بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە قىلچىمۇ لايىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت