ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بولغان تىبەتلەر نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى

2008-03-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

TibetUSDC-200.jpg
تىبەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، خىتاي دېموكراتلىرى ھەم ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان نامايىشچىلار ۋاشىنگتون كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توپلىنىپ نامايىش قىلغان. AFP Photo

يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشى بولۇپ ئۆتكەن.

تىبەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى، خىتاي دېموكراتلىرى ھەم ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان نامايىشچىلار ۋاشىنگتون كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، خىتاي باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توپلىنىپ نامايىش قىلغان. بۇ نامايىش بۇ يەردە شەنبە كۈنىمۇ، يەنى 15 - مارت، بولغان ئىدى.

بۇ نامايىشلارغا، ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە شۇئارلار توۋلاشتى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت