خىتاي تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 52 يىللىقىنى «دالاي لاما ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ، تىبەت يانچىلىرى ئازاد بولغان كۈن» دەپ خاتىرىلىدى

28-مارت دۈشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى لخاسا شەھىرىدە 3000 كىشىلىك يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، «بۇ كۈن تىبەتتە دالاي لاما ئاغدۇرۇلۇپ، تىبەت يانچىلىرى ئازادلىققا ئېرىشكەن كۈن» دەپ تەشۋىق قىلدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-03-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
راھىب ۋە راھىبە دارامسالادىكى بۇتخانىدا شاملارنى كۆتۈرۈپ سەۋەبسىز ئۆلگەن راھىبقا تەزىيە بىلدۈرمەكتە. 2011-يىلى 16-مارت.
راھىب ۋە راھىبە دارامسالادىكى بۇتخانىدا شاملارنى كۆتۈرۈپ سەۋەبسىز ئۆلگەن راھىبقا تەزىيە بىلدۈرمەكتە. 2011-يىلى 16-مارت.
AFP

دۈشەنبە كۈنى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تىبەتلەر 28-مارت كۈنى لخاسادىكى پوتالھا سارىيى ئالدىدىكى مەيداندا دالاي لاما يانچىلىق تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ 52 يىللىقىنى خاتىرىلىدى, دەپ خەۋەر بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تۈنۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلەنگەن بايام چىلىن تېلېۋىزوردا تەبرىكلەش نۇتقى سۆزلىگەن.

بايام چىلىن ئۆز بايانىدا، 1959-يىلى 28-مارتتىكى دالاي لاما قاتارلىقلار قوزغىغان تىبەت قوزغىلىڭىنى توپىلاڭ دەپ ئەيىبلىگەن. شۇنداقلا دالاي لاما تىبەتتىن ئايرىلغاندىن بۇيانقى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتىكى 52 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى مەدھىيىلەپ،«كوممۇنىست پارتىيە تىبەتتە ئەسلىدىكى دالاي لاما دەۋرىدىكى يانچىلىق تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تىبەت خەلقى ئازادلىققا ئېرىشتى. شۇندىن بۇيان تىبەت ئاپتونوم رايونى زور تەرەققىياتقا ئېرىشىپ، تىبەت خەلقى بەختلىك ياشاۋاتىدۇ» دېگەن.

مەركىزى نيۇيوركتىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلىنىڭ لېدىرى تېنزىن دورجېن دالاي لاما باشچىلىقىدا 59-يىلى تىبەتتە يۈز بەرگەن قوزغىلىڭىنىڭ 52 يىللىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا خاتىرىلىشىنىڭ تامامەن سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى تىبەتكە تىكىلگەن مۇشۇ كۈنلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەبرىكلەش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ تىبەتنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى، ئۇ يەردىكى تىبەت خەلقىنىڭ بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق غەرب دېموكراتىك ئەللىرى خىتاينى تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت تۈزۈمى سەۋەبلىك ئەيىبلەۋاتقان شارائىتتا، ئۆزىنى ئاقلاپ، تىبەت خەلقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ.»

تېنزىن دورجېن ئەپەندى تىبەتتە ياشاۋاتقان تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ قۇربانى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.

«شۇنداق، نۆۋەتتە تىبەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان تەقدىر-قىسمەت تامامەن ئوخشاش بولماقتا. 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بۇ زېمىنلارنى بېسىۋالغاندىن بۇيان، بۇ رايونلاردا بۇ يەرلەرنىڭ ئەسلى خەلقلىرى بولغان تىبەتلەر ھەم شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىغا قارىتا، ئېتىقاد، ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت، تىل-مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزدى. بۇ زېمىنلاردىكى بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلدى. بۇ زېمىنلارغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلار ھەم تىبەتلەرنى ئۆز زېمىنىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، ئۆز زېمىنىدىكى 2-دەرىجىلىك پۇقرالارغا ئايلاندۇردى. مانا ئەمدى بۇ مىللەتلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىشقا، بايلىققا تولغان بۇ زېمىنلارنى پۈتۈنلەي ئىگىلەشكە ئۇرۇنماقتا. شۇڭا مەن، بىز تىبەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقى ھەم كىشىلىك ھەق-ھوقۇقى جەھەتتىكى تەلىپى ئوخشاش دەپ قارايمەن.»

ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولغان موڭغۇل كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دۈگۈرجاپ ئەپەندى  1996-1997-يىللىرى تىبەتتە بىر مەزگىل تۇرغان. ئۇ ئەينى چاغدا تىبەت ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ دارامسالا رايونىغا كەتكەن بولۇپ، دۈگۈرجاپ ئەپەندى ئۆزى تىبەتتە كۆرگەن ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىدىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، تىبەت خەلقىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشۋىق قىلغاندەك بەختلىك ئەمەسلىكىنى، تىبەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئاسارىتىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەم موڭغۇللارغا ئوخشاشلا ئېزىلىۋاتقان مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتىكى شارائىت، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان مەزگىل دېيىشكە بولىدىكەن. چۈنكى، ئۆتكەن ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئوتتۇرا شەرقتىكى مىسىر، تۇنىس، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دېموكراتىك ئىنقىلابلارنىڭ خىتايدىكى تەسىرى، چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى كۈچلەردىن تىبەت، ئۇيغۇر ھەم خىتاي دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ جانلىنىشى، بولۇپمۇ تىبەتلەرنىڭ روھانىي ھەم سىياسىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي داھىيلىق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىپ، تىبەت ھەرىكىتىدە يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشى قاتارلىقلار خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىدىن تېخىمۇ ئەنسىرەش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويماقتا ئىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 52 يىللىق خاتىرە كۈنىدە «دالاي لاما تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈشى ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنىڭ تىبەت ھەم ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمرانلىقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى خەلقئاراغا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش مەقسىتىدە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت