تىبەتتىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى

2008-03-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

lhasa_streetsmoke-200a.jpg
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى لخاسا شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە نامايىش ۋە توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، سۈرەتتە، ئىس - تۈتەك باسقان كوچا ۋە خىتاي ھەربى ماشىنىلىرى. AFP Photo

تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسا شەھىرىدە دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ داۋام قىلىۋاتقان نامايىش، 5 - كۈنىگە كەلگەندە توقۇنۇشقا ئايلانغان. غەزەپلەنگەن تىبەتلىكلەر ساقچى ماشىنىلىرىغا تاش - كېسەك ئاتقان، ئەتراپتىكى دۇكانغا ئوت قويغان. ساقچى تەرەپ نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان. نەتىجىدە ئىككى نەپەر تىبەتلىك ئۆلگەن ۋە كۆپ ساندا كىشى يارىدار بولغان.

ئىككى نەپەر راھىبنىڭ قولغا ئېلىنىشى، ۋەقەنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان

نامايىش 10 - مارت كۈنى، يەنى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 49 - يىللىق خاتىرە كۈنى باشلانغان. خاتىرە كۈنىدىن بىر كۈن ئاۋال ئىككى نەپەر راھىبنىڭ قولغا ئېلىنىشى، ۋەقەنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولغان. دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە ئىبادەتخانىدىن چىققان 300 دىن ئارتۇق راھىب ۋە راھىبە لخاسا شەھەر مەركىزىدىكى ساقچى پونكىتىغا قاراپ ئاتلانغان. ئۇلارنىڭ بۇ پائالىيىتى ساقچىلارنىڭ توسقۇنلىقىغا ئۇچرىغان بولۇپ، 60 نەپەردىن ئارتۇق نامايىشچى قولغا ئېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن نامايىش تىبەتنىڭ لخاسادىن باشقا شەھەرلىرىگىمۇ كېڭەيگەن.

چىڭخەيدە ياشاۋاتقان تىبەتلىكلەرمۇ ئالدىنقى كۈنى نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، نامايىشتىن بىر كۈن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى چىن' گاڭ، مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، تىبەتتە بىر قىسىم كىشىلەر جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان قانۇنغا خىلاپ ھەركەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پەيشەنبە كۈنى ئۇ، ۋەقە ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا قايتا دۇچ كەلگەن. ئۇ سۆزىدە بىرقانچە كۈندىن بېرى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ توپىلاڭ پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە ۋەقەنىڭ بېسىقىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تىبەتتىكى ھۆكۈمەت ۋە قوراللىق قىسىمغا مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خەۋەرلەر، ۋەقەنىڭ تېخى بېسىقمىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە

lhasa_caronfire-200.jpg
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى لخاسا شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە نامايىش ۋە توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، سۈرەتتە، ئىس - تۈتەك ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ماشىنا. AFP Photo

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى جۈمە كۈنى لخاسا شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تېلېفون قىلغاندا، مەركەزدىكى بىر نەپەر خىزمەتچى ئۆزلىرىنىڭ يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش بىلەن ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئەمما ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رادىئومىزنىڭ تىبەت بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر تىبەتلىك، ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لوندوندىكى تىبەت تەشكىلاتى توقۇنۇشتا ئۆلگۈچىلەردىن بىرىنىڭ راموچى ئىسىملىك 16 ياشلىق راھىبە ئىكەنلىگىنى مەلۇم قىلغان.

نامايىشنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى

ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى خىتاينى سوغۇققان بولۇشقا ۋە قورال ئىشلەتمەسلىككە چاقىرغان. بۈگۈن ئاق ساراي باياناتچىسى ۋەقەگە ئىنكاس قايتۇردى. بۇ ئىنكاس مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: " بىز خىتايدا ئېتنىك مىللەتلەر ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان كېلىشمەسلىكلەردىن ئەندىشە ھېس قىلىۋاتىمىز. پرېزىدېنتىمىز بېيجىڭنىڭ تىبەت داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى بۇرۇنلا ئەسكەرتكەن. بۇ ئەسكەرتمىنى يەنە تەكرارلايمىز. خىتاي تىبەت مەدەنىيىتىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك."

توقۇنۇشقا ئىنكاس قايتۇرغان گېرمانىيە، بەدىلى نېمە بولسا بولسۇن، ھەر ئىككى تەرەپنى زوراۋانلىقتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈشنى ئىپادە ۋە سۆز ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ئەڭ ئەقەللىي ھەقلەرنىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ۋە ۋەقەنى ئەندىشە ئىچىدە ئىزچىل كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەنگىلىيە، تىبەتنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرى ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، تەرەپلەرنىڭ تىبەت مەسىلىسىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، تەرەپلەر ئارىسىدىن ئوق ئاۋازى چىقسا تەبىئىي ھالدا جىددىيلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگىلىيە باياناتچىسى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا يەنە مۇنداق دېگەن: " بىز ئەندىشىلرىمىزنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ۋە لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا يەتكۈزدۇق ۋە ۋەقەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن دوكلات تەلەپ قىلدۇق."

xiahe_gansu-200.jpg
3 - ئاينىڭ 14 - كۈنى لخاسا شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە نامايىش ۋە توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، سۈرەتتە، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى تىبەتلىكلەر نامايىشتا. AFP Photo

ۋەقە ھەققىدە بايانات بەرگەن كانادا، خىتاينىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىنى توسماسلىقىنى ھەم تىبەتتىكى ئىنسانى ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە نۆۋەتتە ساقچى قىسىملىرى لخاسا شەھەر مەركىزىنىڭ كوچىلىرىدا قاتناشنى توختاتقان، سودا ۋە ئىش - ئورۇنلىرى تاقالغان.

20 يىل ئىچىدىكى چوڭ ۋەقە

بۇ قېتىمقى توقۇنۇش تىبەتتە يېقىنقى يىگىرمە يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. تىبەتتە 1989 - يىلى بىر نۆۋەت چوڭ توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ئۇ چاغدىكى مۇستەقىللىق تەلىپى بىلەن قوزغالغان نامايىش، خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى تىبەت توقۇنۇشى ۋە خىتاي تەرەپ بىر ئۇيغۇر قىزى پەيدا قىلدى دەپ خەۋەر قىلغان ئايروپىلان پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا ئىككى چوڭ يىغىن ئېچىلىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى. يىغىندا دوكلات بەرگەن ۋېن جياباۋ خىتايدىكى بارلىق خەلقنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى.

خىتايدىكى ئولىمپىك شارائىتى ھەققىدە توختالغان خىتاي دائىرىلىرى خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈلۈشكە مۇناسىپ خاتىرجەم ۋە تىنچ جاي ئىكەنلىگىنى كوپ قېتىم تەكرارلىغان ئىدى. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر يېقىنقى ئىككى چوڭ ۋەقەنى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىگە چىراق يېقىپ بەردى دېيىشمەكتە. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت